خىتاي تىلى قەدىمدىن تارتىپ ئورتاق تىل بولغانمۇ؟
2024.04.21
يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تاراتقۇلىرىدا «خىتاي تىل-يېزىقىنىڭ غەربىي دىياردا قوللىنىلىشى ۋە ئورتاق تىلغا ئايلىنىشى غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە باشلانغان» دېگەندەك مەزمۇندىكى خەۋەرلەر تەشۋىق قىلىنماقتا. خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىل مەزمۇندىكى خەۋەرلەرنى تارقىتىش بىلەن بىرلىكتە، «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئۆتكىلى» تەشۋىقاتىنى بازارغا سالماقتا.
خىتاي تەشۋىقاتلىرى ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان خىتايچە يازما ۋەسىقە ۋە يۈزىگە خىتايچە خەت چۈشۈرۈلگەن تامغا، تاش ئابىدە، تەڭگە پۇل، ئەينەك، كومزەك قاتارلىق ماددىي بۇيۇملارنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ غەربىي دىياردا چوڭقۇر ئېتىراپ قىلىنىشىنىڭ شاھىتى دەپ تەكىتلەپ كەلگەنىدى. مەلۇم بىر تىلنىڭ كۆپلىگەن مىللەتلەر ۋە تىللار مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايوندا ئورتاق تىل بولۇپ بېكىتىلىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇ خىل تىل كۆپچىلىك تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ قوبۇل قىلىنىشى ۋە بارلىق مائارىپ سىستېمىسىدا قوللىنىلغان بولۇشى كېرەك. خىتاي دائىرىلىرى تەشۋىقاتىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش ئۈچۈن ئاساسلىقى تۇرپان ۋە نىيە رايونىدىن تېپىلغان قەدىمكى يازما يادىكارلىقلارنىڭ خىتايچە دەرسلىك ماتېرىياللىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۆز تەشۋىقاتى ئۈچۈن كۇزۇر قىلىپ قوللانماقتا. بۇلارنىڭ بىرى تۇرپان ئاستانىدىكى قەدىمكى قەبرىلەردىن تېپىلغان مىڭ بىر بىتىگ (千字文) پۈتۈك پارچىلىرى بولۇپ، خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى بۇ پۈتۈك پارچىلىرى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي رايوندىمۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە كەڭ تارقالغان ساۋات چىقىرىش ماتېرىيالىنى قوللانغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ، دەپ داۋراڭ سالماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتى تۇرپان ۋەسىقىلىرىگە تەۋە بولغان «مىڭ بىر بىتىگ» ھەققىدە تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغانلىقى ياكى بىلسىمۇ ھەقىقەتنى بۇرمىلاش غەرىزى بىلەن ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىلغان رەزىل ئويۇنىدىن ئىبارەت، خالاس.
«مىڭ بىر بىتىگ» ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشكە توغرا كەلسە، بۇ بىر تۈرلۈك بۇددا دەستۇرى بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بۇ خىل قوليازمىلارنى تۇرپان تېكىستلىرى ئىچىدە تىل ۋە يېزىق باغلىنىشى مۇرەككەپ بولغان ئەسەرلەر دەپ قارايدۇ. تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، بېرلىندىكى «تۇرپان ۋەسىقىلىرى يىغىلمىسى» نىڭ ئۆزىدىلا 20 نەچچە خىل تىل ۋە يېزىقتىكى تەخمىنەن 40، 000 پارچە ئەتراپىدا قوليازما مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسلىق تىللاردىن قەدىمكى ئىران تىلى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، سانسكرىت تىلى ۋە توخار تىلىدىكى تېكىستلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ. مەلۇم ساندىكى خىتاي يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرمۇ بار.
بېرلىندا ساقلىنىۋاتقان «تۇرپان ۋەسىقىلىرى» ئۈستىدە ئىزدەنگەن گېرمانىيەلىك تۈركولوگ پېتىر زېمى (Peter Zieme) «مىڭ بىر بىتىگ» تېكىستلىرىنىڭ كۆپ خىل تىل ۋە يېزىقلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلۈشىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. مەسىلەن، «مىڭ بىر بىتىگ» نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان، ھەتتا مەلۇم ئۆرنەكلەردە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «مىڭ ئۈزۈكلەر چىزىغى» دېگەن خەتلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. خىتايچە تىرانسكرىپسىيە قىلىنغان ھۆججەتلەرنىڭ مانى يېزىقى، براخمى يېزىقى ۋە تىبەتچە يېزىقتا يېزىلغانلىرىمۇ ئۇچرايدىكەن. بىر قىسىم ئۆرنەكلەردە خىتاي (خەن) يېزىقىدا يېزىلغان قوليازمىلارنىڭ يېنىدا قەدىمكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرىمۇ بىللە كېلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە يالغۇزلا خىتاي يېزىقىدا يېزىلغان نۇسخىلىرىمۇ مەۋجۇت. ياپون تۈركولوگ تاكاۋ مورىياسۇ ئىككى خىل يېزىقنىڭ بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلۈش ئەھۋالىنى ئىزاھلاپ، بۇ ئەينى ۋاقىتتا باشقا مىللەتلەر بىلەن توختام، قەرز قاتارلىق تۈرلۈك مەمۇرىي ۋە قانۇنىي ئالاقە ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرۇش ئېھتىياجىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا يەنە خىتاي تارىخچىلىرى تەرىپىدىن تۇرپان ئاستانىدىن تېپىلغانلىقى ئېنىقلانغان «مۇھاكىمە ۋە بايان» ئىسمىدىكى كۇڭزى تەلىماتى مەزمۇنىدىكى كۆچۈرمە يازمىلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئورۇن ئالغانىدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇلاردىن باشقا يەنە تاڭ دەۋرىدىكى ئۆسمۈرلەر نەزملىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ قەدىمكى خىتاي تىلىدىكى تاڭ نەزملىرىنى يادلىشى بىلەن بىردەكلىك ساقلىغان دېگەن بىمەنە قاراشلارنىمۇ تەشۋىق قىلماقتا. خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان «پاكىتلار» ئەينى ۋاقىتتا تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل خانىدانلىقتا بىر تۇتاش دەرسلىك ماتېرىياللارنى قوللانغانلىقى ۋە بىرلىككە كەلتۈرگەنلىكىنىڭ شاھىتى دەپ جار سالماقتا. ۋاھالەنكى، بۇ تارىخىي رېئاللىققا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئەمەس، خىتاي مىللىتى ھېچقاچان ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپ سانلىق ئاھالە بولمىغان، پەقەت مەلۇم ساندىكى ھەربىي قوشۇنلىرى، سودىگەرلىرى خەن سۇلالىسى ۋە تاڭ سۇلالىلىرى، يەنى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 1-ۋە مىلادىيەدىن كېيىنكى 1-ئەسىرلەردە كەلگەن بولسىمۇ بىراق بۇ يەردە پۇت دەسسەپ تۇرالمىغان. تاكى 7-ئەسىرگىچە 6 ئەسىر بۇ جايغا خىتاي قوشۇنلىرى كېلەلمىگەن، ئاھالىلىرىمۇ جايلاشمىغان. پەقەت 7-8-ئەسىرلەر ئارىسىدا تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاشلا ئۇلار 751-يىلىدىكى تالاس ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇ جايدىن قوغلانغان. شۇندىن ئېتىبارەن، خىتايلار تاكى 18-19 ئەسىرگىچە ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ كېلىپ جايلىشالمىغان.
بۇ ھەقتە غەربلىك تارىخچىلاردىن جەيمىس مىلۋارد (James Millward) ۋە پېتىر پەردۈ (Peter Perdue) لەرنىڭ ئورتاق ئاپتورلۇقىدىكى «19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان دەۋردىكى شىنجاڭ رايونىنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تارىخى» ناملىق ئىلمىي ماقالىدە خىتايلارنىڭ چىڭ سۇلالىسىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلى زېمىنلىرىغا كېلىپ يەرلەشمىگەنلىكىنى تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇلار، يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ، تۇرپان ۋە تارىم ئويمانلىقىدا ياشىغان ھونلار قاتارلىق يەرلىك مىللەت، قەبىلىلەر بىلەن ئىزچىل تۈردە تىركىشىپ تۇرغانلىقىنى، ۋە بۇ كۈرەشلەر داۋامىدا گەرچە ئۇلارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقاچان بۇ زېمىنلاردا ياشىمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ. ئەكسىچە بۇ زېمىنلاردا يەرلىك خانلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. تارىم ئويمانلىقى ياكى تۇرپاندىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلارغا قارىغاندىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئاندا-ساندا خىتايلارنىڭ كېزىپ يۈرگەنلىكى ياكى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى مەلۇم.
بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي تىلى بۇ يەردە قانداقسىغا ئورتاق قوللىنىدىغان تىل بولسۇن؟ ئەلۋەتتە بۇ يەكۈننىڭ كەينىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش ۋە خىتايلاشتۇرۇش غەرىزى يوشۇرۇنغانلىقى ئېنىق. ئەمەلىيەتتە ئۇ دەۋردە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئۇ دەۋردە ئاپىرىنچۇر تېكىن، پىراخيايا قاتارلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ يازغان شېئىرلىرى بىلەن تويۇنۇپ كەلگەن ئىدى.
خىتاي تىلى غەربىي دىياردا ئورتاق تىل بولغان دېگەن كۆز قاراشنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن ئەينى دەۋردە تۇرپاندا ھۆكۈم سۈرگەن تارىختىكى ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى مائارىپ ئەھۋالى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا نەزەر سېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسەن، ئۇيغۇرلاردا يېزىق تارىخى باشلانغاندىن كېيىن مەكتەپ-مائارىپ ئىشلىرىغا تۇنجى ئاساس سالغان ماكان-ئىدىقۇت خانلىقىدۇر. بۇ جاي ئەينى زاماندا شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتى ئۆزئارا سىڭىشىپ يۇغۇرۇلغان مەركەز بولغاچقا، تۈرلۈك دىن ۋە تىل-يېزىقلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەھۋال ئەمەس ئىدى. تۇرپان تەۋەسىدىن تېپىلغان مانى دىنى، نېستۇرىيان دىنى ۋە بۇددا دىنىغا ئائىت تۈرلۈك دىنىي مەزمۇندىكى ئەسەرلەر بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ. ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى ۋە يارغول قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى ئىبادەتخانىلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تەلىم-تەربىيە مەركىزى بولغانلىقى مەلۇم. تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقى ۋە تىلى ھەققىدە» ناملىق كىتابىغا ئاساسەن، ئىبادەتخانىلاردا خەنزۇ تىلى، ھىندى تىلى ۋە سانسكرىت تىلىدىكى دىنىي دەستۇرلارنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىگە ئائىت مەلۇماتلارغا ئېرىشەلەيمىز. ئىبادەتخانىلارنىڭ يېنىدا «ئۇرخايان» دەپ ئاتىلىدىغان مەكتەپلەر بولۇپ، نۇرغۇنلىغان يېشىغا يەتكەن قىز، ئوغۇللار بۇ جايدا ئىلىم تەھسىل قىلغان ئىكەن. مەكتەپلەرنىڭ تۈرى كۆپ خىل بولۇپ، قاراغوجادىن تېپىلغان كۆچۈرۈلگەن قوليازمىلارنىڭ ئۆزىلا 2700 خىلدىن ئاشىدىكەن. ئەينى ۋاقىتتا تالىپلار بۇددا نوملىرىنى ئوقۇش ئۈچۈن سانسكرىت تىلى، شۇنىڭدەك يەنە قىسمەن ھالدا قوشۇمچە خىتاي تىلى، تۈبۈت تىلى قاتارلىق تىللارنىمۇ ئۆگىنەتتىكەن. بىرقانچە خىل تىل ئۆگىنىش ۋە بىلىش ئەينى ۋاقىتتىكى جەمئىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ، نورمال ھادىسە ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقىمۇ ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە ئىلىم-بىلىمنى بېيىتىش ئۈچۈن «بىلگە كېڭىشى» تەسىس قىلىنىپ، تەرجىمە ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا زور ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىمۇ ئايان. تۆھپىكار تەرجىمانلاردىن سىڭقۇ سېلى تۇتۇڭ ۋە ئۇنىڭ «مايتىرى سىمىت»، «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.
شۇڭا يۇقىرىقى پاكىتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىرەر پارچە خىتاي تىلىدىكى قوليازمىنىڭ تېپىلىپ قېلىشى، بۇ جايدا خىتاي تىلىنىڭ ئورتاق تىل بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە خەلقنىڭ خىتاي تىلىغا ئېھتىياجى چۈشمەيدىغانلىقىنى، يۇقىرى سەۋىيەدە ۋە ئىلغار مەدەنىيەتكە ساھىب مىللەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەگەر خىتايلار تەكىتلىگىنىدەك ئەينى ۋاقىتتا ئاتالمىش غەربىي دىياردا خىتاي تىلى ئورتاق تىل بولغان بولسا ئىدى، 15-ئەسىردىكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن خىتاي تىلى سېلىشتۇرما لۇغىتى بولغان «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى» گە ئوخشاش ئېنسىكلوپېدىيەلىك لۇغەت تۈزۈشنىڭمۇ ھاجىتى بولمايتتى.
خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا ئورۇن ئالغان يەنە بىر مىسال «نىيەدىن تېپىلغان خىتايچە دەرسلىك كىتابى» سەپسەتىسىگە كەلسەك، خىتاي خەۋەرلىرىدە شاڭخەي مۇزېيى خادىمى ۋاڭ يۆنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى ۋاقىتتا جىن ۋە خەن سۇلالىسى دەۋرىدە نىيە (نىران) دۆلىتى تەۋەسىدە باشقا يېزىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن خىتايچە يېزىقنى قوللانغانمىش. ئەجەبا خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى، تارىختا بۇ دەۋردە تەكلىماكان ئويمانلىقىغا جايلاشقان قەدىمكى نىران، ئۇدۇن ۋە كىروران قاتارلىق جايلاردا قارۇشتى يېزىقىنىڭ قوللانغانلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويدىمۇ ياكى قەستەن ئۇنتۇپ قالدىمۇ؟ تارىم ئويمانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان يادىكارلىقلاردىن مەلۇمكى، بۇ يېزىقنىڭ تارىم ۋادىسىدا قوللىنىلىشى بۇددا دىنىنىڭ گۈللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كېيىنچە ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئىشلىرىدا قوللانغانلىقى مەلۇم. تارىم ۋادىسىدىن 1000 غا يېقىن قارۇشتى يېزىقىدا قالدۇرۇلغان ياغاچ تارىشا پۈتۈكلىرى ۋە نۇرغۇنلىغان قارۇشتى يېزىقى چۈشۈرۈلگەن تەڭگە پۇللار تېپىلغان. دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە قارۇشتى يېزىقىنىڭ شىفىرلىرى يېشىلگەندىن كېيىن، تارىشا پۈتۈكلەرگە نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەزمۇنلار پۈتۈلگەنلىكى مەلۇم بولغان ۋە زىلزىلە قوزغىغان، شۇنداقلا دۇنيا مىقياسىدا داۋاملىق تەتقىق قىلىنماقتا.
بۈگۈنكى كۈنلۈكتە خىتاي ئۆزلىرىمۇ نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى قوللانماي كەلگەن دەرسلىك كىتابلارنىڭ تېپىلىشىنى ئۇيغۇرلار ياشىغان زېمىنلارنىڭ تارىخىغا باغلاپ، ئەينى ۋاقىتتا خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي رايوندىكى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى قۇرۇلغان جايلارنى بىر تۇتاش باشقۇرغانلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ كۆرسەتمەكتە. بۇ خىل ئاساسسىز «پاكىتلار» ئەينى ۋاقىتتا مەيلى ئىدىقۇت خانلىقى بولسۇن ياكى خوتەن، نىران دۆلەتلىرى بولسۇن ھېچقاچان خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىدا بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا تارىختا ئۇيغۇرلار ياشىغان زېمىنلاردا خىتاي تىلى ئەزەلدىن ئورتاق تىل بولۇپ باقمىغان دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز. ۋاھالەنكى ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان خىتايلارغا ئوخشىمايدىغان تىل-يېزىق ۋە ئىدېئولوگىيەنى قوبۇل قىلىپ تەربىيەلىنىپ كەلگەن. شۇڭا خىتاي تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ خىتاي تىلى ئەزەلدىنلا ئورتاق تىل بولغان دېگەن سەپسەتىسىنىڭ ماھىيىتى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقارغان بىر نەيرەڭدىن ئىبارەت، خالاس.
*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.