سىياسەتشۇناس ئايدوس سارىم: خىتاينىڭ ئىچكى قارىمۇ-قارشىلىقلىرى، خەلقىنىڭ نارازىلىقلىرى ئىنتايىن كۆپ

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، بېيجىڭنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ئانالىزچىلارنىڭ مۇلاھىزىلىرىدە، جامائەت پىكىرلىرىدە بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان قاراشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

ئانالىزچىلار خىتاينىڭ سىياسىي سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە بۇ مەيدانىدا، ئىلگىرىمۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، بۇ ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلارنىڭ كىملىكىنىڭ پاكىت ئاساسىدا ھازىرچە تولۇق ئىسپاتلانمىغانلىقىنى، بۇ ۋەقە ھەققىدىكى بەزى خەۋەرلەر ھەقىقەتكە سېلىشتۇرغاندا گۇمان تۇغدۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس ئايدوس سارىم بۇ ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.