سابىق پارلامېنت ئەزاسى: «كىم خىتاي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاشنى خالايدۇ؟»

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە تونۇلغان ئوبزورچى، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ سابىق ئەزاسى مەھمەت ئوجاقتان ئەپەندى يازغان «كىم خىتاي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاشنى خالايدۇ؟» ماۋزۇلۇق ئوبزور «قارار» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى.

ئاپتور ئوبزورىنى مۇنداق باشلايدۇ: «دېموكراتىيەگە قارشى كىشىلەر داۋاملىق ھالدا تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بىر سۆز بار، خىتاي تېخنولوگىيە جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ، خىتايدا دېموكراتىيە يوق، ئەمما خىتاينىڭ ئىلغار تېخنولوگىيەسى بار بولغاچقا دۇنياغا ھەيۋە سېلىۋاتىدۇ، دېمەككى دېموكراتىيە ئۇنچىۋالا مۇھىم ئەمەس ئىكەن. ھەئە، شۇنداق، تەرەققىياتنىڭ ئىنسانىي تەرەققىيات قىسمىنى نەزەردە تۇتمىسىڭىز بۇ كۆز قاراش توغرا. بىراق، تەرەققىيات دېگىنىمىز پەقەتلا تېخنولوگىيەدىن ئىبارەت ئەمەس. داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ئادىل تەرەققىيات، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن بىرلىكتە ھەق - ھوقۇق، دېموكراتىيە، ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە قانۇن دۆلىتى بولۇش ھەممىدىن ئەلا بولۇشى كېرەك. ئادىل تەرەققىيات دېگىنىمىز بۈگۈننىلا ئەمەس كىشىلەرنىڭ كېلەچىكىنىمۇ نەزەردە تۇتۇشى كېرەك.»

مەھمەت ئوجاقتان ئەپەندى ئوبزورىدا يەنە مۇنۇلارنى يازغان: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، پەقەتلا تېخنولوگىيە جەھەتتىن تەرەققىي قىلىش دېگەنلىك، ئىنسانىي تەرەققىياتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىيات دېگىلى بولمايدۇ. دىكتاتورىلىق تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەر تېخنولوگىيە جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان بولۇشى مۇمكىن، بىراق بۇ خىل دۆلەتلەر ئادىل، كىشىلىك ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان دېموكراتىيەلىك تۈزۈم بەرپا قىلالمايدۇ. شۇڭا بۇ خىل دۆلەتلەرنى ئىجتىمائىي ئادالەتكە تايانغان بىر تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇردى دېگىلى بولمايدۇ. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئىنسانلار ئەسىرلەردىن بۇيان ئادالەت ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. چۈنكى ئىناق پاراۋان جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن خۇددى نان بىلەن سۇغا ئېھتىياج بولغاندەك، ئادالەت بىلەن ئەركىنلىككىمۇ ئېھتىياجى بار. شۇڭا ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە باراۋەرلىكنى، ئىنسان ھەق- ھوقۇقىنى رەت قىلىش بىلەن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەقىقەتنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ».

تۈركىيەدە تونۇلغان ئوبزورچى مەمەت ئوجاقتان ئەپەندى ماقالىسىدە، يۇقىرىدىكىلەردىن سىرت يەنە تۆۋەندىكىلەرنىمۇ تەكىتلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن شۇنى تەكىتلىمەكچىمەنكى، بۈگۈن دۇنيادىكى دېموكراتىيەگە قارشى كىشىلەرمۇ خىتاي، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئافغانىستان ۋە شىمالىي كورېيەدە ياشاشنى خالىمايدۇ. چۈنكى، بۇ دۆلەتلەردە بىرلا ئادەمنىڭ سۆزى ئۆتىدۇ. مەسىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھى ئەتىگەن سەھەر قوپۇپ بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا دۆلىتىدىكى بايلار، مۇخبىرلار ۋە كادىرلارنىڭ ھەممىسىنى تۈرمىگە تاشلىتىۋېتەلەيدۇ. ھېچ كىمنىڭ ئۇنىڭدىن سوئال سوراش ھوقۇقى يوق.»

ئاپتور «كىم خىتاي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاشنى خالايدۇ؟» ماۋزۇلۇق ئوبزورىنىڭ ئاخىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2015-يىلى ئېلان قىلغان «ئىنسانىي تەرەققىياتقا ئىگە دۆلەتلەر» ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن 15 دۆلەت ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بەرگەن: «ئىنسانىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە قارايدىغان بولساق مۇسۇلمان دۆلەتلەر بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشىغا تېگىشلىك. بۇ 15 دۆلەت نورۋېگىيە، ئاۋسترالىيە، شىۋېتسارىيە، دانىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە، ئىرېلاندىيە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، كانادا، يېڭى زېلاندىيە، سىنگاپور، خوڭكوڭ، شىۋېتسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بىرمۇ مۇسۇلمان دۆلىتى يوق، تۈركىيە بولسا 72-قاتاردا تۇرىدىكەن.»

ئوبزورچى مەمەت ئوجاقتان ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ كۆز قاراشلار ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆز خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى بەرمىگەن دۆلەتلەرنى تەرەققىي قىلغان دۆلەت دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇنداقتا خىتايدا ئىنسان ھوقۇقلىرى بارمۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا ئىنسان ھوقۇقلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئىنسان ھوقۇقلىرى بولمىغان خىتاي بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئىلگىرى سۈرگەندەك چوڭ دۆلەت بولالامدۇ؟ بۇ ھەقتىكى سوئاللار بويىچە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيەنىڭ كۈتاھيا شەھىرىدىكى دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بارىش ئادىبەللى ئەپەندى خىتايدا كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ دۆلەتتىنمۇ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى، دۆلەت خەلق ئۈچۈن ئەمەس، خەلقنى كوممۇنىست پارتىيەسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتايدا پارتىيە ھەممىنىڭ ئۈستىدە، خەلقنى بىر تەرەپتە قويايلى، پارتىيە دۆلەتتىنمۇ ئۈستۈن. ھەممە نەرسە پارتىيەنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك دەيدۇ. كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدا كوممۇنىست پارتىيەسىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، مەخسۇس قارارلار ماقۇللاندى، بىرمۇ كىشى قارشى چىقالمىدى. خىتاي خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى، پىكىر ئەركىنلىكى، ئاخبارات ئەركىنلىكى تىلغا ئېلىنمىدى. خىتاي تېخنولوگىيە ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلۈك دۆلەت بولالىشى مۇمكىن، ئەمما خەلق پاراۋان، ئەركىن ياشايدىغان ھەقىقىي چوڭ دۆلەت بولالمايدۇ».

دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دۇنياغا يايالايدىغان قىممەت قارىشى بار. ئۇنداقتا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچىيىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇنداق بىر قىممەت قارىشى بارمۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ كۇڭزى ئىدىيەسىنى يۇمشاق كۈچ دەپ دۇنياغا يېيىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، كۇڭزى ئىدىيەسى بولسا ھوقۇق مەركەزلەشكەن تۈزۈمنى تەرغىب قىلىدىغان، دېموكراتىيەگە زىت بىر نەزەرىيە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئوبزورچى سابىق پارلامېنت ئەزاسى مەمەت ئوجاقتان ئەپەندى 2009-2010-يىللىرىدىمۇ خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر قانچە پارچە ئوبزور يېزىپ ئېلان قىلغان ئىدى.