ئاتالمىش «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى» ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىچ يۈزىنى يوشۇرۇپ قالالامدۇ؟

0:00 / 0:00

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 28-فېۋرالدىن باشلاپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» (گۇرۇھى) ئۆزىنىڭ گېزىت سەھىپىسىدە ۋە شۇنداقلا ژۇرنال، تور، تېرمىنال، ۋىيشىن سۇپىلىرىدا «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى» ناملىق مەخسۇس تارماق ئىستون تەسىس قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى» نى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مەزكۇر تەشۋىقاتنىڭ ئاسالىق نۇقتىلىرى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا يۈز بەرگەن غايەت زور «ئۆزگىرىش» لەر ۋە يېڭى قىياپەتلەرنى مىكرو نەزەر بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقلەرنىڭ «پارتىيەگە ئەگىشىپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقانلىقى» دەك ئىشلارنىڭ نەق مەيدان زىيارەتلىرىدىن تەركىب تاپىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ 2016-2017-يىللىرىدىن باشلاپ تاكى بۈگۈنگىچە، ۋەتەندىكى ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇخبىرلار ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلگەن بىر ھالەت ئۆتكەن بەش-ئالتە يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا ۋەتەندىن قېچىپ چىققان لاگېر شاھىدلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ۋە ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىغانىدى. ئەمما خىتاي يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتكە ئۆتتى. بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت باشچىلىقىدىكى زىيارەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تۇنجى قېتىم زىيارەتكە بېرىشىغا يول قويۇلۇشى، بۇنىڭ كۈچلۈك مىسالىدۇر. مانا بۈگۈن خىتاي پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىۋەتكەن ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستنى كوچىمۇ-كوچا، ئۆيمۇ-ئۆي ئارىلاپ، زىيارەت قىلىپ، سۈرەتكە ئېلىپ، «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى» نامىدا تەشۋىقات فىلىمى ئىشلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىمىغانلىقىنى «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاغزى بىلەن» دۇنياغا ئاڭلىتىشقا ئۇرۇنماقتا.

ئۇ ھالدا خىتاي تەشۋىقاتىدىكى «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى» ناملىق مەخسۇس ئىستوننىڭ تەشۋىقاتلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇپ قالالامدۇ؟

بۇ ھەقىقەتەنمۇ جاۋاب بېرىش قىيىن بولغان، شۇناقلا ۋەزنى ئېغىر بىر سوئال. شۇنداقتىمۇ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن بىر قانچە يىللاردا نېمىلەرنى قىلغانلىقىغا نەزەرىمىزنى ئاغدۇرۇپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.

2014-يىلى ئەينى چاغدىكى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن «بەش ئاچقۇچ بىلەن بەش قۇلۇپنى ئېچىش» پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنى نىشان قىلغان «تېرورلۇققا، رادىكاللىققا ئومۇمىييۈزلۈك زەربە بېرىش» سىياسىتىدە قوللانغان ئىدى. يەنى جاڭ چۈنشيەن «ئىدىيە مەسىلىسىنى ئىدىيە بىلەن ھەل قىلىش، مەدەنىيەت مەسىلىسىنى مەدەنىيەت بىلەن ھەل قىلىش، ئۆرپ-ئادەت مەسىلىسىنى ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن ھەل قىلىش، دىنىي-ئېتىقاد مەسىلىسىنى، دىنىي-ئېتىقادنىڭ قائىدىلىرى بىلەن ھەل قىلىش، زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق مەسىلىلىرىنى قانۇن ۋە قاتتىق باستۇرۇش بىلەن ھەل قىلىش» نى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەپ ئىزاھلىغان ئىدى. بۇ ۋەجىدىن 2014-يىلى 200 مىڭ خىتاي مەمۇرلىرى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىغا «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش گۇرۇپپىسى» نامىدا بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرگەن ۋە ئۇيغۇرلارنى ئومۇمىييۈزلۈك نازارەت ئاستىغا ئالغانىدى. بولۇپمۇ 2020-يىلى ئېلان قىلىنغان «قاراقاش تىزىملىكى» نىڭ تۇرغۇزۇلۇقشىنىڭ دەل مۇشۇ 200 مىڭ خىتاي مەمۇرلىرىنىڭ «ئەمگەك مەھسۇلى» ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىش كەتمەيدۇ.

«قاراقاش تىزىملىكى» دە تىزىملانغان ئۇيغۇرلار قاراقاش ناھىيەسى بوستان يېزىسىغا تەۋە ئۇيغۇرلار بولۇپ، بۇ تىزىملىكنىڭ دىققەتنى تارتىدىغان ئەڭ مۇھىم نوقتىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسىنىڭ ئۈچ تۈرگە ئايرىلىپ، ھەر بىر تۈرلەر بويىچە مۇناسىۋەتلىك ئالاقە تورلىرى تەپسىلىي تىزىملانغانلىقىدۇر. مەسىلەن، 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى لاگېرغا قامالغان تۇرسۇنتوختى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامىلىش سەۋەبىنىڭ ئارتۇق تۆت پەرزەنتلىك بولغانلىقى ۋە ئايالىنىڭ بۇرۇن يۈزىنى ئورايدىغانلىقى يېزىلغاندىن سىرت، بۇ كىشىنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسى تۆۋەندىكىدەك تۈرگە ئايرىلىپ، قانداق بىر تەرەپ قىلىنىشى ھەققىدە ھۆكۈم بېرىلگەن:

«1) ئىجتىمائىي ئالاقە ئەھۋالى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دوستلىرى ۋە قۇلۇم-قوشنىلىرى ئارىسىدا قاتتىق باستۇرۇشتا تۇتۇلغانلار ياكى لاگېرغا ئاپىرىلغانلار بارلىقى بايقالمىدى. 2) دىنىي-ئېتىقادىنى مىراس قىلىش ئەھۋالى: ئاھالىلەر كومىتىتىدىكى مەسچىت باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ تۇرسۇنتوختىنىڭ بارلىق ئالاقە تورىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، مەزكۈر كىشىنىڭ بەزىدە ناماز ئۆتەيدىغانلىقىنى، جۈمە كۈنى مەسچىتكە جۈمە نامىزىغا بارىدىغانلىقىنى، تاماق يەپ بولغاندا دۇئا قىلىدىغانلىقىنى، بەزىدە ئىككى ھېيتتىكى يىغىلىشلارغا قاتنىشىدىغانلىقىنى، مەزكۈر دىنىي ئېتىقاد ئادەتلىرى ۋە بىلىمىنى پەقەت ئاتىسىدىن ئۆگەنگەنلىكىنى، ئاتىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. 3) يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشتىن كېيىنكى ھۆكۈمى: تۇرسۇنتوختىنىڭ ئايالى يۈزىنى ئورىغاندىن سىرتتىن، پىلاننىڭ سىرتىدا تۆت پەرزەنتلىك بولغانلىقىدىن باشقا مەسىلىسى بايقالمىدى. ھازىرچە ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش ناھايىتى زور، خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىپ، قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلدى. پوزىتسىيەسى ناھايىتى ئەستايىدىل، ئۇنىڭ باشقىلارغا ئەمەلىي زىيان سېلىش ئىھتىمالى يوق، لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ، يېزىغا قايتۇرۇلۇپ، باشقۇرۇشتا بولۇشىغا قوشۇلىمىز.»

بۇ يەردە بىر جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىغا يوقۇرىقىدەك تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىشلار سەۋەب بولغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ لاگېرغا قامالغانلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشىمىز تەس ئەمەس. چۈنكى، تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىش، روزا ھېيت، قۇربان ھېيتنى تەبىرىكلەش، ناماز ئۆتەش، مەسچىدكە بېرىش قاتارلىق ئىش-پائالىيەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا سىڭىپ كەتكەن ئادەتلەردۇر.

خىتاي «خەلق تورى» نىڭ 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان «پارتىيە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىن ئىبارەت ئېغىر دەرىجىدىكى نامرات رايوندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى» ناملىق ماقالىسىدە، 2014-يىلى جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا 26 نامرات ناھىيە بولۇپ، 2605 نامرات كەنت، 2 مىليۇن 190 مىڭ نامرات خەلق بولۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدىكى نامراتلىق نىسبىتىنىڭ 74، 86 ۋە 84 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى، نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتىنىڭ 32.4 پىرسەنتكە يېتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مەزكۈر ماقالىدە يەنە 2017-يىلىدىكى ئىسىتاتىستىكىدا پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە 3668 نامرات كەنت بولۇپ، بۇ نامرات كەنتلەردىكى نامراتلارنىڭ كۆلىمى 3 مىليۇن 132 مىڭ. 2014-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە 2 مىليۇن 315 مىڭ نامرات خەلق نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىن 1 مىليۇن 889 مىڭ شەخس، 4 ناھىيە ۋە 1707 كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقى يېزىلغان.

يوقۇرىقى سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نامراتلار نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان جاي دەل جەنۇبتىكى ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست ھېسابلىنىدۇ. نامراتلارغا نوقتىلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بۇ رايونلارغا مەركەزلىشىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى «تەڭرىتاغ تورى» دا ئېلان قىلىنغان «كەسكىن جەڭدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئېنىق تەدبىر قوللىنىش كېرەك» ناملىق ماقالىدىكى مۇنۇ قۇرلاردىن جاۋاب تاپالىشىمىز مۇمكىن. مەزكۇر ماقالىدە مۇنداق دەيدۇ: «2013-يىلى 11-ئايدا شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم نامراتلارغا نوقتىلىق ياردەم قىلىش سۆزىنى تىلغا ئالغان. شۇنىڭدىن بۇيان نوقتىلىق ياردەم دېگەن سۆز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى قىلىندى. شىنجاڭدا بولسا بۇ ئۇسۇل ئىزچىل قوللىنىپ، قىلچە ئۆزگىرىپ باقمىدى. بىزدە دۈشمەننىڭ ئەھۋالىنى ۋە ئۆزۈڭنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلسەڭ، ھەرقانداق جەڭدە ئۇتۇپ چىقىسەن دەيدىغان گەپ بار. ھەر بىر ئائىلىدە قانچىلىك ئەمگەك كۈچى بار؟ مال-چارۋىلىرىنىڭ سانى قانچە؟ ئىشلەتكىلى بولىدىغان تېرىلغۇ يېرى قانچىلىك؟. . . قاتارلىق بارلىق ئىچكى ئۇچۇرلارنى يىغىپ، ئارخىپلاشتۇرۇش 2014-يىلىدىكى تارىختا كۆرۈلمىگەن نامراتلارنى ئەنگە ئېلىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇش خىزمىتى بىلەن ئومۇمىييۈزلۈك باشلاندى. نامراتلارنىڭ ئۇچۇرلىرى تۇنجى قېتىم ئائىلىلەرگىچە بېرىپ جەزىملەشتۈرۈلدى. 2017-يىلى ئاپتونوم رايون يەنە 220 مىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنى نامراتلارنىڭ ئۆيلىرىدە بىرگە تۇرۇش، ئېنىق پەرقلەندۈرۈش، ئىچكىي ئەھۋاللارنى ئومۇمىييۈزلۈك ئىگىلەش، قايتا-قايتا تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، كىمگە ياردەم قىلىش، كىم ياردەم قىلىش، قانداق ياردەم قىلىش، قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە يەتتە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش نامراتلىقنى يوقىتىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ پىلان بىلەن مىڭلىغان ئائىلىلەرگە، نەچچە يۈز خىل ئوخشىمىغان شەكىلدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرى تۈزۈلدى. بۇ يەتتە بىر يۈرۈش نامراتلىقنى يوقىتىش ھەرىكەت پىلانى بولسا، 1. يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى تۈگىتىش؛ 2. كەسپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق قوللاش؛ 3. چېگرا قوغدىغۇچىغا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قوللاش؛ 4. باشقا يۇرتلارغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق قوللاش؛ 5. يەرلەرنى قايتۇرۇپ ئېلىپ، قايتا تەقسىم قىلىش ئارقىلىق قوللاش؛ 6. ئېكولوگىيەلىك تۆلەمنى يولغا قويۇپ قوللاش؛ 7. ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق يەنە بىر تۈركۈمنى قوللاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».

دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئىچكىي ئۇچۇرلىرى 2014-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىل ئىچىدە خىتاي مەمۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرىشى نەتىجىسىدە تەپسىلىي يىغىلغان ۋە ئارخىپلاشتۇرۇلغان. يەنە شۇنىمۇ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا دەل بۇ چاقىرىلمىغان مېھمانلار، ئۇيغۇرلارنىڭ مىليۇنلاپ لاگېرلارغا قامىلىشى، ئاتالمىش كەسپىي تەربىيەلەش، ئۆي-جايلىرىنىڭ چېقىلىش، ياقا-يۇرتلارغا مەجبۇرىي يۆتكىلىش، ئاتالمىش يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا قۇل ئىشچى قىلىش. . . قاتارلىق تۈرلۈك پاجىئەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئاساس سالغان.

قىسقىسى، بۈگۈن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست ئالىقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نازارەت ۋە يوقۇرى تېخنىكالىق كونتروللۇقى ئاستىدىكى ماشىنا ئادەملەر دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇلغان، گەرچە ئۇ زېمىندىكى نامراتلىقتىن ئەسەرمۇ قالمىغان، كۆرۈنۈشتە باي-باياشاتلىقتا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقى، زاۋۇت كارخانا ۋە باشقا ئىش ئورۇنلىرىدا ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ جان بېقىۋاتقاندەك مەنزىرە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن شەكىللەندۈرۈپ بولۇنغان. شۇڭا مەيلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكىلەر بۇ يەرلەرگە زىيارەتكە كەلسۇن ۋە ياكى «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى» نامىدىكى فىلىم ئۆيمۇ-ئۆي، كوچىمۇ-كوچا ئارىلاپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاتالمىش «يېڭى قىياپىتى» نى سۈرەتكە ئالسۇن، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇرنىڭ سىرتقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. ئىچكىي ئەھۋال ئايدىڭلاشمايدىكەن، كىشىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى مۇقەررەر يوسۇندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئويدۇرۇپ چىقارغان، سۈنئىي شەكىللەندۈرگەن ساختا مەنزىرە بولىدۇ، خالاس!