خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كىملىكىنى قايتا ئۆزگەرتىپ ياساپ چىقىۋاتامدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى نىشان قىلىپ تۇرۇپ يۈرگۈزۈۋاتقان بىر قىسىم سىياسەتلىرى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى re-enginering يەنى قايتا ياساپ چىقىش باسقۇچىدىن ئۆتكۈزۈۋاتامدۇ؟» دېگەن سوئالنى پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ، خوتەندىكى بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ ياشانغانلار ۋە ياكى دىنى زاتلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمىگەنلىكى ئۈچۈن «سىياسىي مەيدانى تۇراقسىز» دەپ ئىشتىن ھەيدىلىشى ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم ئىسىملارنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا قويۇلۇشتىن چەكلىنىشىدەك ۋەقەلەر مانا بۇ خىل باسقۇچنىڭ ئۆرنەكلىرى قاتارىدا كۆرسىتىلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى «ئەسەبىيلىكىنى چەكلەش نىزامى» دائىرىسىدە ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلەر خەلقئارا ئاخباراتلاردىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، نۇرغۇن خەۋەر ماقالىلىرى ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىندى. ئۇلارنىڭ بىرى يېقىندا ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان «بۇرۇلۇش نۇقتىسى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى قايتا ياسالغان مۇسۇلمانلار ھەققىدە ئويلىنىش» ناملىق ماقالە بولۇپ، ماقالە ئاپتورى دېررىن بايلېر خوتەندىكى بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ پەقەت چوڭلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشتىن ئەيمەنگەنلىكى ئۈچۈن خىزمىتىدىن ھەيدىلىش ۋەقەسىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلغان. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ قەشقەردىكى مەزگىلىدە بىر ئۇيغۇر دوستى بىلەن تاماكا چەككەچ كوچىدا كېتىۋاتقاندا بىر مەسچىتنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قالغان. بۇ چاغدا ئۇ ئۇيغۇر دوستى ئاپتورغا مەسچىتىگە بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن تاماكىنى چەكمەي، ئۇنى يوشۇرۇپ ئۆتۈپ كېتەيلى، دېگەن. بۇنىڭ بىلەن ئاپتورمۇ ئۇيغۇر دوستىنىڭ سۆزىگە بىنائەن تاماكىسىنى چەكمەي، ئۇنى ئالىقىنىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ ئۆتۈپ كەتكەن. ئۇ ئۇيغۇر دوستىنىڭ بۇنى «ھۆرمەتنىڭ ئىپادىسى» دەپ چۈشەندۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ كېلىپ، «مەن يۇقىرىدىكى بۇ خوتەنلىك كادىرنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇۋاتقىنىمدا ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن مانا بۇ ۋەقە ئېسىمگە كەلدى. ھازىر ھۆرمەتنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە ئىسلام بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۆلچىمى دىنسىزلىق ۋە بۇيرۇق بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقان خۇسۇسىي تاللاش تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئەخلاق قائىدىلىرى بۇ يەردە دىنى رادىكاللىق دەپ قارالماقتا» دەپ بايان قىلغان.

ئاپتور دېررىن بايلېرنىڭ ماقالىسىدە ئېيتىشىچە، ئادرىيان زېنز ئىسىملىك تەتقىقاتچىنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئىسلامنىڭ بارلىق ئىزلىرىنى يۇيۇۋېتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قايتا ئۆزگەرتىپ ياساپ چىقماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، 1949‏-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىغا «ئازاد قىلىش» دېگەن نام بىلەن كىرگەندىن بۇيان ئوخشىمىغان دەۋرلەردە، ئوخشىمىغان شوئارلار ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭ تەپسىلىي مىساللىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت تېلىۋىزىيەسىنى كۆرۈشنى رەت قىلغان ئۇيغۇرلارنى «دىنى ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، خىتاي تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە ياكى «قايتا ئۆزگەرتىپ ياساش» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلغانلىقى، ئەمما 1990‏-يىللاردىن كېيىن ئىنتېرنېت ۋە ئەقىللىق تېلېفونلارنىڭ سايىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيادىن خەۋەردار بولۇشىنىڭ ئاسانلىشىشى ۋە نەتىجىدە تېلېۋىزور كۆرۈشنى رەت قىلىشى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى پىلانلىرىنى سۇغا چىلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۆلەت تېلىۋىزىيەسىنى كۆرۈشكە قىستاۋاتقانلىقىنى، مەسىلەن ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قەبىھ قىلىپ تەسۋىرلەنگەن «ئانارخان» ناملىق فىلىمنى كۆرۈشنىڭ مەجبۇرىي قىلىنغانلىقىنى مىسال قىلغان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر يۇقىرىدىكى بۇ قاراشنى قوللاپ، «قايتا ياساپ چىقىش» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى مەن شۈبھىسىزكى ‹قايتا ياساپ چىقىش› قۇرۇلۇشىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايمەن. مەسىلەن، قوش تىل مائارىپىمۇ، رامازاندا روزى تۇتۇشنى چەكلەش دېگەندەك سىياسەتلەرمۇ ئەنە شۇنىڭ بىر پارچىسى. ھازىر بۇ سىياسەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھەربىر قىسمىغىچە يېتىپ باردى. بىر ئۇيغۇر قانداق كىيىنىشى كېرەك، قانداق كۆرۈنۈشى كېرەك، ساقالنى قانداق قويۇشى كېرەك، قانداق ئىسىم قويۇشى ياكى قانداق ئىسىمنى قويماسلىقى كېرەك، دېگەندەك. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى قايتا ئۆزگەرتىش باسقۇچىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلالايدىغان شەكىلدە ياساپ چىقماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس».

ئامېرىكا كانساس شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئانتروپولوگ ۋە تىلشۇناس ئارىياننى دۋايېر خانىم رادىيومىزغا قىلغان يازما باياناتىدا قايتا ئۆزگەرتىپ ياساش ھەققىدە توختىلىپ، «قىممەت قارىشىنى قايتا ياساپ چىقىش باسقۇچى دۆلەت، جامائەت ۋە شەخسلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئۇيغۇر كىملىكى ئۈستىدە سۆزلەشمۇ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن، دۆلەت تەرىپىدىن ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئوخشىمايدىغان شەكىللەردە ئىپادە قىلىنىدۇ... بىز يۇقىرىدىكى ماقالە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئىشىنىشنى ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ مەنبەسى قىلغان بولسا، بۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى مائارىپ ۋە تاللاش ئەركىنلىكىگە قارشى، دەپ چۈشەندۈرمەكتە. مانا بۇ خىل قىممەت قارىشىدىن چەتنەشنىڭ ئۆزىمۇ دۆلەتكە قارشىلىق قىلىشنىڭ ئىپادىسى دەپ قارالماقتا» دەپ بايان قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئىسلامى يوسۇندىكى ئىسىملارنى چەكلىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ يۇقىرىقىدەك بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىنى «قايتا ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتىشىنى ئۆزىنىڭ توغرا دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ،«مەنچە ئۇلار توغرا دەيدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا سەن دىنغا مۇنداق ئىشىنىسەن، بالاڭنى مۇنداق تەربىيىلەيسەن، بالاڭغا مۇنداق ئىسىم قويۇسەن، دەپ بەلگىلەپ بېرىۋاتىدۇ» دېدى.

يۇقىرىدىكى «بۇرۇلۇش نۇقتىسى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ ئاپتورى دېررىن بايېرمۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ شەكىللەنگەن ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە تارازىغا سېلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، «تەشۋىقاتلاردىكى لوگىكا بويىچە، مەن بىلەن ھېلىقى ئۇيغۇر دوستۇمنىڭ تاماكىمىزنى مەسچىت ئالدىدا يوشۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىشىمىز دىنى رادىكاللىقنىڭ ئالامىتى، تاماقتىن كېيىن دۇئاغا قول كۆتۈرۈشىمىز، ئۆز-ئارا سالاملاشقاندا ئەرەبچە ‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم› دېيىشىمىز بولسا دىنسىزلىقنىڭ‹سېكۇلارىزىم› نىڭ ئاجىزلىقىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جامائەت ئىچىدىكى ياكى ئۆي ئىچىدىكى ھەر بىر ھەرىكىتىڭىز مانا مۇشۇ خىل لوگىكا بويىچە شىفىرلاشتۇرۇلغان. بۇنداق ئەھۋالدا كىمگە ئىشىنىپ-كىمگە ئىشەنمەسلىكنى بىلىش ئىنتايىن قېيىن. كىمنىڭ ئەتە قولغا ئېلىنىپ، دوستلىرى ياكى ئائىلىسى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بۇ يەردە سىز يۆلىنىدىغان ئادالەت يوق. گۇناھنى چاپلاش ئاسان،بىراق ئۇنىڭدىن قېچىش ئىمكانسىز. يېقىندا بىر ئۇيغۇر دوستۇم ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئەھۋالدىن قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ھەممىلا كىشىنى نىشانغا ئالغاندەك قىلىدۇ. بۇنىڭ ۋاقىتلىق بىر بوران-چاپقۇنلۇقى ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر سىياسەتلىكىنى بىلمەيمەن. ئەمما بۇنىڭ چىدىغۇسىز ئىكەنلىكى ئېنىق. بىراق كومپارتىيە ئۈچۈن بۇ ئانچە مۇھىم بولمىسا كېرەك» دەپ خۇلاسە قىلغان.