ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى: «7-نومۇرلۇق ھۆججەت»-خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى يول خەرىتىسى

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل ئىلگىرى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى «7-نومۇرلۇق ھۆججەت» نامىدا قەتئىي مەخپىي بىر پارچە ھۆججەت تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچكى جەھەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ كەلگۈسى خەرىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىلىدىغانلىقىنى بېكىتكەن. ئارىدىن يىگىرمە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە مەزكۇر ھۆججەتنىڭ ئىجرا بولۇش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە كۆرسەتكەن ھەر تەرەپلىمە تەسىرى ھەققىدە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«7-نومۇرلۇق ھۆججەت» نىڭ ئاشكارىلانغان نۇسخىسىغا قارىغاندا، 1996-يىلى 19-مارت كۈنى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سابىق باش سېكرېتار جاڭ زېمىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە بىر يىغىن ئېچىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرغان. يىغىندىن كېيىن مەزكۇر يىغىندا مۇھاكىمە قىلىنغان مەزمۇنلار ئاساسىدىكى يىغىن خاتىرىسى ئون تۈرلۈك مۇھىم نۇقتىغا يىغىنچاقلىنىپ، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «7-نومۇرلۇق ھۆججەت» ئى دېگەن نامدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە باشقا تەڭ دەرىجىلىك ئورگانلاردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا «قەتئىي مەخپىي» دېگەن تامغا بىلەن يوللاپ بېرىلگەن.

كانادادىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆتكەن يىگىرمە يىلدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى پۈتكۈل سىياسىي تەدبىرلىرىنىڭ مۇشۇ ھۆججەتنى ئەڭ ئالىي يېتەكچى ئىدىيە قىلغان ھالدا تەييارلىنىپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بۇنداق بىر مۇھىم ھۆججەتنىڭ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان بولماستىن، ئۇنىڭ كەڭ ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

«7-نومۇرلۇق ھۆججەت» تە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى مۇقىملىقى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، «ئىچكى دۈشمەنلەر» ۋە «تاشقى دۈشمەنلەر» نىڭ تۈرلۈك «بۇزغۇنچىلىق» ھەرىكەتلىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشقا يېتەرلىك يەر ئاجرىتىلغان.

مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ ھۆججەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دەسلەپ بولۇپ خىتاي ھاكىمىيەت يىغىنلىرىدىكى ئالىي كۈنتەرتىپكە ئېلىپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتتە زۆرۈر بولغان دىپلوماتىيە چارىلىرىدىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پايدىلىنىپ، «تاشقى دۈشمەن كۈچلەر» دىن بولغان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى ھەمدە چېگرا سىرتىدىكى ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى پارچىلاش ۋە چەكلەش لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەمەت توختى ئەپەندى بۇنىڭ ‹ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش› دېگەن مەزمۇندا ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي دۆلىتى دىپلوماتىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا جۇش ئۇرۇشقا باشلىغان ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ مەركىزىنى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا يۆتكىلىشكە مەجبۇر قىلالىغان بولسىمۇ، داۋانىڭ سەۋىيىسى ۋە كۆلىمىنى چەكلەشكە قادىر بولالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەزكۇر ھۆججەتتە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان بىر نۇقتا شۇكى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار رايونىدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت تەشكىلاتلىرىغا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» دىن «ئىشەنچلىك جەڭچى ۋە كادىرلارنى رەھبىرىي قوشۇن» سۈپىتىدە يۆتكەش، بىڭتۇەن ئورگانلىرىغا بولسا ئىچكىرىدىن خىتاي ئىشچىلىرىنى ۋە پارتىيەۋىلىكى كۈچلۈك خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆچۈرۈش شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان.

مەمەت توختى ئەپەندى بۇ نۇقتا ھەققىدە گەپ بولغاندا خىتايلار بەلگىلەپ چىققان «ئاساسىي قاتلام پارتىيە ۋە ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مەيدانى مۇستەھكەم، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش» نىشانىنىڭ زور دەرىجىدە ئىجرا بولغانلىقىنى، شۇنداقلا مەدەنىي، مائارىپ ساھەسىنىڭمۇ بۇ ھۆججەتتە بەلگىلەنگەن نىشانلارنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق بايان قىلدى.

ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى «7-نومۇرلۇق ھۆججەت» تە بەلگىلەنگەن ئاساسىي نۇقتىلار بويىچە پىكىر بايان قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىشماستىن مەزكۇر ھۆججەتتىكى ئومۇمىي نىشان ئاساسىدا قەدەم-باسقۇچلۇق رەۋىشتە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىغا قاراتقان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىچكى ئەھۋاللاردىن خەۋەرسىز بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.