خىتاي راستتىنلا «خەلقئارا تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى» مۇ؟

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.09.13
911-11-sentebir-xatirilesh.jpg مەرھۇمە گۆھەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى نېۋيوركتىكى نۆل نۇقتىدا 11-سېنتەبىر پاجىئەسىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. 2011-يىلى 11-سېنتەبىر.
RFA

(11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 23 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن)

بۇنىڭدىن 23 يىل بۇرۇنقى 11-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىدا دۇنيانى لەرزىگە سالىدىغان بىر زور تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەردى. مەزكۇر تېررورلۇق ۋەقەسى بىر ئۇيغۇر قىزىمۇ ئىچىدە بولغان 3000 بىگۇناھ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى. بۇ پاجىئەنىڭ يۈز بېرىشى ئەينى ۋاقىتتا پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قايغۇرۇشىغا سەۋەب بولغان. ھەيران قالارلىقى، خىتاينىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسى بىلەن تەڭلا ئاتالمىش «خەلقئارا تېررورلۇقنىڭ قۇربانى» غا ئايلىنىپ قېلىشى بولدى. خىتاي شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىشىلىك ھوقۇقلىرى، سىياسىي، مىللىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى، دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكلىرىنى تەلەپ قىلغان ھەرقانداق ھەرىكىتىنى تېررورىزمغا باغلاپ زەربە بېرىپ كەلدى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلدى.

11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي «خەلقئارا تېررورلۇقنىڭ قۇربانى» غا ئايلىنىۋالغان مەزگىللەردە ھېيتگاھ مەسچىتىدىن قايتىۋاتقان ئۇيغۇرلار. 2001-يىلى 28-سېنتەبىر، قەشقەر.
11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي «خەلقئارا تېررورلۇقنىڭ قۇربانى» غا ئايلىنىۋالغان مەزگىللەردە ھېيتگاھ مەسچىتىدىن قايتىۋاتقان ئۇيغۇرلار. 2001-يىلى 28-سېنتەبىر، قەشقەر.
AP Photo/Greg Baker

مانا بۈگۈن ئۆتكەن يىگىرمە يىللىق تارىخقا قايتا نەزەر سالىدىغان بولساق، خىتاينىڭ ئەينى چاغدا «خەلقئارا تېررورلۇقنىڭ قۇربانى» غا ئايلىنىۋېلىشىنىڭ ئەسلىدە كېيىنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسىنى ھازىرلاش ئۈچۈن بولغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. يەنى، 1996-يىلى 3-ئايدا ئەينى چاغدىكى خىتاي دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»، يەنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «7-نومۇرلۇق مەخپىي ھۆججەت» نى ئېلان قىلدى. مەزكۇر «7-نومۇرلۇق ھۆججىتى» دە، «نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاساسلىق خەۋپ - تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت ‹ئۈچ خىل كۈچ›» دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنداق بىر تۆھمەت ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن خاتىرجەم يوقاتقىلى بولاتتى. 2001-يىلى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» يۈز بېرىشتىن 3 ئاي بۇرۇن، «شاڭخەي بەش دۆلەت كېلىشىمى» ئاساسىدا قۇرۇلغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» مۇ ئوخشاشلا «ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» باش نىشان قىلىپ قۇرۇلدى.

خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 2-ئىيۇل، قۇمۇل.
خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 2-ئىيۇل، قۇمۇل.
ImagineChina

دېمەك، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى خەلقئارا ھەمكارلىق ئاستىدا يوقىتىشنىڭ باشلىنىشى ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا يۈز بەرگەن 11-سېنتەبىر ۋەقەسى خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتىكى تېپىلماس پۇرسەت بولدى.

دەرۋەقە، «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىنلا ئۇيغۇرلار خەلقئارا تېررورلۇققا باغلىنىپ، دۇنيانىڭ نەزەرىدىن يىراق قالدۇرۇلدى. چۈنكى 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە خىتايدا قاباھەتلىك 10 يىللىق «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ مالىمانچىلىقلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش» سېپىدىن تېپىپ چىقىرىلىشى، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ئىدى. چۈنكى دېڭ شياۋپىڭ 1978-يىلى ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى» نى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يولى- «سوققان چوتنى ئاشكارىلىماسلىق» (韬光养晦) بولىدۇ دەپ يوليورۇق بەرگەن. بۇ سۆز خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خەلقئارا دىپلوماتىيەدىكى ئىش قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدىغان سۆزلۈك بولۇپ، ئاساسلىق مەقسىتى ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى خەلقئارادىن سىر تۇتۇش، ئىشلارنى يەڭ ئىچىدە قىلىش قاتارلىقلارنى مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا، 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ھەقسىز مۇئامىلىلىرىگە قارشى «دېموكراتىيە، باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك»، شۇنداقلا «مۇستەقىللىق ۋە ھۆرلۈك» ئۈچۈن كۆتۈرگەن چۇقانلىرى خەلقئارادىن سىر تۇتۇلغانىدى. ھەتتا بۈگۈنگىچە خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا ئارتقان تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك تۆھمەتلىرى ئارىسىدا 80-يىللاردىكى ئاشۇ ئاۋازلار يەر ئالغان ئەمەس. چۈنكى بۇنداق ئاۋازلار خەلقئارادا ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە ئەمەس، بەلكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى قانۇنسىز باستۇرۇشلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدەك ھەقىقەتنى ئاشكارىلايدۇ. بۇنداق بولغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاساسى تەۋرىنىپ قالىدۇ. دېمەك، «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىنكى «خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش» دولقۇنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدىكى قانۇنلۇق تەلەپلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستان ئۈچ خىل كۈچلىرى» نامى ئاستىغا ئەپچىللىك بىلەن يوشۇرۇلۇپ، ئاقىۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇرۇلغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ئاخىرقى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا. شۋېتسارىيە، جەنۋە، 2022-يىلى 25-ئاۋغۇست.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ئاخىرقى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا. شۋېتسارىيە، جەنۋە، 2022-يىلى 25-ئاۋغۇست.
Reuters

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت تەرىپىدىن 2022-يىلى 31-ئاۋغۇستتا خىتاينىڭ تۈرلۈك توسقۇنلۇقلىرىغا قارشى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى دەپ ئاتىشىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى. دوكلاتتا يەنە «ھۆكۈمەتنىڭ ش ئۇ ئا ر دا 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يولغا قويغان تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنى نۇقتىسىدىنمۇ ئەندىشە قوزغايدۇ، قانۇن ۋە سىياسەتكە ئاساسەن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان خالىغانچە تۇتقۇن ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىش، شەخس ۋە كوللېكتىپ سۈپىتىدە نېگىزلىك ھەق-ھوقۇقلىرىدىن چەكلەش ۋە ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىشنىڭ ئۆزى خەلقئارا جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» لىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. گەرچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ دوكلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «خەلقئارا تېررورلۇق» قا باغلىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى قىسمەن دەلىللەپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ب د ت تاكى بۈگۈنگىچە ئامېرىكاغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى بولمىغانلىقىغا دائىر ئىنكاس بىلدۈرگىنى ۋە ياكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلات سەۋەبلىك خىتايغا بىرەر تەدبىر ئالالىغىنى، قىسقىسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن بىرەر ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتكىنى يوق. خىتايمۇ بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋام قىلماقتا. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، خىتاي ھېلىھەم ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورلۇق بىلەن باغلاپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇۋاتىمىز» سەپسەتىسى بىلەن «يوشۇرۇش» ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن تىركەشمەكتە. مانا بۈگۈن بۇ قاباھەتلىك 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىنى قايتا ئەسلىگىنىمىزدە، خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسى بولماستىن، بەلكى ئەڭ چوڭ نەپكە ئېرىشكۈچىسى بولغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلىشىمىز تەبىئىي. مۇنداقچە ئېيتقاندا، 11-سېنتەبىر ۋەقەسى ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنمۇ خاتىرىلەشكە تېگىشلىك مۇسىبەتلىك بىر كۈندۇر.

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.