CIA نىڭ سابىق ئانالىزچىسى: «ئامېرىكا ئۆز پۇقرالىرىنى خىتاينىڭ تۇزىقىدىن قوغدىيالامدۇ؟»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.08.29
tang-yuanjun-xitay-jasus خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە جاسۇسى جىنايىتى بىلەن ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن خىتاي «دېموكراتىيەچى» تاڭ يۈەنجۈن ئۆزىنىڭ يوۇتۇبە قانىلىدا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش.
YouTube/Tang Yuanjun

ئامېرىكادا ياشايدىغان «دېموكراتچى» خىتاي پائالىيەتچى تاڭ يۈەنجۈن 21-ئاۋغۇست كۈنى جاسۇسلۇق، سۇيىقەست قىلىش ۋە ساختا مەلۇمات يوللاش قاتارلىق ئۈچ خىل جىنايەت بىلەن نيۇ-يورك فلاشىڭ (New York Flushing)دىكى ئىشخانىسىدا قولغا ئېلىنغان. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ئۇنىڭ سابىق ئايالى (بۇ يىل 6-ئايدا ئاجرىشىپ كەتكەن) جېن سالېن (Jen Salen) نىڭ ئۆيىنى تەكشۈرگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ خىزمەتتە ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرىنى ئېلىپ كەتكەن. نيۇ-يوركتىكى مەزكۇر دېلوغا مەسئۇل تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، FBI ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا تاڭ يۈەنجۈننى سوراق قىلغان.

خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن تاڭ يۈەنجۈننىڭ ئايالى ئامېرىكادىكى مۇھىم ئورگان بولغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC)دا ئىشلەيدىكەن. ئۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئاقسارايغا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن ئىشلىرى ساھەسىدە مەسلىھەت بېرىدىغان يىللىق دوكلاتلارنى ئېلان قىلىدىغان CECC دەك مۇھىم ئورگاندا ئىشلىشى، بۇ دېلونى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تاڭ يۈەنجۈننىڭ ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالى جېن سالېن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ئامېرىكادىكى خىتاينى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ئىكەن. ئۇ، 2000-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاي دېموكراتلار ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ بىر يىغىلىشىدا تاڭ يۈەنجۈن بىلەن تونۇشۇپ قالغان. ئۇلار 2012-يىلى 3-ئايدا توي قىلغان. جېن سالېن 2012-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) نىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. جېن سالېن CECCغا خىزمەتكە كىرىشتىن بۇرۇن، خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنستىتۇتى (International Republican Institute) دا خىتايغا دائىر پىروگراممىلارنى باشقۇرغان.

8-ئاينىڭ 22-كۈنى نيۇ-يوركتا تۇرۇشلۇق تاڭ يۈەنجۈن ئىسىملىك بىر خىتاي «دېموكراتىيەچى»، 2018-يىلدىن 2023-يىلغىچە خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە جاسۇسى بولۇپ ئىشلىگەنلىك جىنايىتى بىلەن ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى.
8-ئاينىڭ 22-كۈنى نيۇ-يوركتا تۇرۇشلۇق تاڭ يۈەنجۈن ئىسىملىك بىر خىتاي «دېموكراتىيەچى»، 2018-يىلدىن 2023-يىلغىچە خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە جاسۇسى بولۇپ ئىشلىگەنلىك جىنايىتى بىلەن ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى.

گەرچە CECC تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسىمۇ، يەنى جېن سالېن «مەخپىي» دەپ قارالغان ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئالاقە دائىرىسى ۋە ئۇنىڭ CECC دا قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە دائىر مەلۇماتلار، بېيجىڭ ئۈچۈن يەنىلا قىممەتلىك ئۇچۇرلار ھېسابلىنىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، CECC خىزمەتچىلىرى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ھەمىشە خىتاي مۇھاجىرلىرى بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن ياكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنلىرىنى تەشكىللەيدىكەن. ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، خىتاي ئۆكتىچىلىرى ۋە دېموكراتىك جەمئىيەت ئەزالىرى بىلەن بەزىدە يېپىق ھالەتتە كۆرۈشۈپ تۇرىدىكەن.

تاڭ يۈەنجۈن دېلوسىنىڭ ئارخىپىدا جېن سالېننىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولۇپ، ئۇ قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق بىر ئەيىبلەش بىلەن ئەيىبلەنمىگەن ئىكەن. تاڭ يۈەنجۈننىڭ ئادۋوكاتى رادىيومىزنىڭ قايتا-قايتا ئۇرغان تېلېفونلىرىنى ئالمىغان. تاڭ يۈەنجۈننىڭ ئۆزىمۇ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان، ئەمما ئۇ ۋاسىتىچى ئارقىلىق ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ئۆزىنىڭ سابىق ئايالى جېن سالېننىڭ ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن بولغان ئالاقىسىدىن خەۋىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان.

جېن سالېن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بەرگەن زىيارىتىدە مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇنىڭغا يەنىلا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن». ئۇ يەنە «ھەر قانداق بىر ئەيىبلەنگۈچىنىڭ جىنايىتى ئىسپاتلانغۇچە گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى» تەكىتلىگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بۇ ھەقتە CECC بىلەن ئالاقىلەشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ باياناتچىسى رادىيومىزنىڭ سوئاللىرىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغان. ئۇلار خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ شەخسنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىغا ئائىت مەسىلە. قانۇن ئىجرائىيە ئورگانلىرى بىزگە خىزمەتچىمىزنىڭ تاڭ ئەپەندىنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايى ھەرىكىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ياكى ئۇنىڭ تاڭ ئەپەندىنىڭ ھەرىكىتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق كۆرسەتمە بەرمىدى. شۇڭا تاڭ ئەپەندىگە مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەشلەرگە قارىتا بىز ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، كومىتېتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. بىز ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ھەمكارلىشىمىز ۋە CECC نىڭ ۋەزىپىسىنى قوغداش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز.»

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر كومىتېت بۇ ئەھۋالدىن پەقەت تاڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىنلا ئاندىن خەۋەر تاپقان.

2019-يىلدىن 2021-يىلغىچە CECC نىڭ خىزمەتچى مۇدىرى بولغان پېتېر ماتتىس (Peter Mattis) ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بىز ئاخباراتنى پەقەت مەخپىي ئۇچۇرلارنى توپلاش دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. ئاخبارات دېگەن تەدبىر بەلگىلەشنى بىلدۈرىدىغان ئۇچۇرلار. ھەممە قارارلار دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى توغرىسىدا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ - خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەقسىتى سىياسەتنى كونترول قىلىش، پىكىرنى كونترول قىلىش، چەت ئەلدىكى مۇھاجىرەت توپلۇقلىرىنى كونترول قىلىش ۋە ئۇلارنى دۆلەتنىڭ نىشانىنى قوللاش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك سەپەرۋەر قىلدۇرۇشتۇر.»

ئامېرىكا تەپتىش مەھكىمىسى ئوتتۇرىغا قويغان باشقا ئەيىبلەشلەردىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، FBI تاڭ يۈەنجۈنگە ئائىت ئالتە تېلېفوننى قولغا چۈشۈرگەن. ئۇ تېلېفونلارنىڭ بىرىدىن ئامېرىكا سايلام ئىستراتېگىيەسى يىغىنى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سۈرەتلىرى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىغا يەتكۈزۈلگەن. ئەيىبنامىدە دېيىلىشىچە، بۇ تېلېفونلارنىڭ بىرىگە كۆزىتىش يۇمشاق دېتالى ئورنىتىلغان. ئۇ يەنە ئۆكتىچىلەر ئۈچۈن قۇرغان تېلېفون سۆھبەت گۇرۇپپىسىغا خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بىر خادىمنى كىرگۈزۈپ قويغان. بۇ گۇرۇپپىدا ئامېرىكادا پاناھلىق تىلىگۈچىلەر بار بولۇپ، پاناھلىق تىلەش ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئوچۇق-ئاشكارا دېيىلىدىكەن.

تاڭ يۈەنجۈننىڭ قولغا ئېلىنىشى ئامېرىكانى مەركەز قىلغان خىتاي دېموكراتىيەسىنى قوللايدىغان تەشكىلات ۋە ئۆكتىچىلەر توپىنى، شۇنداقلا «پاناھلىق ئىشلىرىمغا ياردەم قىلىدۇ» دەپ تاڭ يۈەنجۈنگە شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى بەرگەن خىتايلارنى قاتتىق ساراسىمىگە سالغان.

2023-يىلى يازدا ئامېرىكاغا كەلگەن 32 ياشلىق شۈ چاۋ، تاڭ يۈەنجۈننىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «مەن ھازىر بەكلا ئەنسىرەۋاتىمەن، چۈنكى بىز ھەر قېتىم خىتايغا قارشى نامايىشقا بارغاندا، تاڭ ناھايىتى يېقىندىن بىزنى سۈرەتكە ۋە سىنغا تارتقان. خىتاي چىراي تونۇش ئارقىلىق بىزنى ۋە ئائىلىمىزنى بىردەمدە تېپىۋالىدۇ.»

يەنە بىر 30 ياشلىق ئۆكتىچى ۋۇ كۇيجۈنمۇ ئۆتكەن يىلى ئامېرىكاغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا سۆز قىلىپ، يېڭىدىن كەلگەن 50 تىن ئارتۇق بىر گۇرۇپپا بارلىقىنى، ئۇلار تاڭ يۈەنجۈن رەھبەرلىك قىلغان تەشكىلاتقا قاتناشقاندا ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى ئادرېسى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، ھازىر ھەممىسىنىڭ قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز ئامېرىكاغا كېلىش ئۈچۈن ھاياتىمىزنى دوغا تىكتۇق. ئەمما ئامېرىكادىكى رەھبىرىمىز خىتايغا ئىشلەيدىغان جاسۇس چىقتى، ئەمدى بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟»

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA)نىڭ سابىق ئانالىزچىسى نىك ئېفتىمىئادىس (Nick Eftimiades) ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «تاڭنىڭ ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىگە باغلانغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئەندىشە قىلىشنىڭ ئاساسىي بار. خىتاينىڭ بۇ خىل ئىستراتېگىيەسىنى سابى شەرقىي گېرمانىيەدىكى ‹ستاسى› بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقى گېرمانىيە ئاھالىسىنىڭ ئۈچتىن بىرى مۇشۇنداق جاسۇسلۇق خىزمىتىگە باغلانغان. كىشىلەر ھاكىمىيەتنىڭ نىشانلىرىغا ئايلىنىپ جاسۇسلۇق قىلىشقا سېلىنغىنىدا، ئائىلە ۋە باشقا كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر ۋەيران قىلىدۇ. مېنىڭچە، بىز بۇ يەردە تارىختىكى بىلەن ئوخشاش نەرسىنى كۆرۈۋاتىمىز. ھازىرقى مەسىلە شۇكى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ پۇقرالىرىنى، ئۆزلىرىنىڭ تېررىتورىيەسىدە ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەن خىتاي كومپارتىيەسىدىن قوغدىيالامدۇ؟»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن تاڭ يۈەنجۈن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋاقتىدا بىر زاۋۇت ئىشچىسى ئىكەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا نامايىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، 20 يىللىق قاماققا كېسىلگەن ئىكەن، ئەمما تۈرمىدە 8 يىل ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن. ئۇ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، بېلىقچىلىق كېمىسى ئارقىلىق تەيۋەنگە قېچىپ كەتكەن. ئۇ كېيىن بىر ئاماللار بىلەن ئامېرىكاغا كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن ۋە ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.