خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھاكىمىيىتنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» رەسمىي تونۇشقا باشلىغاندىن بۇيان، بېيجىڭنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئاكتىپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئالدىنقى قېتىملىق پىروگراممىلىرىمىزدا بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ تەشۋىقاتلىرىنىڭ ماھىيىتى ھەمدە ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان ئىدۇق.
بۇ قېتىم ئاشۇ تەشۋىقات ۋىدېيولىرىنى ئىشلەپ تارقىتىۋاتقان «چەت ئەللىك ساياھەتچى» لەرنىڭ بىرى بولغان سىنگاپورلۇق نوئىل لى ( Noel Lee) بىلەن ئالاقە قىلدۇق. ئۇ ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن خىتايدا تۇرۇشلۇق سىنگاپورلۇق. ھازىر گۇاڭدوڭدا تۇرۇۋاتىمەن. مەن كورۇنا ۋىرۇس باشلانغاندىن بۇيان خىتايدا تۇرۇپ قالدىم. مەن ئەسلىدە خوڭكوڭدا تىجارەت قىلاتتىم، خىتايدا تىجارىتىم يوق ئىدى. مەن بۇ يەرگە ئىش بېجىرگىلى كەلگەن ئىدىم، ۋىرۇس تۈپەيلى خوڭكوڭغا قايتالماي تۇرۇپ قالدىم.»
ئۇنىڭ يۇتىيۇب قانىلدا تارقاتقان ۋىدىيولىرىغا قارىغاندا، ئۇ ئۆتكەن يىلى ئاپىرىلدا ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە خوتەندە تۆت كۈنلۈك ساياھەتتە بولغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە گۇڭدوڭدىن ئۈرۈمچى-قەشقەرلەرگىچە ساياھەت قىلىپ بېرىش ناھايىتى قىممەت توختايدىكەن. شۇڭا ئۇ بۇ ساياھەتكە يەنە بىر داڭلىق يۇتۇبىر فېرناندو بېرنال (Fernando Muñoz Bernal) دىن ياردەم سورىغان. ئۇلار بۇ تۆت كۈنلۈك ساياھەتكە بىلەن بىللە بارغان بولۇپ، ئايرودروم تەكشۈرۈشى، مىھمانخانىغا ئورۇنلىشىش، كوچىلاردىكى تەكشۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەردىمۇ ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىمىغان. پۈتۈن ساياھەت جەريانىدا ھېچقانداق بىر ساياھەت يىتەكچىسى ياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۇلارنى ئاۋارە قىلماپتۇ.
يۇتۇب ۋىدىيو تارقاتقۇچىلىرى، يەنى يۇتۇبىرلار ئۆزلىرىنىڭ ۋىدېيولىرىدا ئەگەر ئۇيغۇر رايونىدىكى مەلۇم جاي ھەققىدە ساياھەت ۋىدېيوسى ئىشلىسە، ئۆلكىلىك ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇلارنى مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە باشقا خىراجەتلىرىنىمۇ كۆتۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى. ھەتتا بىز چەتئەللىكلەرنىڭ خالىغانچە ئۇيغۇر رايونىغا كېرەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان ئىدۇق.
شۇنىڭ بىلەن بىز خىتايدىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەشكە تىرىشتۇق. مەلۇم بولۇشىچە خىتايدا ياشايدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتايدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. شۇڭا بىز چەت ئەللىكلەر ئەڭ كۆپ ئوقۇيدىغان بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلاشتۇق. بىز ئۇلاردىن «ئەگەر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭغا بارماقچى بولسا، ئۆتەيدىغان بىرەر رەسمىيەت بارمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، تېلېفۇننى ئالغان خادىم مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «مىنىڭ بىلىشىمچە، شىنجاڭغا بارماقچى بولغانلار مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىلتىماس قىلىپ، رۇخسەتنامە ئېلىشى كېرەك. ھەتتا بىر كىشى ئۆز ئالدىغا يالغۇز ئىلتىماس قىلالمايدۇ، چوقۇم چوڭراق بىر ساياھەت شىركىتى بىلەن ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. چەت ئەللىكلەر پەقەت ساياھەت ئۆمىكى بىلەن بىللە شىنجاڭغا كېرەلەيدۇ. چۈنكى شىنجاڭ خەلقئارا سىياسەتكە چېتىشلىدىغان بىر رايون. شۇڭا چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا شىنجاڭغا كىرىشگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.»
بىز يەنە نوئىل لى تېلغا ئالغان فېرناندو دېگەن كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. مەلۇم بولۇشىچە، فېرناندو ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا FerMuBe دېگەن ئىسىم بىلەن داڭلىق بولغان خىتاي ھۆكۈمتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئەڭ چوڭ تەشۋىقاتچىسى ئىكەن.
خىتايدا 14 يىلدەك تۇرغان ۋە خىتاي ھەققىدە ئىشلىگەن بىر قاتار ۋىدېيولىرى سەۋەبلىك ئاخىرىدا خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، تورداشلارغا Serpentza نامى بىلەن تونۇشلۇق بولغان داڭلىق يۇتۇبىر ۋىنىستون ستىرزېل ئەپەندى، بۇ فېرناندو دېگەن كىشىنى ياخشى بىلىدىكەن. ئۇ فېرناندو ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «فېرناندو خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىللە ئىشلەيدۇ. ئۇ خىتاينىڭ دوڭگۇەن دېگەن يېرىدە تۇرۇدىغان كالفورنىيەلىك بىرسى. ئۇ خىتايدا ئۇزۇن يىللار تۇرغان. ئۇ ئەسلىدە ئىنگلىز تىلى تەربىيەلەش مەركىزى ئاچقان. كورونا ۋىرۇسى تارقالغاندىن كېيىن مەكتىپى تاقالدى، شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇنى خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيەسىدە دائىم كۆرىسىز. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان بارلىق تەشۋىقات ساياھەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭمۇ مەخسۇس خىتاينىڭ تەشۋىقاتنى قىلىدىغان بىر يۇتۇب قانىلى بار. ئۇ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تەشۋىقات ئىلىپ بارىدۇ. بىز ئۇنى ‹كومپارتىيە تەشۋىقاتچىسى› دەپ ئاتايمىز.»
بىز شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىكى بىر ساياھەت شىركىتىگە تېلېفۇن قىلدۇق. تېلېفۇننى ئالغان خادىم شىنجاڭدا كونترولنىڭ قاتتىقلىقى، بولۇپمۇ ۋىرۇس تۈپەيلى كونترول تېخىمۇ چىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ساياھەتچى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ ھەقتە يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن سۈرۈشتە قىلىشىمىزنى ئېيتىۋاتقاندا، تېلېفۇن تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ كەتتى. ئارقىدىن تەكرار ئۇرغان بولساقمۇ تېلېفۇن قايتا ئۇلانمىدى.
س ن ن (CNN)، ب ب س (BBC) ۋە «نىيو-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئەينى ۋاقىتتا بەرگەن خەۋەرلىرىدە كۆرسىتلىشىچە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر ئىشلىگەن خەلقئارا ئاخبارات قاناللىرىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرى خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 2015-يىلى فرانسىيەلىك ژۇرنالىست ئۇرسۇلا گويتېر (Ursula Gauthier) بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن 2015 خىتايدىن قوغلانغان. 2017-يىلى «بازفىد» تورىنىڭ مۇخبىرى راجا گوپالان (Raja Gopalan) ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر ئشلىگەنلىكى ئۈچۈن خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 2021-يىلى BBC نىڭ مۇخبىرى جون سۇدۋورىزنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار ھەققىدىكى خەۋەرلىرى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىمۇ چىگرادىن قوغلاپ چىقارغان.
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئۆتكەن يىلى مارتتا بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»، «ۋول-سترېت گېزىتى» ۋە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنى قوغلاپ چىقارغان. خەۋەردە كۆرسىتلىشىچە، بۇ ئاخبارات قاناللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىغىر باستۇرۇشقا چېتىشلىق بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ھەققىدە ئىشلىگەن خەۋەرلىرىنىڭ ېيجىڭ تەرىپىدىن «ئىنتايىن سەزگۈر» دەپ قارىلىشى، ئۇلارنىڭ چىگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشىدىكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىكەن.
BBC خەۋەر قانىلىنىڭ ئۆتكەن يىلى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2020-2021-يىلى ئارلىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندە 18 چەت ئەللىك مۇخبىرنى قوغلاپ چىقارغان. ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېغىر باستۇرۇش ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكلىرى ھەققىدە خەۋەر ئىشلىگەن مۇخبىرلارنى قولغا ئالغان.
ھالبۇكى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ يۈرگەن، خەلقئارالىق رەسمىي ئاخبارات قاناللىرىنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن ئۇيغۇر رايونىغا بىر قىسىم ئاتالمىش «چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر» نىڭ ئەركىن-ئازادە بېرىپ، «بەختلىك ئۇيغۇرلار» تەسۋىرلەنگەن «شىنجاڭغا ساياھەت ۋىدېيولىرى» نى ئىشلەپ تارقىتىشى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
بىز بۇ ئەھۋالغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن ۋاشىنگىتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تېلېفۇن قىلدۇق، تېلېفۇن ئاپتوماتىك ئۇچۇرغا باغلاندى، ئەمما سۆز قالدۇرغىلىمۇ بولمىدى. ئېلخەت يازدۇق، ئەمما جاۋاپ قايتۇرمىدى.
رادىيومىزنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خىتاي تەشۋىقاتچلىرى ھەققىدە ئىز قوغلاپ ئىنېقلاشلىرى داۋامىدا، يېڭىدىن خىتاي تەشۋىقاتى سېپىگە قېتىلىۋاتقان نۇرغۇن چەت ئەللىك يۇتۇبىرلارنىڭ تەشۋىقات ۋىدېيولىرىنى ئۇچراتتۇق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەركىن تور دۇنياسىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن بىز داۋاملىق بۇ تېما ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنۇمىز.