ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى گۇۋاھلىق يىغىنى: «شىنجاڭ خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا تەجرىبىخانىسىغا ئايلىنىپ قالدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.05.23
randi-xulgren-tom-lemtos-guwahliq.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «سۈنئىي ئەقىل ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋىتى» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرىنىڭ بىرى راندى خۇلگرېن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلماقتا. 2018-يىلى 22-ماي، ۋاشىنگتون.
humanrightscommission.house.gov

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىر كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىشلەتكەندەك خاتا ئىشلارغا ئىشلىتىلسە، ئۇنىڭ ئىنسانلارغا قانچىلىك سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ئىجتىمائىي كونتروللۇقنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە كېڭىيىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

«سۈنئىي ئەقىل ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋىتى» نامىدىكى مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان بولۇپ، ئاۋام پالاتا ئەزاسى، توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرىنىڭ بىرى - راندى خۇلگرېننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلدى.

راندى خۇلگرېن يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆزلىگەن سۆزىدە، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭ ئىنسان ھاياتىنى قوغداش، مۇلازىمەت تەننەرخىنى ئازايتىش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى ئاسانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ بۇ تېخنىكىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېقىندا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق شۆبە كومىتېتىدا سۆزلىگەن سۆزۈمدە خىتايدا سۈنئىي ئەقىل يۇمتالى ۋە يۈز تونۇش يۇمتاللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەقىبلەش تېخنىكىسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى قوللىنىۋاتقانلىقىغا دائىر نۇرغۇن خەۋەرلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرۇش تاكتىكىسىدا ئۇلارنى ئۆتكۈر تېخنىكىنى سىنايدىغان سىناق ئورنىدا قوللىنىشتەك ئورۋېلچە يول تۇتۇپ كەلدى. تېخنولوگىيەنى خاتا ئىشقا ئىشلىتىشتەك بۇ قىلمىشنىڭ خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە تارقىلىش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۇت.»

راندى خۇلگرېن 17‏-ماي كۈنى توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يەنە بىر رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مىكگوۋېرىن بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ گۇۋاھلىق سۆزىدە خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى ئۇيغۇرلارغا قارشى قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

سەيشەنبە كۈندىكى يىغىندا يېڭى ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى پائۇل شار گۇۋاھلىق بېرىپ، ئىستىبدات دۆلەتلەرنىڭ قولىدىكى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، بۇنىڭ كۈچىنى ئەنگلىيەلىك يازغۇچى ئورۋېلنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىستىبدات دۆلەتلەر ئۆز خەلقىنىڭ ئەھۋالىغا دائىر غايەت زور سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشەلىسە، بۇ سانلىق مەلۇماتنى دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشكە ئىشلىتىشى مۇمكىن. ئاپتوماتىك يۈز تونۇش تېخنىكىسى بىخەتەرلىك كامېراسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلسە، بۇ ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق رومانىدىكىدەك چوڭ شەھەرلەردىكى كېچە-كۈندۈز نازارەت قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئەگەر سۈنئىي ئەقىل كومپيۇتېر ياكى ئەقلىي تېلېفون ئارقىلىق توپلانغان سانلىق مەلۇماتلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلسە، بۇ ئورۋېلمۇ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان دەرىجىدە بىر كىشىنىڭ مىجەز خاراكتېرى، ئالاقىسى، قىزىقىشى، ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش قورالغا ئايلىنىدۇ».

پائۇل شار گۇۋاھلىق سۆزىدە يەنە ئىنسانلارنىڭ دىگىتال دەۋرىدە ياشاۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ دىگىتال، يەنى رەقەملىك پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا ساقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر كىشىلەر بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ئېرىشەلىسە، باشقىلارنىڭ كەچمىشىنى ئىگىلەپلا قالماي، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئىنسانلار ئەقلىي تېلېفون، جۇغراپىيەلىك ئورۇن، تور ئاختۇرۇش ۋە ئىزدەش تارىخىي، توردا مال سېتىۋېلىش، ئالاقە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا كىرىش، ئېلخەت، تېكىست يوللاش، تېلېفون ئالاقىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سانلىق مەلۇماتلار جۇغلانغان بىر دىگىتال دەۋردە ياشىماقتا. ھەرقانداق بىرى بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشەلىسە، ئۇ كىشىلەرنىڭ كەچمىشىنى ئىگىلەپلا قالماي، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە نېمە قىلىدىغانلىقىنىمۇ پەرەز قىلالايدۇ. شۇڭا، سۈنئىي ئەقىل بولماي تۇرۇپ، بۇ قەدەر زور كۆلەمدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش مۇمكىنچىلىك يوق» دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، كىم دۇنيانىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدا يېتەكچىلىك ئورۇننى ئىگىلىسە، شۇ ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى بۇ تېخنىكىغا سىڭدۈرىدىكەن. پائۇل شار، «شۇڭا، ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدا يېتەكچىلىك ئورۇندا تۇرۇشى ئىنتايىن زۆرۈرلۈكى» نى بىلدۈردى.

يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزاسى راندى خۇلگرېن يىغىندا يەنە غەيرىي ھۆكۈمەت ئېلېمېنتلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

راندى خۇلگرېن مۇنداق دەيدۇ: «ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە ئىنتېرنېتنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك ئۇچۇر توپلاش ۋە بۇ ئۇچۇرلار ئاساسىدا ھادىسىلەرنى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە توغرا مۆلچەرلەشكە دائىر يېقىنقى خەۋەرلەر شەخسىي مەخپىيەتلىك مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلەرنى قوزغىدى. يۇقىرىقى سۇيىئىستېمالغا دائىر بەزى ھادىسىلەر سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىغا چېتىلىدۇ. ئوخشاشلا بۇ تېخنىكا يەنە ئىستىبدات دۆلەتلەرنىڭ ئۆكتىچىلەرنى يوقىتىشى ياكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى تەقىب قىلىش ۋە ئۇلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. ئەگەر سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىن ئىبارەت بۇ ئالۋاستى كونترولدىن چىقىپ كەتسە، ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان بىرەسمىي ھۆكۈمەت ئېلېمېنتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مىسلىسىز خىلاپلىق قىلىشىغا مىسلىسىز ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ».

يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مىكگوۋېرن، خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىشلىتىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا ئۆزى شەخسەن قاتناشمىغان بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىسىنى يىغىنغا يازما نۇتۇق يوللاپ، ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ: «بىز سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭ كىشىلەرنى كونترول قىلىشقا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ تېخنولوگىيەنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشقا ئىشلىتىپ كەلدى. تاشقىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ جازالىنىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى» دەپ تەكىتلىگەن.

22‏-مايدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقى، يۈز تونۇش ئاپپاراتى، ئىجتىمائىي كرېدىت سىستېمىسى، تور ۋە تېلېفونلارنى نازارەت قىلىش، بارماق ئىزى، د ن ئا، ئاۋاز ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىش قاتارلىقلار ئارقىلىق كىشىلەرنى تەقىب قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ يەنە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئاز دېگەندە بىر مىليون ئۇيغۇرنى بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان، بۇ قىلمىشلار خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەزگىلدە چاقىرىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.