خىتاي رىياسەتچىسى بى فۇجيەننىڭ ماۋ زىدۇڭنى مەسخىرە قىلىش ۋەقەسى مۇنازىرە قوزغىدى

0:00 / 0:00


خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى بى فۇجيەننىڭ يېقىندا دوستلار ئارا يىغىلىشتا، خىتاينىڭ سابىق رەئىسى ماۋ زېدۇڭنى مەسخىرە قىلغان سىنئالغۇ توردا تارقالغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ۋە ئاممىۋى تور بېكەتلىردە ۋەقەگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇلدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 100 مىڭدىن ئارتۇق تورداش ئىنكاس بىلدۈرگەن. بىر قىسىم تورداشلار فۇجيەننىڭ خىتاي داھىسىنى مەسخىرە قىلىشى خىتاينىڭ «دۆلەت ئوبرازىغا ھاقارەت كەلتۈرگەنلىك» دەپ ئۇنى قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلدى، يەنە بىر قىسىم تورداشلار بولسا ئۆز - ئارا ئولتۇرۇشتا بولغان چاقچاقنى پرىنسىپقا كۆتەرمەسلىكنى تەشەببۇس قىلدى. خىتاينىڭ جۇڭگو ياشلار گېزىتى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا،خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ بى فۇ جيەننى بىر ھەپتە ئىشتىن توختاتقانلىقى خەۋەر قىلىنىپ، بى فۇجيەننىڭ «داھىغا ھۆرمەتسىزلىق قىلمىشى ئۈچۈن خىتاي خەلقىدىن ئەپۇ سورىشى» تەلەپ قىلىندى. ئەمما بى فۇجيەن ۋەقەسى ھەققىدە توختالغان چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بولسا، بى فۇجيەن ۋەقەسىنىڭ خىتايدىكى سۆز - پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ تېخىمۇ چەكلىنىپ، خىتاينىڭ دېموكراتىيە يولىغا ئەمەس، بەلكى 60 - 70 - يىللاردىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى مۇستەبىتلىككە قايتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز ئىشچى - دېھقان پەرزەنت ئەسكەرلىرى( ھە... ئەسكەركەندە؟)

قاراڭغۇ تاغ ئىچىگە كەلدۇق. (تاغ ئىچىدە نېمە ئىشىڭ بار؟)

ئەكسىيەتچىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىمىز (ئۇلارنى يېڭەلەمسەنكىن؟)

نەچچە ئون يىل بولدى،جەنۇب - شىمالدا جان تىكىپ جەڭ قىلىۋاتىمىز ( ھە... جىق جاپادا قاپسىلەر)

كومپارتىيە،رەئىس ماۋ بىزنى ئالغا باشلايدۇ. (ھەي، بۇ قېرى پاھىشىۋازنى تىلغا ئالمايلى، ئۇ بىزنى زار قاقشاتتى!)

شەپكىمىزدە پارلىغان يۇلتۇز، ئىنقىلاب تۇغى ئىككى ياندا، (قانداق ياسىنىش بۇ؟)

قىزىل تۇغ لەپىلدەپ، بۇلۇتلار تارقىدى، ئازاد رايون خەلقى پومىشىكلارنى ئاغدۇرۇپ ئورنىدىن دەست تۇردى( ھەي... پومىششىك، بايلار ساڭا نېمە قىلغان ئىدى؟)

خەلقنىڭ قوشۇنى خەلق بىلەن جاپادا بىللە، بىز بۇ يەردە ۋېيخۇ تېغىنى تازىلايمىز. (بولدى بەس، لاپ ئاتما! )

يۇقىرىدىكى ناخشا تېكستى ۋە مىسرالار ئىزاھاتى، خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى «ۋېيخۇ تېغىنى پەم بىلەن ئېلىش» ناملىق جىڭجۈي تىياتىرىدىكى «بىز ئىشچى دېھقان پەرزەنت ئەسكەرلىرى» ناملىق ناخشىنى ئېيتىش جەريانىدا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ 1 - ئەۋلاد داھىسى ماۋ زىدۇڭنى ھەجۋىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئەپسانە تىللار بىلەن تىللىغان خىتايدىكى داڭلىق رىياسەتچى بى فۇجيەننىڭ 6 - ئاپرېل توردا ئاشكارا تارقالغان سىنئالغۇ فىلىمى.

خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ رىياسەتچىسى بى فۇجيەنننىڭ دوستلار ئارا ئولتۇرۇشتا، قىززىقچىلىق بولسۇن ئۈچۈن، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە داھىسى ماۋزېدۇڭغا مەدھىيە ئوقۇلغان بۇ ناخشىنى ھەجۋىيلەشتۈرۈپ ئېيتىش جەريانىدا مىسرالار ئارىسىغا بەرگەن ئىزاھاتى ۋە خىتاي رەئىسى ماۋ زېدۇڭنى ئەپسانە تىل بىلەن تىللىغان كۆرۈنۈشلەر، نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئاممىۋى تور بېكىتىگە يوللانغاندىن كېيىن، خىتاي تورداشلىرى ئارىسىدا مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى. ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 9 - ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە خىتايدىكى داڭلىق رىياسەتچى بى فۇجيەن ۋەقەسىگە ئۈچ كۈن ئىچىدە ئىنكاس قايتۇرغانلار 100 مىڭ كىشىدىن ئاشتى» دېگەن خەۋەر بېرىلدى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن جۇڭگو ياشلار گېزىتى، يەر شارى ۋاقتى گېزىتى قاتارلىقلار باش ماقالە ئېلان قىلىپ، رىياسەتچى بى فۇجيەننى «خىتاي كومپارتىيىنىڭ 1 - ئەۋلاد داھىسى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ماۋ زېدۇڭنى ھەجۋىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئەپسانە تىل بىلەن تىللاش خىتاي دۆلىتى ۋە خىتاي خەلقىنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرگەنلىك» دەپ ئەيىبلەپ، بى فۇجيەن خىتاي خەلقىدىن ئەپۇ سورىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىمۇ ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بى فۇجيەننىڭ مەلۇم مەزگىل ئىچىدە رىياسەتچىلىك سالاھىيىتىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. توردىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بى فۇجيەن رىياسەتچىلىك قىلىدىغان «پارلاق يول پروگراممىسى» 8 - ئاپرېلدىن باشلاپ مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تور بېكىتىدىن ئېلىۋېتىلگەن. نۆۋەتتە خىتاي تور بېكەتلىرىدە بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن بى فۇجيەننى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرىلەر داۋاملاشماقتا.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خىتاي رەئىسى ماۋ زېدۇڭغا ئەپسانە تىللار بىلەن نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن داڭلىق رىياسەتچى بى فۇجيەن ۋەقەسىگە قارىتا ئىنكاسى ۋە قوللانغان تەدبىرى چەتئەللەردىكى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. فرانسىيە رادىئوسى، گېرمانىيە ئاۋازى، ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىقلاردا بى فۇجيەن ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ۋە خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىنىڭ بى فۇجيەن ۋەقەسى ھەققىدىكى ئانالىزلىرى ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن ۋې جىڭشىڭ ئەپەندى رادىيومىزدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، بى فۇجيەن ۋەقەسىنىڭ خىتايدا پۇقرالارنىڭ ئەركىن سۆزلەش مۇھىتىنىڭ يەنىمۇ تارايغانلىقىنى، 60 - 70 - يىللاردىكى كومپارتىيە مۇستەبىتچىلىكى ۋە داھىنى ئۇلۇغلاش، چوقۇنۇش ئىدىيىسىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋېي جىڭشىڭ ئەپەندى خىتاي خەلقى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بى فۇجيەن ۋەقەسىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «2 - ماۋ زىدۇڭ بولۇش» تىن ئىبارەت داھىلىق تەمەسىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى غەرب دۆلەتلىرى كۈتىۋاتقان دېموكراتىيە يولىغا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ نورمال سۆز ئەركلىنلىكى پۈتۈنلەي بوغۇلغان مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى كوممۇنىستلارنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىگە قايتقان خىتاي دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ئەپەندى بولسا، بى فۇجيەن ۋەقەسىنىڭ، خىتاي ئىستىلاسى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارغا نىسپەتەن بىرقەدەر ئەركىن بولغان خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى پۇقرالارنىڭمۇ ئەركىن سۆزلەش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئەمەلىي پاكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتىكى خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭنىڭ خىتاينى شىمالىي كورىيىدەك كوممۇنىست مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتىكى ئىنتېرنېت ئۇچۇر دەۋرىدە غەرب دېموكراتىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ، 60 - 70 - يىللاردىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى خىتاي پۇقرالىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر شى جىڭپىڭ ھاكىمىيىتى بۇ خىل مۇستەبىت دۆلەت قۇرۇش يولىغا ماڭسا، كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرىدىغان كۈچلەرنىڭ، زېمىنى خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى خىتاي خەلقىنىڭمۇ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىش يولىغا ماڭىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.