7-ئاۋغۇست ئۇيغۇر ئېلىدا «مەركەز بىرلىكسەپ خىزمىتى يىغىنى» ۋە «مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى تېلېۋېزىيە تېلېفون يىغىنى» نىڭ روھىنى يەتكۈزۈش ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىغىنى ئېچىلغان. يىغىنغا ما شىڭرۈي رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ خەلقئارالىق ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، نەزەرىيىۋىي تەتقىقاتلارنى كۆچەيتىش ئارقىلىق «شىنجاڭ ھېكايىسى، پارتىيە ھېكايىسى ۋە خىتاي ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.
ما شىڭرۈي مەزكۈر يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ «20-قۇرۇلتاي ئالدىدىكى تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى پۇختا قىلىش، ئاساسىي پىكىر ئېقىمىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاشدۇرۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمىلىك، ئىسترولۇق شەكىلدە شىنجاڭغا ئالاقىدار تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش، يېڭى ئىسپاتلارنى جەملەش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى چوڭ كۈچنى شەكىللەندۈرۈش» قاتارلىق يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئۆگىنىش ۋە بۇنى بىر سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش بىرلىكسەپ يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 29- ۋە 30-كۈنلىرى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىكىدە بېيجىڭدا ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۈر يىغىندا شى جىنپىڭ، بىرلىكسەپ بۆلۈمى چوقۇم قىلىشى زۆرۈر بولغان 12 تۈلۈك مۇھىم ئىش ھەققىدە يوليورۇق كۆرسەتكەن.
بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دوكتور ئەركىن سىدىق، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «بىرلىكسەپ بۆلۈمى» دىن ئىبارەت بۇ غايەت زور سىياسىي تەشۋىقات ماشىنىسىنى ئىشقا سېلىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» كە ئوخشاش ساختا تەشۋىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارىدى ھەمدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى چەكلەش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. بۇ ئەھۋال خىتاينى بەلگىلىك تۈردە پاراكەندە قىلدى. شۇڭا خىتاينىڭ نۆۋەتتە قىلىۋاتقان بىرىنچى ئىشى، دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياش، ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق خەلقئارانىڭ خىتايغا قارشى يولغا قويغان تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىش بولماقتا. تەشۋىقات ئىشى ئەسلىدە خىتاينىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات بۆلۈملىرى قىلىدىغان خىزمەت بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەزىپىنىڭ بىرلىكسەپ بۆلۈمىگە بېرىلىشىنىڭ خىتاي ئۈچۈن رولى ئىنتايىن چوڭ. چۈنكى خىتاينىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتى دائىرىسى خەلقئارا ئالاقە، دىنىي ئىشلار، مىللىي ئىشلار قاتارلىق بارلىق ساھەلەرگە باغلانغان. مەسىلەن، بىرلىكسەپ بۆلۈمى قىلىۋاتقان ئىشلاردىن خەلقئارالىق جاسوسلۇق ئېلىپ بېرىش، چەت ئەلدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنى پارچىلاپ يوقىتىش، كوڭزى ئىنىستىتۇتى قاتارلىق يۇمشاق كۈچلەر ئارقىلىق چەت ئەللەرگە سىڭىپ كىرىش ۋە خەلقئاراغا تەسىر كۆرسىتىش ۋەھاكازالار. يېقىنقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ دىنىي ساھەدىكى بىرلىكسەپ خىزمىتى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلگەن.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تەشۋىقاتلارنى كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە ئىسترولۇق شەكىلدە ئېلىپ بېرىش، بۇ جەھەتتە چوڭ كۈچ شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق يوليورۇقلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ھەققىدە مۇنۇلارنى بايان قىلدى:
«نۆۋەتتە خىتاي ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش، پاكىتلارنى يوق قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ خىتايغا بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت. خەلقئارادىكى ئۇيغۇرشۇناسلار، ئۇيغۇر مەسىلىسى تەتقىقاتچىلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان دۆلەت، تەشكىلات ياكى شەخسلەر بولسۇن، ھەممىسىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى دەل خىتاينىڭ جىنايەت ئىسپاتلىرىنى توپلاش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى دۇنياغا ئېچىپ تاشلاش بولىۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىگە بۇزغۇنچىلىق سېلىش، ئۆز ئارا زىددىيەت پەيدا قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى پارچىلاپ يوقىتىش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى تەشۋىقاتلىرى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا تۈرلۈك ۋاستىلەر بىلەن كۈچلۈك شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ بېسىمى ۋە قارىلاشلىرىغا دۇچ كېلىشى ئېنىق. ئەمما ئۇيغۇرلار بۇ سەۋەبلىك قىلچە بوشاشماسلىقى، ھەرقانداق بېسىملار ئاستىدىمۇ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.»
تۈركىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مۇھەممەدجان ئاتاۋۇللامۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى بىرلىكسەپ خىزمىتى يىغىنىدا سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان «چوقۇم قىلىش كېرەك بولغان 12 تۈرلۈك مۇھىم ئىش» ۋە «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» قاتارلىق يوليورۇقلىرىنىڭ ئىچكىي ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى: «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىكسەپ بۆلۈمىگە بەرگەن 12تۈرلۈك يول يورۇقى ئىچىدە دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش، كومپارتىيەنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك ئورنىنى ساقلاش ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى سەرخىللارنى خىتاي كومپارتىيەسىگە خىزمەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ نوقتا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇنى خىتاينىڭ نۆۋەتتە تەشۋىق قىلىۋاتقان ‹شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش› سەپسەتىسىگە باغلىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش نامىدا مۇسۇلمانلارغا جەڭ ئېلان قىلدى. ئىسلام دىنىنى ۋە ئىسلامىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى چەكلىدى. شۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقلەرنىڭ دىنىي ھاياتىنى خىتايچىلاشتۇرماقچى بولدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى سەرخىللارنى خىتاي تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلىدى. مانا بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا خىتايغا بويسۇنسا ياشاش ئىمكانى بولىدىغان، بويسۇنمىغانلار يوقىلىتىدىغان بىر ھالەت شەكىللەندۈرۈلدى. ھالبۇكى، بۇ پاجىئە خىتاينىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى تۆھپىسى قىلىپ كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. خىتايغا بويسۇنۇشنى تاللىغانلار بولسا خىتاي بىرلىكسەپ خىزمىتىنىڭ دۇنياغا ساختا تەشۋىقات تارقىتىش قورالىغا، ئاتالمىش ‹شىنجاڭ ھېكايىسى› نىڭ باش پېرسۇناژلىرىغا ئايلاندۇرۇلىۋاتىدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتنىڭ ئۇيغۇرلارنى قارىلاش تەشۋىقاتلىرىنى بىرلىكسەپ بۆلۈمىگە سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە بېرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئېغىر تەشۋىقات ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. گەرچە دۇنيا بۈگۈن خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىغا نىسبەتەن كۈچلۈك ئويغىنىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر يەنىلا مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەشۋىقات ھۇجۇملىرىغا قارىتا ھۇشيار تۇرۇشى، بايقىغان ساختا تەشۋىقاتلارنى ۋاقتىدا پاش قىلىشى، خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى دۇنياغا پاش قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشى كېرەك.»
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.