مەمەت توختى ئەپەندى خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورچىلارغا زەربە بېرىشتە قولىنى تاشقى دۇنياغا ئۇزىتىشى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە يېقىندىن بۇيان سىرتقى كۈچلەرنى ئاساسى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، بۇلارنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ مۇقىملىقىغا قارىتا شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىچىدىكىگە قارىغاندا سىرتتىن كېلىدىغان تەھدىت زورايغان؛ خىتاي شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكەن ھەپتىلەردە تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبىتىدە شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارىتا ياردەم ۋە ھەمكارلىق تەلەپ قىلغان.

سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى مۇخبىرىمىز بىلەن سۆھبىتىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا بۇ تېمىدا توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە قارىتا تاشقى دۇنيانىڭ، جۈملىدىن تۈرك، ئىسلام دۇنياسىنىڭ قىزىقىشىدا بەلگىلىك دەرىجىدە ئىلگىرىلەش بولغان. بۇنىڭ ئۈستىگە، ۋەتەن، مىللەت يولىدا مۇھاجىرەتتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سان ۋە ساپاسىدىمۇ مۇئەييەن يۈكسىلىش بولغان. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بولسا، تاشقى دۇنياغا تېخىمۇ باغلانغان، شۇڭا خىتاي ئۆزىنىڭ تاشقى دۇنيادىكى مەنپەئەتلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن جىددىي شەكىلدە ئەندىشە قىلماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.