خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىشلىق ھەرىكەت پىلانى» مۇ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى نىشان قىلغان
2025.02.05
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن بۇيان خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان مىليونلىغان ئۇيغۇرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماش قىلمىشىنى ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا ئېلىپ بارغان. بولۇپمۇ «جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق باستۇرۇش ۋە تەقىبلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانىدى. ھەتتا يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنىڭ، رايوندىكى تېررورلۇق ھادىسىلىرىگە پۈتۈنلەي خاتىمە بەرگەنلىكىنى داۋراڭ سېلىشقا باشلىدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىشلىق ھەرىكەت پىلانى» نى يولغا قويغان. خىتاي تەشۋىقاتىدا بۇ پىلاننىڭ «خەتەرنى ئالدىن تۈگىتىش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن» يولغا قويۇلغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا. لېكىن مەزكۇر پىلاننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۈرگۈزۈلۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسىي تەقىبلەشنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.
خىتاي ج خ باشقارمىسى 2024-يىلى نويابىردا مەملىكەتلىك «قىشلىق ھەرىكەت پىلانى» نى يولغا قويغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتىلگەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئورگانلىرىنىڭ مەزكۇر ھەرىكەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرىدا «بىخەتەرلىك مۇھىتى مۇرەككەپ بولغان رايونلاردا مەركەزلەشتۈرۈپ تازىلاش ئېلىپ بېرىش» تەكىتلەنگەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان مەزكۇر «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىشلىق ھەرىكەت پىلانى» غا بىڭتۈەنمۇ يەرلىك ساقچىلار بىلەن «ھەمكارلىشىش» نامىدا قول تىققان. دېمەك، بىڭتۈەننىڭ قول تىقىشى بۇ قېتىمقى ئاتالمىش «ھەرىكەت» نىڭ ئادەتتىكى «مۇقىملىقنى ساقلاش» بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ۋاشىنگتوندىكى جامىستون فوندىنىڭ بىر دوكلاتىدىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان ئاتالمىش «قىشلىق ھەرىكەت پىلانى» نىڭ ئاددىي ھالدىكى مۇقىملىقنى قوغداش ھەرىكىتى بولماستىن، بەلكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاكىمىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ‹ئالدىنى ئېلىش شەكلىدە باستۇرۇش›» نى نىشان قىلغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دېمىسىمۇ بۇ خىل چەكتىن ئاشقان «بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى» ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى يەنىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە چەكلەش بىلەن تەڭ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ ئەنسىزلىككە سالىدىغانلىقى ئېنىق. گەرچە خەلقئارا جەمئىيەت ئىزچىل يوسۇندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل زوراۋان سىياسەتلىرىنى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي يەنىلا ھاكىمىيەت كۈچىگە تايانغان جىنايەتلىرىنى داۋام قىلماقتا.
ئۇنداقتا بىز خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق «تېررورلۇققا زەربە بېرىش قىشلىق ھەرىكەت پىلانى» نىڭ ئاساسىي مەقسىتى زادى نېمە ئىكەنلىكىگە قاراپ باقايلى.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ مەزكۇر ھەرىكەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر خەۋىرىدە، بۇ ھەرىكەت ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلار بېرىلگەن. يەنى، خەۋەردە ئاپتونوم رايونلۇق ھەرقايسى ج خ تارماقلىرى ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش قىشلىق ھەرىكەت پىلانى» نى ئىجرا قىلىشتا، «يېڭى دەۋردىكى فېڭچياۋ تەجرىبىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەتەر ۋە زىددىيەتلەرنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك» لىكى دېيىلگەن. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» گە تايىنىش بولسا، ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكى سىنىپىي دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تا، ئۇيغۇرلار دەل تارىختىكى «سىنىپىي دۈشمەن» سۈپىتىدە ئوبرازلاشتۇرۇلۇپ، زەربە بېرىپ يوقىتىش نىشانىغا ئايلاندۇرۇلغان.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلغان «تېررورلۇققا زەربە بېرىش قىشلىق ھەرىكىتى» گە دائىر مەلۇماتلاردىن، مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، مېڭە يۇيۇش ۋە تىزگىنلەش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مىسالغا ئالساق، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ تارماقلىرىنىڭ «تېررورلۇققا زەربە بېرىش قىشلىق ھەرىكەت پىلانى» ھەققىدىكى بىر خەۋەردە «ۋىلايەتلىك ج خ تارماقلىرى خەلقنى قوزغىتىپ، ناھىيە ۋە شەھەرلەردە فېڭچياۋ ساقچى ئەترىتى، بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىلىرى، مەھەللىلەردە قىزىل قوغدىغۇچىلار ۋە قولۇم-قوشنىلارنى ئۆزئارا نازارەت قىلدۇرۇشتەك بىرلىكتە چارلاش، بىرلىكتە قوغداش ئۇسۇلىدا خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى» دېيىلگەن.
ئەمەلىيەتتە، بۇ خىلدىكى ئېغىر تەقىبلەشنىڭ نىشانىمۇ، خىتايغا قارشى ھەرقانداق ئاۋازلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتايلار ئۈچۈن داۋاملىق ھالدا «بىخەتەر جاي» ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش؛ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىك ئېڭىنى يوقىتىپ، خىتايلاشتۇرۇشنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلىشىنى كۈچەيتىش. ئاتالمىش «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» ئۇيغۇرلارنى يوچۇقسىز نازارەت قىلىش سىستېمىسى ھەم خەلقنى بىر-بىرىگە سېلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، لاگېرلارغا قاماشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. مىسالغا ئالساق، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر بىرىنى نازارەت قىلىشى ئۈچۈن، «گۇمانلىق كىشىلەر» نى ھۆكۈمەتكە چېقىشقا رىغبەتلەندۈرۈش؛ مەھەللىدىكى كادىر-ساقچى، بىڭتۈەن خادىملىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ شەخس ئۇچۇرلىرىنى يىغىش؛ مەسچىت، مەھەللە كومىتېتى، مەكتەپ ۋە كارخانىلاردىن كىشىلەرنىڭ ئوي-خىيالى، ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى يىغىشقا تەشكىللەش… قاتارلىقلار دەل فېڭچياۋ تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىنغان. بۇ خىل سىستېما ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىش-ھەرىكەت، سۆز-پىكىر، ھەتتا ئوي-خىياللىرىنىمۇ جىنايەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، جازالىشىغا ئاساس بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مىسالغا ئالساق، بىر قانچە يىللار ئاۋۋالقى چوڭ تۇتقۇن ۋە لاگېرلارغا قاماش سىياسىتىدە، خىتاينىڭ 2017-يىلى ئېلان قىلغان «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل كونكرېت ئىپادىسى» بەلگىلىمىسى مۇھىم رول ئوينىغانىدى. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملاشقاندا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېيىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇپ، ئاياللارنىڭ ياغلىق چېگىشى، ئۆيدە قۇرئان كەرىم، جايناماز ساقلىشى، مەسچىتكە كىرىشى، تويدا نىكاھ ئوقۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» نى قورال قىلغان ئاساسىي قاتلام سىىياسىتىدە جىنايەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن؛ نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بۇ سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانىدى.
گەرچە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتتە ناماز ئوقۇش، تويدا نىكاھ ئوقۇش، جىنازا نامىزى چۈشۈرۈش قاتارلىق دىنىي ئادەتلىرى پۈتۈنلەي يوقىتىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق تۇتقۇن قىلىش ۋە باستۇرۇشتا يەنە باشقا «باھانىلار» نىڭ چىقىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر بىرەر ئۇيغۇر ئائىلىسى، ناۋادا ئۆز قىزىنىڭ بىر خىتاي ئەر بىلەن توي قىلىشىغا قارشىلىق بىلدۈرگەن بولسا، بۇ قارشىلىق دەرھاللا «نىكاھ ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىش» ياكى «مىللىي ئۆچمەنلىك ئىدىيەسى» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، جىنايەت بېكىتىلىشى؛ خىتايلارنىڭ يولسىزلىقلىرىغا، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زوراۋانلىقلىرىغا قارشى پىكىر بايان قىلىشمۇ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىك» دەپ قارىلىپ، جازاغا تارتىلىشقا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كىملىكىنى قارشىلىقسىز قوبۇل قىلىشى، جۈملىدىن خىتايلار بىلەن تويلىشىشنى شەرتسىز قوبۇل قىلىشى، خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆچۈرۈلۈشكە رايىشلىق بىلەن بويسۇنۇشى، تېرىلغۇ يەرلىرىنى خىتايغا بېرىپ، ئۆزلىرى مەدىكار-قۇل بولۇشى ياكى كەسىپ ئۆزگەرتىشكە ماقۇل بولۇشى دېگەندەك نۇرغۇن مەسىلىلەردە مەقسىتىگە يېتىشى ئۈچۈن يەنىلا بىرەر سىياسەت ۋە ھەرىكەتكە تايىنىدۇ. بۇ ۋەجىدىن خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش قىشلىق ھەرىكەت پىلانى» نىڭ 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن يولغا قويۇلغان، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يەنە بىر قېتىملىق تۇتقۇن سىياسىتىنىڭ باشلىنىشى دەپ قاراشقا تامامەن بولىدۇ.
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]