خىتاي بىلەن رۇسىيە «ياۋرو-ئاسىيا يېڭى خەۋپسىزلىك رامكىسى» قۇرۇشنى پىلانلاۋاتامدۇ؟

0:00 / 0:00

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتايدا زىيارەتتە بولۇشىنىڭ ئارقىسىدىنلا 20-ماي خىتاي-رۇسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى ئاستانادا ئۇچرىشىپ، «ياۋرو-ئاسىيا يېڭى خەۋپسىزلىك رامكىسى» قۇرۇشنى تەكىتلىگەن. 20-ماي كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن رۇسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروفنىڭ قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنى ئەسناسىدا كۆرۈشۈپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ «ياۋرو-ئاسىيا يېڭى خەۋپسىزلىك رامكىسى» قۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

بۇ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبلىك غەرب بىلەن مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان رۇسىيە؛ تەيۋەن، جەنۇبىي دېڭىز، سودا، تېخنولوگىيە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، خوڭكوڭ قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبلىك غەرب بىلەن مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان خىتاي، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقانچىلىغان دۆلەتلەر غەربكە قارشى بىر يېڭى خەۋپسىزلىك ئىتتىپاقى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتامدۇ؟ دېگەن سوئال پەيدا قىلماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، لاۋروف بىلەن ۋاڭ يى «بولۇپمۇ ياۋرو-ئاتلانتىك مېخانىزىمىنىڭ تۇرغۇنلۇقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ياۋرو-ئاسىيا يېڭى خەۋپسىزلىك رامكىسى» قۇرۇش زۆرۈرىيىتى بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ئۆتكەن ھەپتە خىتايدىكى زىيارىتىدە، شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە-خىتاي ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ «يېڭى دەۋرى» نى ئېلان قىلغان. پرېزىدېنت پۇتىن، خىتاي-رۇسىيە شېرىكچىلىكىنىڭ «ھېچكىمنى نىشان قىلمايدىغانلىقى» نى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئامېرىكانى تەنقىدلىگەن، «كۆپ قۇتۇپلۇق يېڭى بىر دۇنيانىڭ كۆز ئالدىمىزدا شەكىللىنىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى. خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ۋاڭ يىنىڭ سېرگېي لوۋروف بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاي بىلەن رۇسىيەگە ئورتاق قوشنا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. ئامېرىكادىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇ شېرىكچىلىكىنىڭ ھەيران قالارلىق ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا سىياسىي-ئىقتىسادىي ئىتتىپاقداشلىق يولىغا مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

ئامېرىكادىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور شان روبېرتس (Sean Roberts) مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، بۇ ئانچە ھەيران قالارلىق تەرەققىيات ئەمەس. بۇ بىر مەزگىلدىن بېرى كىشىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. قارىماققا رۇسىيە بىلەن خىتاي سىياسىي-ئىقتىسادىي ئىتتىپاقداشلىققا تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا مېڭىۋاتقاندەك قىلىدۇ.» شان روبېرتسنىڭ 21-ماي بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، بۇ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا تېخىمۇ جىددىي ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

شان روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنچىلىك ھەيران قالارلىق بولمىغان بۇ تەرەققىياتتا، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە جىددىي ھەمكارلىقلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا جىددىي ھەمكارلىقلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى قىياس قىلالايمىز. چۈنكى خىتاي، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىماقتا.»

ۋاڭ يىنىڭ ئېيتىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىشىشى، «ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، ئەينى ۋاقىتتا يەنە كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنياغىمۇ ئۇيغۇن» ئىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ رۇسىيە ۋە باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ «مۇقىم يۆلىنىشى، رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئورتاق كاپالەتلىك قىلىش» نى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. 2001-يىلى خىتاي، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 4 دۆلەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، يېقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بېرى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇپ كەلگەن.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىسى قەھرىمان غوجەمبەردى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر رايوندا بىر خىل «يېڭى خەۋپسىزلىك رامكىسى» قۇرۇلسا، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ ئېغىر بېسىم شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن. قەھرىمان غوجامبەردى يەنە خىتاينىڭ بۇرۇن ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى تۇرۇشنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزگەنلىكى، ھازىر ئۇنىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋرو-ئاسىيا ھەربىي ئىتتىپاقى قۇرۇش غەرىزى بارلىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ «مۇرەككەپ بىخەتەرلىك» ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، رايوندا رادىكاللىق تەھدىتى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىم ئاستانادا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا «ئىككى تەرەپ بۇ يىل ئىچىدە ئۆز ئارا ھەمكارلىققا تەييارلىق قىلىشى، ئۆز ئارا قوللاشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇشى، رۇسىيە بىلەن خىتايغا ئورتاق قوشنىلارنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىشى كېرەكلىكى» نى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. پروفېسسور شان روبېرتس، نۆۋەتتىكى تەرەققىياتتا خىتاي رايوننىڭ خەۋپسىزلىك ئىشلىرىدا رۇسىيەنىڭ ئورنىنى ئېلىۋاتقانلىقى، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىق ساھەسى چەكلىك، دېگەن قاراشنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شان روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، رۇسىيەنىڭ چەتتە قېلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي رۇسىيەلىكلەر ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا بەلگىلىك خەۋپسىزلىك رامكىسىنى ساقلاشقا پايدىلىق ئىتتىپاقداشلىقنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.» پروفېسسور روبېرتسنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇرۇن كىشىلەر رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقىنىڭ بەلگىلىك چېكى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى تەرەققىيات بۇنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

ھالبۇكى، قازاقىستاندىكى سىياسىي ئانالىزچى قەھرىمان غوجامبەردى، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ياۋرو-ئاسىيادا شەكىللەندۈرمەكچى بولغان ھەرقانداق «يېڭى خەۋپسىزلىك رامكىسى» ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق بوشلۇقىنى تېخىمۇ تارايتىدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. ۋاڭ يىنىڭ ئاستاناغا كېلىش ئالدىدا تاجىكىستاندا توختاپ، پرېزىدېنت ئىمام راخمان بىلەن كۆرۈشكەنلىكى مەلۇم. خەۋەرلەردە، ۋاڭ يىنىڭ تاجىكىستان پرېزىدېنتىغا خىتاينىڭ «تاجىكىستان بىلەن تېررورلۇقنىڭ بارلىق شەكىللىرىگە قارشى خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقى» نى، ئىمام راخمان بولسا، «‹ئۈچ خىل كۈچ›كە قارشى ئورتاق كۈرەشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

ۋاڭ يى بىلەن لاۋروفنىڭ «ياۋرو-ئاسىيا يېڭى خەۋپسىزلىك رامكىسى» قۇرۇش ۋە ۋاڭ يىنىڭ قوشنا ئەللەرنىڭ «مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى» نى ساقلاش تەشەببۇسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا نۇرغۇن زاۋۇت-كارخانىلارنى يۆتكەپ، مەبلەغ سالمىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنيازنىڭ 21-ماي بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، دائىرىلەر «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» نامىدىكى بۇ خىل پىلاننى ئىجرا قىلىشنى تېخىمۇ تېزلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پروفېسسور شان روبېرتس، خىتاينىڭ بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىنى «بىر بەلۋاغ بىر يول» لىنىيەسىدىكى رۇسىيەنى ئاساس قىلغان كەڭ رايونلارنىڭ سودا بازىسى قىلىش پىلانى بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ئۇنىڭ پەقەت مەركىزى ئاسىيانى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شان روبېرتس، «مەن (خىتاينىڭ) بۇ رايوندىكى بەزى جايلىرىنى قوشۇۋېلىش پىلان بار، دەپ قارىمايمەن. مېنىڭچە، خىتاي پەقەت بۇ رايوننىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي يېتەكچى كۈچى بولۇشنى ئويلىماقتا. ئۇ مەركىزى ئاسىيانىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئىنتايىن ئاجىزلىقىدىن پايدىلانماقچى» دەپ كۆرسەتتى.

ھالبۇكى، تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» پىلانى رايوندا خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» پروگراممىسىنىڭ تېخىمۇ سىستېمىلىشىشى ۋە تېخىمۇ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان 2024-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

نۆۋەتتە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ پات يېقىندا يەنە قايتا ئۇچرىشىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. رۇسىيە «ئىنتېرفاكس» ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سېرگېي لاۋروف ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە پۇتىننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بۇ يىل 7-ئايدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاستانادا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا قايتا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەگەر ئۇلار 7-ئايدا قايتا كۆرۈشسە، بۇ ئۇلارنىڭ يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم قايتا ئۇچرىشىشى بولۇپ قالىدىكەن. پرېزىدېنت پۇتىن ئۆتكەن ھەپتە خىتايدا زىيارەتتە بولغاندا، غەربنىڭ جازاسىغا ئۇچراۋاتقان بۇ ئىككى دىكتاتور، ئۆز ئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.