خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ يانتايىقى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

0:00 / 0:00

5-مارتتىن بۇيان بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ 2-يىغىنىغا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى» نىڭ تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە سەنئەت ساھەسىدىكى دىلنار ئابدۇللا، مۇيەسسەر توختى قاتارلىق بىر قىسىم ئۇيغۇر ئايال ۋەكىللىرى قاتناشقان. يىغىن مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» شوئارى ئاستىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان سىياسىي تەشۋىقاتىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى ۋە ئۇنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدىكى تەكلىپ-پىكىرلىرى كۈچلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا.

«خىتاي خەۋەر تورى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى ئايال ۋەكىللىرى مۇخبىرلارنىڭ «مەخسۇس» زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. «شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى» نىڭ دراما-تىياتىرچىلىق فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسور مۇيەسسەر توختى مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ 2-قېتىم سىياسىي كېڭەش ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قېتىملىق يىغىنغا ئېلىپ كەلگەن تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت-مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىنى كۈچەيتىشتە، دراما سەنئىتى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، رايوننىڭ باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەجبۇرىي مائارىپىغا دراما يەنى، ‹چاڭچىلە› تىياتىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوقۇتۇش پىلانىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ دراما تەتقىقات ئورنى قۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بېيىتىش، داڭلىق دراما مەكتەپلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

ئۇ يەنە، ئۆزى ئىشلەۋاتقان «شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى» دا 2019-يىلدىن باشلاپ قۇرۇلغان «جىڭجۈ» تىياتىرى كەسپىدە نۇرغۇن سەنئەت تالانت ئىگىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ «خوڭخۇا مىللىتى» نىڭ ئېسىل، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىغان.

ئىسرائىلىيەدىكى خىتاي يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ خانىم، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى» نامىدا ئۆزىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتايلار ئارىسىدىمۇ تېخى ئومۇملىشىپ كەتمىگەن «چاڭچىلە-جىڭجۈ» تىياتىر كەسىپلىرىنى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلىرى ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇملاشتۇرۇشى ماھىيەتتە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشتۇر. شۇنىڭدەك بۇ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خىتايلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، ئېرىپ تۈگىشىنى تېزلىتىشتىن دېرەك بېرىدىكەن. يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:

«خىتاي تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئاتالمىش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش، ئەمەلىيەتتە، تەبىئىي يوسۇندا شەكىللەنگەن مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گەۋدىسى ۋە بىرلىشىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش دېگەن بۇ تەشۋىقات ئاتالغۇلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ جايدا رەسمىي ۋە سىستېمىلىق مەشغۇلات ئارقىلىق رايوندىكىلەرگە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا ۋە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇ مىللەت ۋە مەدەنىيەتنى ئورتاق بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي يوقىتىپ، ئۆزىنىڭ خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر. ئۇنىڭ بۇ خىلدىكى مىللىي مەدەنىيەت يوقىتىش ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمىدۇر.»

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شائىرە راھىلە كامال خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۆزلىرىنىڭ جىڭجۈ تىياتىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى سىرتقا دۇنياغا تەشۋىق قىلىشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىش ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ئىكەن. شائىرە راھىلە كامال بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى بايان قىلدى:

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق «ئىككى يىغىن» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىسى دىلنار ئابدۇللامۇ مۇخبىرلارنىڭ «ئالاھىدە» زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى رايونىدا تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى «سەمىمىيلىك» بىلەن (恳请) تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگلىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەخمۇت خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىغا ئاكتىپ يانتاياق بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ ئاياللارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئېغىر مەجبۇرىيەت ۋە بېسىم ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقات ئويۇنى ۋە سىياسەتلىرىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر روھىي ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ زىيارەت داۋامىدا يەنە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ئارتىست-سەنئەتچىلەرنىڭ ھېچقانداق شەكىلدىكى ئىجادىيەت ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئۇلارنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىدىكى «قورچاق» قا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە، بۇ «قورچاق» تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئۇلارنىڭ تاشقى دۇنياغا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشتىكى مۇھىم تاكتىكا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭچە نۇرغۇن كىشىلەر جۈملىدىن خىتايلار، ھەتتا نۇرغۇن غەربلىكلەر ئارىسىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە قارىتا بەزى كۆز قاراشلار مەۋجۇت. يەنى ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جازا لاگېرلىرى ۋە قورقۇنچلۇق قانلىق قىرغىنچىلىقلاردۇر. شۇڭا، خىتاي، تەشۋىقات ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىگە قاراتقان سىياسىتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاممىنىڭ مەڭگۈ قوغدايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى. ھالبۇكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېنىقلىمىسى ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم بىر مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدۇر. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى يوقالسا، ئۇ مىللەتمۇ يوقىلىدۇ. خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى مىللەتنىڭ روھى، مىللەتنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشتۇر. شۇڭا، خىتاينىڭ تەشۋىق قىلىۋاتقىنى تامامەن مەدەنىيەت يوقىتىش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەتتۇر.»

يۇقىرىدا پىكرى بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ «ئىككى يىغىن» غا قاتناشقان ئۇيغۇر ئايال سەنئەتچى ۋەكىللەردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، «ئۆزىنىڭ يېغىدا ئۆزىنى قورۇش» تەك تەشۋىقات ھىيلىسى ئارقىلىق، ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاشقى دۇنياغا ئۇنى پەردازلاپ كۆرسىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتىكەن.