خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بۇرۇلۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
2024.11.21
دوكتور ئېرىن گلاسمان (Aaron Glasserman) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پەرقلىق مىللىي كىملىكىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە خەتەر يەتكۈزىدىغان مۇھىم سەۋەب دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىن، مەدەنىيەت، تىلدىكى پەرقلىرى ۋە گېئو-سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇيغۇر ئېلىدە «بۆلگۈنچىلىك، خىتايدىن پارچىلىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى، مانا شۇنداق ئەندىشە سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاراپ بۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكتور ئېرىن گلاسمان «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىكى بىيۇروكراتلىق ئامىللار: 1950-يىللاردىن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ساۋاقلار» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلغان. ئۇ دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى باستۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر ئىچىدە مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي ۋە بىيۇروكراتلىق ئامىللارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ يولغا قويغان مىللەتلەر سىياسىتى ساھەسىدىكى بىيۇروكراتىك ئورگان-خىتاي دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ خىتايدىكى ئېغىر سىياسىيلاشتۇرۇلغان مۇھىتتا ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلگەن. ئاپتورنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ بىيۇروكراتلىق سىستېما شۇ مەزگىللەردىن تارتىپ خىتايدىكى قويۇق سىياسىي ئاتموسفېرانىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان. بۇ تارىخى جەرياندا مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ساداقەتمەنلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، مىللەتلەر خىزمىتىدە بارغانسېرى رادىكال بەلگىلىمىلەر ۋە ئاسسىمىلياتسىيە تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بىز دوكلاتنىڭ مەزمۇنى، دوكلاتنىڭ ئوتتۇرىغا قۇرۇلۇشتىكى مەقسىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە، بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىدە ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بۇرۇلۇشىنىڭ ئارقىسىدا قانداق سەۋەبلەرنىڭ بارلىقى ھەققىدە دوكتور ئېرىن گلاسمان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دىققىتىڭلار سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىدا بولسۇن.
مۇخبىر: دوكتور ئېرىن گلاسمان بۇ دوكلاتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى نېمە؟ دوكلاتتا نېمىلەر ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى؟
ئېرىن گلاسمان: بۇ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى دۆلەت دەرىجىلىك ئورگان. مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بولسا ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك تەشكىلاتلار تورىنى نازارەت قىلىدۇ. شۇڭا مەن 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىسمىنىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت تارتىشقا تىرىشتىم ۋە بۇ تارىخنىڭ ئاساسلىقى يېقىنقى ئون ياكى يىگىرمە يىل، بولۇپمۇ ھازىرقى دەۋردە ئېلىنغان قارارلارنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتىم
مۇخبىر: سىز دوكلاتىڭىزدا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى مىللىي سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك جىددىيلىك دۆلەتنىڭ چېگراسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ» دەپسىز. بۇ توغرۇلۇق قىسقىچە چۈشەنچە بەرسىڭىز؟
ئېرىن گلاسمان: شۇڭا مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئۇنى ئىككى تەرەپتىن چۈشەنگىلى بولىدۇ. بىرى، ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەتلەر ياكى خىتاي بولمىغان خەلقلەر شىنجاڭ، تىبەت، موڭغۇلىيە، خىتاينىڭ شەرقى جەنۇبتىكى گۇاڭشى ۋە يۈننەنگە جايلاشقان. يەنى ئۇلارنىڭ نوپۇسى بۇ رايونلارغا مەركەزلەشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ياكى خىتاي بولمىغان ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەر بار. بولۇپمۇ تۇڭگانلار خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەردە بار. خىتاي بولمىغان مىللەتلەر بەزەن ئىختىيارى ۋە بەزەن مەجبۇرىي كۆچ ئارقىلىق كۆچكەن بولغاچقا، ئۇلارنى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شۇڭا بىز بۇنى خىتاينىڭ چېگرا رايونلىرىدا كۆرۈلىدىغان ھادىسە دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك. مەن دېمەكچى بولغان ئىككىنچى بىر تەرەپ شۇكى، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك تەشكىلاتلار تورىنى نازارەت قىلىدىغان مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى شىنجاڭ، تىبەت، موڭغۇلىيەدىلا بولۇپلا قالماستىن بۇ خىتايدىكى ھەممە ناھىيە، شەھەر ۋە ھەر قايسى ئۆلكىلەردە مەۋجۇت. شۇڭا بىز خىتايدىكى مىللىي توقۇنۇشنى، مىللەتلەر ئارىسىدىكى جىددىيلىكنى ۋە مىللىي سىياسەتنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى چېگرا ھادىسىسى دەپ ئويلاشقا مايىل بولساقمۇ، لېكىن مېنىڭچە بۇنى پۈتۈن خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىش دېيىشكە بولىدۇ.
مۇخبىر: سىز دوكلاتىڭىزدا «1950-يىللارنىڭ بېشى ۋە ئوتتۇرىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتى كەڭ قوللۇق بولۇپ، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا بىر قەدەر كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان» دەپسىز. نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى كېيىنكى يىللاردا ئۆزگەرگەن؟
ئېرىن گلاسمان: ماۋزېدۇڭ دەۋرى ۋە خىتايدىكى ئىسلاھات دەۋرىدىن كېيىنلا، خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى قانۇنلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئىزدىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار بارغانسېرى ماركسىزمدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزلىرى ياراتقان باشقا بىر ئىدىيەگە، يەنى خىتاي مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشقا يۈزلەندى. ئۇلار (خىتاي كومپارتىيەسى) خىتاي مەدەنىيىتىگە ئەھمىيەت بەرگەنسېرى، خىتاي مەدەنىيىتىگە قارىتا چۈشەنچىسى ئوخشاش بولمىغان ياكى ئۇنىڭغا ئوخشاش باغلىنىشنى ھېس قىلمايدىغان خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ بولۇشى خىتايدىكى مەسىلىنى شۇنچە ئېغىرلاشتۇردى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى قانۇنلاشتۇرۇشى جەھەتتە ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۇنىڭدىن باشقا تەرەپلەردىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. مەسىلەن، ئۆتكەن يىگىرمە بەش يىلدا، خىتاي ۋە ۋە چەت ئەلدە كۆلىمى بىر قەدەر چەكلىك بولغان دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە ھەتتا تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەردى. مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھادىسىلەردىن ئارتۇقچە گۇمان ۋە ئەندىشە قىلدى. بۇ ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىدى. مەن بۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىر ۋە تەسەۋۋۇرىنى قوللىمايمەن. ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنى رادىكال ئىسلام ياكى ئىسلام بىلەن تېررورنىڭ باغلىنىشى ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، دۆلەت ئىچىدە مەدەنىيەت سۈپىتىدە ئىسلامغا بولغان ئارتۇقچە دۈشمەنلىك پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ خىتايدا بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەرنى قوزغىتىشقا سەۋەب بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي يېقىنقى ئون، يىگىرمە يىلدا تېخىمۇ كۈچلۈك ھالغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ سىياسىتى ئۆزگەرمىگەن تەقدىردىمۇ، قىلالايدىغانلىرى، سىياسەتنى يولغا قويۇش دەرىجىسى ئۆزگەردى ۋە كۆپەيدى. شۇڭا بۈگۈن كۆرۈۋاتقىنىمىزنىڭ بىر قىسمى تېخىمۇ چوڭ دۆلەت ئىقتىدارىنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر.
مۇخبىر: خىتاينىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىدە ئاسسىمىلياتسىيەگە بۇرۇلۇشىنىڭ ئارقىسىدا نېمە بار؟ سەۋەبى نېمە؟
ئېرىن گلاسمان: مەن بۇ توغرۇلۇق بىر ئاز بۇرۇن بەزى مۇھىم نۇقتىلارنى خۇلاسىلىدىم. مېنىڭچە، بۇنىڭ بىر سەۋەبىنى خىتاينىڭ تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ تەھدىتىگە بولغان ئىنكاسى دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلاردىن قۇتۇلۇش، ئۇنى خىتايلاشتۇرۇش يەنى ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش كېرەك دەپ قارايدۇ. خىتايدىكى بۇ ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىسلامدىن قورقۇشىنى دۇنياۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە خىتايدا بۇرۇندىن مەۋجۇت بولغان تارىخى سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان دېيىشكە بولىدۇ. يەنى بۇلا يېقىنقى نەچچە ئون يىلدا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان ئاسسىمىلياتسىيەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەلۋەتتە، گېئو-سىياسى سەۋەبلەرمۇ بار. دېمەكچىمەنكى، شىنجاڭ ۋە تىبەت قاتارلىق رايونلارنى كونتروللۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئەندىشىسى، ھۆكۈمەتنىڭ پەرقلىق مىللىي كىملىكلەرنى دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە خەتەر يەتكۈزىدۇ دەيدىغان ئامىللارمۇ بار. بۇ شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن بىر ئىش. 2021-يىلى، شى جىنپىڭنىڭ ئاساسلىق لىنىيەنى، يەنى پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇڭا ئاساسىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، مىللىي سىياسەت ۋە مىللىي خىزمەتنىڭ تەشكىللەش پىرىنسىپى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش بولدى. دېمەكچىمەنكى، پەرقلىق مىللىي كىملىكنى بارغانسېرى ئاجىزلىتىپ، ئورتاق جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكىنى قۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھەرىكەتنىڭ باشلىنىشى بىلەن خىتايدا مىللەتچىلىكنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەت ۋە ھادىسىلەر، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ مەيدانغا كەلدى. بۇ يەردە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يەنە مۇھىم بىر ئىش سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بولدى. بۇ مېنىڭچە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ نەزىرىدە بەك مۇھىم ھادىسە ئىدى. خىتاي بولمىغان مىللەتلەردە مىللەتچىلىك تۇيغۇسى بار ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار، ئوخشىمىغان مىللەتلەر مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ مىللەتچىلىك ھەرىكىتى ۋە سەپەرۋەرلىكى 80-يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 90-يىللارنىڭ بېشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان مۇھىم ئامىللاردىن بىرى ئىدى. شۇڭا مېنىڭچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلانغاندىن كېيىن خىتايدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئارىسىدا يېڭى مىللەتچىلىكنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە ئەندىشە پەيدا بولدى.
مۇخبىر: خىتاينىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەرگە تۇتقان سىياسىتىنىڭ مىللىي ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بۇرۇلۇشىنىڭ ئارقىسىدا نېمە بار؟ سەۋەبى نېمە؟
ئېرىن گلاسمان: مەن بىر ئاز بۇرۇن خىتاينىڭ مىللىي سىياسەتتە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئاسسىمىلياتسىيەگە بۇرۇلۇشنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلدىم. شۇڭا مەن بايا دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ بۇ سوئالىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلايمەن. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى پەرقلىق. بۇ يەردە باشقا بىر مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلار بۇ رايونغا مەركەزلەشكەن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندىكى دىن، مەدەنىيەت، تىلدىكى پەرقلەر تۈپەيلى شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىك، خىتايدىن پارچىلىنىش ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا قارىتا كۆپ ئەندىشىلىرى بار. خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتايىن رەھىمسىز تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. بۇ مېنىڭچە، پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى ۋە مەسىلىلىرىنىڭ گەۋدىلىشىپ ئەكس ئېتىشىدۇ. يەنە كېلىپ، ھەر قانداق تېررورلۇق تەھدىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. كىشىلەردە بىر خىل خىتاي كىملىكىدىن باشقا كىملىككە قارىتا قورقۇش مەۋجۇت. شىنجاڭنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقا نۇرغۇن جايلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭ كېيىن بويسۇندۇرۇلدى، يەنى چىڭ ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن 18-ئەسىردە بويسۇندۇرۇلدى. شىنجاڭنىڭ بۇ تارىختىن كېيىنكى دەۋرلىرىنى مۇرەككەپ ۋە كۆپ مەسىلەر بىلەن تولغان دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇزۇن تارىخى بار. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىلگىرىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى، شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيە ئىمپېرىيەسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. شۇڭلاشقا، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ يەنىلا يېتەرلىك دەرىجىدە خىتاي ئەمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە خىتاي شىنجاڭدا ئەڭ چېكىدىن ئاشقان تەدبىرلەرنى يولغا قۇيۇۋاتىدۇ. شىنجاڭدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت پەرقىگە دۈشمەنلىك قىلىشى چېكىدىن ئاشتى. چۈنكى بۇنىڭ سەۋەبى شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن ئەندىشىسىگە سەۋەبچى بولغانلىقىدۇر.
مۇخبىر: رەھمەت سىزگە
ئېرىن گلاسمان: سىزگىمۇ رەھمەت
سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.