خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر

0:00 / 0:00

تيەنئەنمېندىكى بىر ئائىلە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى خەلقئارادا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەلىككە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلارنى قەتئىي رەت قىلىپ، ئۇنى تەشكىللىك ۋە پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەھەتتە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلمىدى. كۆزەتكۈچىلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئىنكار قىلىش سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇنىڭ مەسىلىنى تېخىمۇ زورايتىۋېتىدىغانلىقىنى، بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ پەقەتلا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى بىر نۇقسان بولۇش بىلەنلا قالماي، بەلكى خىتاينىڭ «تىنچ تەرەققىيات» ۋە «ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش» تىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ئۈچۈنمۇ زور توسالغۇ يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىدىكى پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پەنلىرى دوتسېنتى قىلىچ قانات «دۇنيا مۇنبىرى» ناملىق خەۋەر بېتىدە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتنىك زىددىيەتنىڭ يىلتىزىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا، مەسىلىنى ئۆزىنىڭ ئۇسۇللىرى بويىچە ھەل قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى يەنى ھەربىي كۈچ قوللىنىپ، جەمئىيەتكە قورقۇنچ سېلىۋاتقانلىقىنى، ئاز سانلىقلارنى چەتكە قېقىپ، ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى رادىكاللاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتقان بۇ خىل ۋاسىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:
ئالدى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ۋە خەلقئارادىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقانداق خاراكتېردىكى سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكەتلەر ئۈستىدىكى بېسىمىنى ئاشۇردى. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە مەدەنىي ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشىنى جىنايى قىلمىش قاتارىدا بىر تەرەپ قىلدى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە خەلقئارا تېررورلۇقنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلدى. خىتاينىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» خىتاي كۆپ تەشۋىق قىلىدىغان «سىياسىي مۇقىملىق» ۋە «ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش» نىشانى ئۈچۈن تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە. بۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارازىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي جەمئىيىتىدە ئۇيغۇرلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش خاھىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

قىلىچ قاناتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە خىتاي جەمئىيىتىدە شەكىللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش خاھىشىنى خىتاي خەلقىنى جەمئىيەتتىكى باشقا مەسىلىلەرنى ئۇنتۇلدۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ بايرىقى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن مۇددەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىر قوللۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل زىددىيەت سېلىش سىياسىتى نەتىجىدە ئىككى مىللەت ئارىسىدا ئاللىقاچان شەكىللەنگەن بۆلۈنۈشنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىكەن. ئۇ بۇنىڭ دەسلەپكى ئىپادىلىرىنىڭ 2009-يىلىدىكى شاۋگۈەن ۋەقەسى ۋە ئارقىدىن كېلىپ چىققان ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قېتىملىق ھەرىكەتتە ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى پەرقنى زورايتىش ئۇسۇلى قوللانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى خۇددى 1990-يىللاردا ئېلىپ بارغان ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلىش ھەرىكىتىگە ئوخشايدۇ. ئۇزۇن مۇددەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش ئىدىيىسى ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ. يەنى، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىيلىقىدىن گۇمانلىنىش كۈچىيىدۇ ۋە ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىكنىڭ كۈچىيىشى بىلەن سىياسىي رادىكاللىشىش ئېغىرلىشىدۇ» دەپ بايان قىلغان.

قىلىچ قانات يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىشىپ بېرىشىنىڭ خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىگىمۇ قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى يەنى خىتاي دەپ كېلىۋاتقان «تىنچ تەرەققىيات» ئۈچۈنمۇ قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئېلان قىلغاندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خىتاينىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىمەن دېگەن سۆزىنىڭ قانچىلىك چىنلىقىغا قارىتا گۇمان شەكىللەندۈرۈۋالغان. خىتاي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ئۈچۈن بىر تەھدىت بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچى بىلەن قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ سىياسىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇقۇمنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە باشقا جايلاردا يېيىلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرىگە ئوخشاش دىكتاتور ھۆكۈمەتلەر گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان شېرىكلىكىدىن ۋە خىتاي بېرىۋاتقان ياردەملەردىن مەمنۇن بولسىمۇ، ئەمما ئاۋام پۇقرا ئارىسىدا بولسا خىتاينى تەھدىت دەپ قارايدىغان ۋە خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدەك قىلىۋالماقچى دەيدىغان كۆز قاراش بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن. جۈملىدىن خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچ سىياسىتى ئوتتۇرا ئاسىيادا مەغلۇپ بولۇشقا باشلىغان.

قىلىچ قانات مۇلاھىزىسى داۋامىدا مۇنداق دېگەن:
ئېنىقكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق قوللاشقا ئېرىشمەكچى بولۇشى خىتاينىڭ خەلقئارادا ئوبراز تىكلىشى ئۈچۈنمۇ بىر توسالغۇ شەكىللەندۈرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ۋە ئۇچۇرغا قانچىلىك قاتتىق چەكلىمە قويۇشىغا قارىماي، دۇنيا جامائەتچىلىكى ھەر كۈنى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە شاھىت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش ئىسلام تەشكىلاتلىرى ۋە دۆلەتلىرى گەرچە خىتايغا قارشى كونكرېت بىر ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنى بېسىمغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ. تۈرك دۇنياسىمۇ ئوخشاشلا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغا دىققەت قىلىۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە، رادىكاللىققا، تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مىللىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. بۇلاردىن سىرت يەنە، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ خەلقىمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ. ئەمما يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسىغا خىتاينىڭ تەرەققىياتى ئۆزى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان تىنچلىقپەرۋەر تەرەققىياتتەك كۆرۈنمەيۋاتىدۇ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسىتى ۋە قىممەتلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ، دەپ قارىمايدۇ. مانا پۈتۈن بۇ نۇقتىلاردىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئارزۇ-نىشانلىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش قېيىن ئەمەس.

قىلىچ قانات مۇلاھىزىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگەن تەقدىردە، ئېتنىك زىددىيەت كۈچىيىپ، تېخىمۇ كۆپ قارشىلىق ۋە تېخىمۇ كۆپ ۋەقەلەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە مۇقىملىق يارىتىش خىيالى ۋە خەلقئارادا ئوبراز تىكلەش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.