خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئالدامچىلىق تەشۋىقاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى قولدىن بېرىپ قويۇش قورقۇنچىنى كۆرسىتەمدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان جىنايىتىنى يوشۇرۇش ھەمدە ئۆز سىياسىتىنىڭ «توغرا» ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن كەڭ-كۆلەملىك تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، بۇ تەشۋىقاتنى ئۆزى مۇھىم دەپ قارىغان دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىغا كېڭەيتكەن.

5-ئاينىڭ 6-كۈنى خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىشىپ، تور ئارقىلىق «شىنجاڭ دېگەن ياخشى جاي» ناملىق تەشۋىقات كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن. بۇ كۆرگەزمىگە ئامېرىكا ئاقىللار مەركىزى ۋە سودا-سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار ھەمدە «ۋال سترېت ژۇرنىلى»، ئامېرىكا رادىئو شىركىتى (ABC) قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، شۇنداقلا خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، «خەلق گېزىتى» قاتارلىق تەشۋىقات ئورۇنلىرى قاتناشقان.

سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ كۆرگەزمە توغرۇلۇق كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتى بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئاۋسترالىيەدە تەنقىدكە ئۇچرىغانىدى، بۇ قېتىم ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كۆرگەزمىمۇ كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتچىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى، ئامېرىكادىكى مەشھۇر تاراتقۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنى خەۋەر قىلمىدى، بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق ئالدامچىلىق تەشۋىقاتى ھېچقانداق نەتىجە ئالالمايدۇ، بەلكى ئەكس ئۈنۈم بېرىدۇ. چۈنكى غەرب دۇنياسى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىنىڭ ساختىلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ».

كۆرگەزمىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ۋىدىيولۇق سۆز قىلىپ، «شىنجاڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ياخشىلاندى، 4 يىلدىن بېرى تېررورلۇق ھەرىكىتى يۈز بېرىپ باقمىدى، پۇقرالارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك غېمى يوق؛ مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ ئېھتىياجى كاپالەتكە ئىگە بولدى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئەركىنلىكى قانۇن بويىچە قوغدالدى» دېگەندەك ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن كونا يالغانلارنى توقۇغان.

شۆھرەت زاكىر يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىلىرى تەكرارلاپ كېلىۋاتقان يالغانچىلىقنى داۋام قىلىپ، «ئامېرىكانى ئاساس قىلغان غەرب دۇنياسىدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭ خەلقىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىنى كۆرمەسكە سالدى، شىنجاڭنى قورقۇنچلۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئوبرازىغا قارا سۈركىدى، ھەتتا شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر بولۇۋاتىدۇ دەپ تۆھمەت چاپلىدى» دېگەن ۋە ئارقىدىنلا «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى خىتاينىڭ بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىدۇ، ھەر قانداق تاشقى كۈچنىڭ شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىشى چۈمۈلىنىڭ دەرەخنى لىڭشىتماقچى بولۇشى ياكى پاقىنىڭ ھارۋىنى توسىماقچى بولغىنىدەك بىمەنلىكتۇر، ئۆزىنى چاغلىماسلىقتۇر، ئۇلارنىڭ نىيىتى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ!» دەپ شوئار توۋلىغان.

خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەيمۇ خىتاينىڭ چوڭقۇر ئەندىشىسىنى ئاشكارىلاپ، «ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك يالغانلىرى سىستېمىلىق ھالدا خىتاينى قارىلاش ھۇجۇمىدىن ئىبارەت. ئامېرىكا ۋە باشقا بىر قىسىم كۈچلەر نېمىشقا شىنجاڭ مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ بۇنداق كەڭ-كۆلەملىك يالغانچىلىق ئېلىپ بارىدۇ؟ ئېنىق ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ مەقسىتى مۇشۇنى باھانە قىلىپ خىتاينى ئىچكى قىسىمدىن پارچىلاش. ئۇلار ئېغىزىدا شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە مەقسىتى شىنجاڭ ئارقىلىق خىتاينى چەكلەش. ئۇلار ئاۋۋال جىنايەتنى بېكىتىدۇ، ئاندىن ئىسپات توپلايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ھەقىقىي ئەھۋال ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي سۇيىقەستى» دېگەن.

كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، سۈي تيەنكەي بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق سۇيىقەست نەزەرىيەسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى بۇرمىلىغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ يوشۇرۇۋاتقان مەلۇم جىنايىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويغان.

سۈي تيەنكەي يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ: «شىنجاڭنىڭ ئىشى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، شىنجاڭ مەسىلىسى ماھىيەتتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدۇر» دېگەن ھەمدە كوممۇنىست خىتاينىڭ بۇرۇندىنلا خەلق نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ توۋلاپ كېلىۋاتقان شوئارىنى تەكرارلاپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىشىغا ۋە بۇنى باھانە قىلىپ خىتاينى پارچىلىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ، 1مىليارد 400 مىليون خىتاي خەلقى بۇ سۇيىقەستنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا يول قويمايدۇ!» دېگەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر دائىم خەلق نامىدا يالغانچىلىق ۋە شوئارۋازلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇ ھۆكۈمەت خەلقنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان ھەم ئۇلارنى قۇل ئورنىدا كۆرىدۇ. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىگە ئىشەنسە سايلام ئۆتكۈزۈشى كېرەك، دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشى كېرەك، شۇ چاغدا خەلق ئۆز ئىرادىسىنى بېلەت ئارقىلىق كۆرسىتىدۇ، ئەمما خىتاي ئۇنداق قىلالمايدۇ».

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ كۆرگەزمىدە يەنە «شىنجاڭ دېگەن ياخشى جاي» تېمىسىدا بىر يۈرۈش ۋىدىيولار كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋەكىللىرى، تەربىيەلەش مەركىزىنى پۈتتۈرگەن كۇرسانتلار، مەسچىت ئىماملىرى، سىرتقا يۆتكەلگەن ئىشچىلار قاتارلىقلار ئۆز تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلققە قانچىلىك نەپ يەتكۈزگەنلىكى، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ ياخشى كۈنگە ئېرىشكەنلىكى…ھەققىدىكى ھېكايىلىرىنى بايان قىلغان.

سىياسىي تەھلىلچىلەرنىڭ ماقالىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت» دەپ بېكىتىشى خىتاي ئۈچۈن خەلقئارالىق نومۇس ۋە ئۆچمەس تارىخىي داغ بولۇپ، خىتاي بۇ داغنى يۇيۇپ چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا. ئەمما خىتاي ئۆزىنى ئاقلايمەن دېگەنچە يۈزىنى تېخىمۇ قارىغا بوياپ، ئوبرازىنى تېخىمۇ خۇنۈكلەشتۈرمەكتە. خىتاينىڭ بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرى ئارقىلىق تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشى تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىپ كېتىشى ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ كەلگۈسىدە خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۆتكەندە ئاۋسترالىيەدە ۋە بۇ قېتىم ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا مەخسۇس پائالىيەت قىلىپ ئۆزىنى ئاقلىشى ۋە غەرب دۇنياسىنى «شىنجاڭنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىشى خىتاينىڭ ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۆكتەملىك قىلىش ۋە دىققەتنى بۇراش ھىيلىسى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن قاتتىق قورقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ كۆرگەزمىدە خىتاينىڭ ئامېرىكانى ئاساس قىلىپ تەشۋىقات ھۇجۇمى قىلىشىنىڭ سەۋەبى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ باشلاپ بېرىشى بىلەن پۈتۈن دۇنيا ھازىر خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بىلىپ كەتتى. خىتاي ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنى ئاقلاش، دىققەتنى بۇراش ۋە ئامېرىكانى تىللاشقا ئۆتتى. ئەمما بۇ ئامېرىكانى تېخىمۇ ئويغىتىپ، خىتايغا قارشى قەدەممۇ قەدەم، ئۈنۈملۈك، كونكرېت تەدبىر قوللىنىش ۋە ئاخىر خىتاينى مەغلۇپ قىلىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىدۇ».