خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىۋاتقان ئاخباراتلىرىدا، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ تالان - تاراج قىلىنىش ئەھۋالىغا دائىر بەزى مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىماقتا. قارىماي نېفىتلىكى 60 يىلدا ياراتقان پايدىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بۇنىڭ بىر مىسالى.
خىتاي نېفىتلىكى ئاخبارات مەركىزى تورىدا 8 - سىنتەبىر ئېلان قىلنغان «شىنجياڭ نېفىتلىكى 60 يىلدا 191 مىليارد 500 مىليون يۇەن باج تاپشۇردى، 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ ھەر بىرىگە 150 يۇەن تۆھپە قوشتى» ناملىق خەۋىرىدە، قاراماي نېفىتلىكى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بېرى دۆلەت ۋە يەرلىككە تاپشۇرغان باج مىقدارىنىڭ 200 مىليارد يۇەنگە يېقىنلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ مەلۇماتنى قارىماي نېفىتلىكى بايقالغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قارىماي شەھەرلىك پارتكوم ۋە شىنجياڭ نېفىتلىكى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى چېن شىنفا ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە 60 يىلدا قارىماي نېفىتلىكىدىن قېزىپ ئېلىنغان نېفىت ياراتقان ئومۇمىي ئىقتىسادىي قىممەت تىلغا ئېلىنمىغان، پەقەتلا 200 مىليارد يۇەن باج تىلغا ئېلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ 60 يىلدا قارىماي نېفىتلىكىنىڭ يەرلىكتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئىلگىرى - كېيىن بەرگەن پايدىسىنىڭ 250 مىليون يۇەن ياردەم ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئۇنداقتا، بۇ 60 يىلدا قارىماي نېفىتلىكى ياراتقان ئىقتىسادىي قىممەت قانچىلىك؟ قانچە پۇللۇق نېفىتتىن 200 مىليارد يۇەن باج ھاسىل بولىدۇ؟ يەرلىك خەلقنىڭ ئېرىشكىنى ئومۇمىي پايدىنىڭ قانچە پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ؟
ئەڭ ئاددىي ھېساب بويىچە، خىتايدا نېفىتتىن ئېلىنىدىغان باج 10 % تەخمىن قىلىنغاندا، 200 مىليارد يۇەن باج ياراتقان ئەسلى قىممەت 2 تىرىليون يۇەن بولىدۇ. يەرلىك خەلققە بېرىلگىنى 250 مىليون يۇەن بولغان تەقدىردە، بۇ پۇل ئومۇمىي پايدىنىڭ مىڭدە ئىككى پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. يەنى قارىماي نېفىتلىكى ئۆتكەن 60 يىلدا قازانغان پايدىسىدىن، بۇ زېمىننىڭ ھەقدا ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلققە ئاران مىڭدە ئىككى پىرسەنت نەپ بەرگەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى 2014 - يىلى خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ «شىنجياڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» دا ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن چىقىدىغان نېفىتتىن ئېلىنىدىغان باجنىڭ 3% ىنىڭ يەرلىككە، يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قالىدىغانلىقىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتى. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «يەرلىك» تەركىپىدە ئۇيغۇر ئىلى نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان خىتايلارمۇ بار. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى يىللاردىن بېرى، خۇددى قارىماي نېفىتلىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 90% ىدىن ئارتۇقراقىنى تەشكىل قىلىدىغان قارىمايدىكى خىتايلارغا نەپ بېرىۋاتقانغا ئوخشاش، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمۇ ئۇيغۇرلاردىن بەكرەك، بۇ يەردىكى خىتايلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر ئىلىدىكى تەبىئىي بايلىقلاردىن يەرلىك ئاساسىي خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بەھرىمەن بولالماي كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بىر مەسىلە. نېفىت، كۆمۈر، تەبىئىي گاز، ئالتۇن، ئۇران قاتارلىق قىممەتلىك بايلىقلارنىڭ خىتاي ئىشغال قىلغان بۇ 66 يىلدىن بۇيان ئىچكىرى خىتايغا توختىماي توشۇلىۋاتقانلىقى، يەرلىك خەلقلەرنىڭ يەنىلا نامراتلىق ئىسكەنجىسىدە ياشاپ كەلگەنلىكىمۇ ھەممىگە مەلۇم. ئۇيغۇر ئىلىدىن چىقىۋاتقان تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ زور ئېنىرگىيە ۋە بايلىق مەنبىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى، خىتاينىڭ ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماستىن بۇ گۆھەر زېمىننى ئۆز ئىشغالى ئاستىدا تۇتۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقلىرىنى شەپقەتسىزلەرچە باستۇرۇۋاتقانلىقىمۇ دۇنيا ئۈچۈن سىر ئەمەس.
د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنھاجىم بۇ ھەقتە توختىلىپ قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ۋەھشىلەرچە باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا، بۇ 60 يىلدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن «پۈتمەس - تۈگۈمەس بەخت - سائادەت ياراتقانلىقى» نى تەشۋىق قىلىشماقتا. ئەكسىچە، د ئۇ ق خىتاينىڭ بۇ 60 يىلدا ياراتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي پاجىئەلىرىنى دۇنيا جامائىتىگە پاش قىلىش ئۈچۈن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئالدىمىزدىكى ئايدا كۆلىمى زور بولغان بىر رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش ھازىرلىقىنى قىلماقتا.
0:00 / 0:00