خىتاي تەشۋىقاتچىلىرىغا ئايلىنىۋاتقان ئەجنەبىي «تور تۇرا» ساھىبلىرى: مەنپەئەتلەر ۋە زەخمەتلەر

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ كۆپلىگەن پاكىتلىرى خەلقئاراغا مەلۇم بولۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جانلىق رېئاللىقنى داۋاملىق ئىنكار قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىسىز بولىدىغانلىقىنى تېزدىن تونۇپ يەتتى. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئاقلاپ، غەرب دۇنياسىنىڭ قانداق «جاھانگىرلىك» تەبىئىتى بارلىقىنى «پاش قىلىدىغان» بىر تۈركۈم «تور تۇرا ساھىبلىرى» ( vloggers) غەرب دۇنياسىنىڭ ئۆزىدە باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىىس ئۆز ئالدىغا يوتۇب، فېيسبوك ۋە تىۋېتتېر قاتارلىق تاراتقۇلاردا مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ، غەرب دۇنياسىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە تىلغا ئېلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»، «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى»، «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دېگەندەك ھادىسىلەرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى بېيجىڭ، شېنجېن، شىئەن قاتارلىق شەھەرلەردە ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگىچە بولغان كەڭ جايلاردا ساياھەتتە بولغانلىقىنى، بۇ جەرياندا غەرب تەشۋىقاتلىرىدا ئېيتىلغان سەلبىي ھادىسىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى كۆرمىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى مەنئىي قىلغان، شۇنداقلا مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاستىلىرىدىن ئەركىن پايدىلىنىشى، خىتاي تەۋەسىدە ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان. دۆلەت تەۋەلىكى جەھەتتە ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئوخشىمىغان جايلاردىن كەلگەن بۇ «تور تۇرا ساھىبلىرى» ئۆز تور بەتلىرىدە خىتايدا ئەركىن ساياھەتتە بولۇش، ئاجايىپ-غارايىپ ۋە تاڭسۇق خىتاي تائاملىرىدىن يەتكۈچە ھوزۇرلىنىش دېگەندەك مەئىشەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى كۆپلەپ تارقىتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە جەننەت كەبى ماكان ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرگەن. سەمىمىيلىك، راستچىللىق ۋە ئادىللىق ئاساسىدىكى مائارىپ تەربىيىسى، ئائىلە تەربىيىسى ۋە جەمئىيەت مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن بۇ ياشلارنىڭ قانداق بولۇپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئالدامچىلىق مېخانىزىمىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ قېلىشى ھەققدە سۆز بولغاندا ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇنىڭدا ھەددىدىن زىيادە ساددىلىق، ئاچكۆزلۈك ۋە نەپسانىيەتچىلىك قاتارلىق كۆپلىگە ئامىللارنىڭ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

بۇ خىلدىكى ئەجنەبىي تور تۇرا ساھىبلىرىنىڭ «شىنجاڭدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەۋجۇت ئەمەس»، «ئىرقىىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ، دېگەنلەر يالغان» دېگەندەك مەزمۇندىكى قىسقا ۋىديولىرى يوتۇب قاناللىرىدا ئۇلارنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى شىددەت بىلەن ئاشۇرغان. بەزى ئانالىزچىلار بۇ ساننىڭ شىددەتلىك ئېشىپ كېتىشى ھەققىدە گۇمانلارنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، تېخىمۇ زور ساندىكى مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋاستىلار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى «ئەجنەبىي» زۇۋاندىن بايان قىلىشنىڭ بىر تۈرلۈك ئاشكارىلانمىغان دۆلەت سىياسىتى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. BBC ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي خەۋىرىدىمۇ مۇشۇ خىل ئەھۋاللار ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيەلىك ئاتا-بالا تور تۇرا ساھىبلىرى لې باررېت ۋە ئولى باررېت ئۆزلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ۋىدىيو سۆھبىتىدە «مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى» ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي ساياھىتىگە سەرپ بولىدىغان ئايرۇپىلان بېلىتى، ياتاق بېلىتى ۋە تاماق خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇلار بولسا بۇنىڭ بەدىلىگە خىتاي ئاخباراتىنىڭ زىيارىىتنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ساياھەت تەسىراتىنى بايان قىلىدىغان بولغان.

ئەنگلىيەلىك «يەلتاپان ئەپەندى» (Mr Lightfoot) بولسا ئۆزىنىڭ بىر قېتىملىق ۋىدىيو بايانىدا «مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مېنىڭ بۇ قېتىملىق خەينەن سەپىرىمگە كۆپ قولايلىقلارنى يارىتىپ بەردى» دېگەن. ئارىدىن ئ‍ۇزۇن ئۆتمەي BBC ئاگېنتلىقى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ھەقتە بىر زىيارەت ئۆتكۈزۈشنى سورىغاندا، ئۇ قەتئى رەت قىلغان. يەنە بىر تور تۇرا ساھىبى باررىي جونېس ئىشلىگەن ۋىدىيولار خىتاي باشقۇرىشىدىكى «مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» نىڭ يوتۇب بېتىدە ئېلان قىلىنىپلا قالماستىن، يەنە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى بۇرمىلىشىغا رەددىيە» تېمىسىدىكى بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارغا «ئىسپاتلىق رەددىيە» ماتېرىيالى سۈپىتىدە قويۇپ بېرىلگەن. ئەجنەبىي تور تۇرا ساھىبلىرىنىڭ بۇ يوسۇندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قورچاق تەشۋىقاتچىلىرى» غا ئايلىنىپ قېلىشىدىكى ئىقتىسادىي ئامىلنىڭ رولى توغرىسىدا سۆز بولغاندا ئېلشات ھەسەن بۇنىڭ روھىيەت دۇنياسى پۈچەك بولغان بەزى ئىنسانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ھادىسىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك قىزىقتۇرۇش چارىلىرى ئارقىلىق ئەجنەبىي تور تۇرا ساھىبلىرىنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشى ھەمدە بۇ كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاقلايدىغان بايانلارنىڭ كۆپلەپ بېرىلىشى ئەمىلىيەتتە غەرب دۇنياسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىمۇ نۆۋەتتە مۇھىم مەسىلىلەردىن بولۇپ قالماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ باشقىلارغا قارىغاندا ئۆز خەلقىگە ئىشىنىش ئەنئەنىسى كۈچلۈك بولغان غەرپلىكلەر بۇ تور تۇرا ساھىبلىرىنىڭ بايانلىرىنى «ھەقىقەت» دەپ چۈشىنىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە تۇغۇت كونتروللۇقى قاتارلىق زور مەسىلىلەرنى «تۆھمەت» قاراشقا مايىل بولۇپ قالىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ خىل «چولپانلار» نىڭ بايانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن غايەت وزر ئۈنۈم، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېساپسىز زىيانلارنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

دەرۋەقە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى تور تۇرا ساھىبلىرىنىڭ ھەممىسىلا مۇشۇ خىلدىكى كىشىلەرگە مەنسۇپ ئەمەس ئىكەن. 2007-يىلى ئۆزىنىڭ 26 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە پىيادە مېڭىش سەپىرىنى باشلاش بىلەن داڭقى چىققان گېرمانىيەلىك تور تۇرا ساھىبى كرىستوف راخىگ (Christoph Rehage) شۇ ۋاقىتلاردىن تارتىپ ئۇيۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە خىتاي خەلقىگە چۈشەنچە بېرىشنى مۇھىم نىشان قىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ لاۋ لېي دېگەن خىتايچە تەخەللۇسىدا «شىنجاڭدا زادى قىرغىنچىلىق بولۇۋاتامدۇ؟»، «شىنجاڭدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى بارمۇ؟» دېگەندەك ۋىدىيولىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇچۇر كونتروللۇقىنى قايسى دەرىجىگە يەتكۈزگەنلىكىنى، شۇڭا ھېلىغۇ چەت ئەللىكلەر ئىكەن، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىزىچل داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك، لاگىرلار قاتارلىق قەبىھلىكلەرنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى، چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمىغان ھەرقانداق شەيئىنى ھېچكىمنىڭ كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى بەكمۇ چۈشىنىشلىك شەكىلدە بايان قىلىپ بېرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ خىلدىكى تور تۇرا چولپانلىرى نۆۋەتتە كۆپلەپ پەيدا بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە ۋە تەخمىنلەرمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.