11-يانۋار «تەڭرىتاغ تورى» دا «گۇما ناھىيەسىدە توخو باقمىچىلىقى باي بولۇشقا يول ئاچتى» ناملىق بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، گۇما ناھىيەسى ئالاھىدە باقمىچىلىق كەسپىنى جانلاندۇرۇشنى، يېزا-كەنتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ باش نوقتىسى قىلىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغانلىقى سۆزلەنگەن.
گۇما ناھىيىسى ھەققىدىكى بۇ خەۋەر بىزگە تېخى ئىككى يىل ئاۋۋال ئەنگلىيە BBC رادىيوسىدا بېرىلگەن خوتەنلىك قىزلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەلگەنلىكىگە ئائىت «خىتاينىڭ ئەقىل ئامبىرى دوكلاتىدىكى ئۇيغۇرلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى» ناملىق بىر خەۋەرنى ئەسلىتىدۇ. خەۋەردە خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىگە قۇل ئىشچىلىققا بېرىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان ياش ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۈمىدسىز كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاققۇزىۋاتقان بىچارە كۆرۈنۈش ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى دەلىللەشتە زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋەقە بولغانىدى. خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم خىزمىتى ھەققىدە ئىشلىگەن بىر ھۆججەتلىك فىلىمىدە، ئەنخۇيلۇق خىتايلارنىڭ گۇما ناھىيەسىدىن ئەنخۈي ئۆلكىسىگە ئۇيغۇر قىزلىرىنى يۆتكەشتە قانداق قىيىنچىلىققا يولۇققانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشنى خالىمىغانلىقى، ئۇلارنى ئاخىرىدا قانداق قايىل قىلغانلىقى قاتارلىقلار سۆزلەنگەن. مەزكۇر خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان «خىتاي ئەقىل ئامبىرى دوكلاتى» بولسا 2021-يىلىنىڭ بېشىدا داڭلىق ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئادرىئان زېنز ئەپەندى ئېلان قىلغان «نەنكەي دوكلاتى» نىڭ دەل ئۆزى ئىدى. بۇ دوكلاتتا، خوتەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تەپسىلىي يورۇتۇلغانىدى.
گۇما ناھىيىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى خىتاي ئىستاتىستىكىسىدا 97.96 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغانلىقى يېزىلغان. گۇما ناھىيىسى 1983-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرى قاتارىدا تۇرۇپ كەلگەن. 2010-يىلى گۇما ناھىيەسى يەنە ئاتالمىش «مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، خىتايدىكى ئەڭ نامرات رايون ۋە ئەڭ نامرات خەلق سۈپىتىدە، دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قويۇشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن» ناھىيىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئەنە شۇ يىلى گۇما ناھىيىسى خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىگە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى» بىلەن بۆلۈپ بېرىلگەن. خۇددىي «نەنكەي دوكلاتى» دا تىلغا ئېلىنغان گۇما ناھىيەسىدىن ئەنخۇي ئۆلكىسىگە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مەجبۇرىي يۆتكىگەن ئۇيغۇر قۇل ئىشچىلىرى مەسىلىسىدەك، گۇمالىقلارنى «بېيىتقان» مەزكۇر باقمىچىلىقىنىمۇ ئەنخۇيلۇقلارنىڭ ئاتالمىش «ياردىمى» دىن ئايرىپ قارىيالمايمىز، ئەلۋەتتە!
ئالايلۇق، «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2018-يىلى 17-ئۆكتەبىردىكى بىر خەۋىرىدە، ئەنخۇينىڭ شىنجاڭغا ياردەم تۈرىدە گۇما ناھىيەسىدىن مىڭ ئادەمنى ئەنخۇيغا ئەۋەتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى يولغا قويۇلغان. شۇنداقلا گۇما ناھىيەسىدىكى 4100 ئۇيغۇر ياش «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى 15 كارىخانىغا «ئىشچى» لىققا ئەۋەتىلگەنلىكى يېزىلغان. خەۋەردە يەنە نامراتلىقتىن يۆلەشكە مەبلەغ سېلىپ، يېڭى ئاھالىلەر رايونى قۇرۇپ، سەككىز مىڭدىن ئارتۇق نامراتلارنى كۆچۈرگەنلىكى، ئاندىن «قوي ۋە ئېشەك باقمىچىلىقى» تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ كۆچۈپ بارغان جايلىرىدا نامراتلىقتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلغانلىقى يېزىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، «باشلامچى كارىخانا+مىكرو كارىخانا+دېھقانچىلىق كەسپىي كوپېراتىپى» شەكلىدىكى يېڭىچە سانائەت تەرەققىياتى ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ، 3300 دىن ئارتۇق ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمى ئاشۇرغانلىقى، 9 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي سېلىپ، 34 مىڭدىن ئارتۇق كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ ئورگان تور بېتىدە بولسا گۇما ناھىيەسىدىكى توشقان، قۇش ۋە ئېشەك باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ سانى 50 مىڭغا يېتىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
خىتاي تەشۋىقاتىدىن قارىغاندا، ئەنخۇيلۇق خىتايلار گۇمالىق ئۇيغۇرلارنى بېيىشقا يېتەكلىگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما رېئاللىقتا، ئىشلارنىڭ پۈتۈنلەي باشقىچە بولغانلىقىنى ئازراقلا كۆزەتسەك، بىلەلىشىمىز تەس ئەمەس. مەسىلەن، 2021-يىلى 19-ئىيۇل خىتاينىڭ «نۇر تورى» دا بېرىلگەن بىر خەۋەردە، ئەنخۈي ئۆلكىسىنىڭ 2010-يىلىدىن باشلاپ گۇما ناھىيەسىگە قانچىلىك مەبلەغ، ئادەم كۈچى بىلەن قانداق «ياردەملەرنى قىلغان» لىقىغا دائىر ئۇچۇرلار بېرىلگەن.
مەزكۈر خەۋەردە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ 6 شەھىرى بىلەن گۇما ناھىيىسىدىكى 16 يېزا، بازار ئارىسىدا «تۇغقاندارچىلىق» ئورنىتىلىپ، ئەنخۇيدىكى 60 يەككە كارىخانا ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى 46 كەنتكە نىشانلىق ياردەم بەرگەنلىكى، شۇنداقلا، 2021-يىلىغا كەلگەندە ئەنخۇيدىكى 50 يېزا-بازار بىلەن گۇما ناھىيەسىدىكى 50 يېزا-بازار ئارىسىدا «قوشماق تۇغقان» دارچىلىق ئورنىتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەنخۇيلۇق بۇ «تۇغقان» لار ئۇيغۇر تۇغقانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ياردەم بېرىشتە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىغان بولۇپ، ئەنخۈي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى 6 شەھىرىدە 900 نەچچە سېتىش ئورنى تەسىس قىلغان.
يوقۇرىقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئەنخۇيلۇقلار ئاتالمىش گۇماغا ياردەم بېرىش نامىدا گۇمالىقلارنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت ئاستىغا ئالغان. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلىدىن بۇيان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى باش نىشان قىلىپ يۈرگۈزگەن «قوشماق تۇغقان سىياسىتى» دەل خىتاي مەمۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرىپ، ئۇيغۇرلارنى 24 سائەتلىك نازارەت ئاستىغا ئېلىش ۋە كېيىنكى لاگېر سىياسىتى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش بولغانىدى. ئەنخۇيدىكى 50 يېزا-بازار بىلەن گۇمادىكى 50 يازا-بازارنىڭ «قوشماق تۇغقان» بولۇشىمۇ تەبىئىي ھالدا خىتاينىڭ «قوشماق تۇغقان سىياسىتى» بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن سىياسەت ئىكەنلىكى ئېنىق. بۇ ۋەجىدىن گۇمالىق ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يەر-زېمىنلىرى ئەنخۇيلۇق «تۇغقانلار» نىڭ قولىغا ئۆتۈپ، ئۇيغۇر دېھقانلار بولسا ئەنە شۇ ئەنخۇيلۇقلارنىڭ كارىخانىلىرىدا ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇشتەك مەنزىرە پەيدا بولغان. يەنى ئۇيغۇرلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئەڭ كۆپ پايدىسى گۇمادىكى ئەنخۇيلۇقلار بىلەن ئەنخۇيدىكى خىتايلارنى باي قىلغان.
ئاتالمىش ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى ئورگان تور بېتىدە، «شىنجاڭ كۈنلۈن لۈيۈەن گوروھى» نىڭ گۇما ناھىيەسىىگە يەرلەشكەندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى يىغىپ، باقمىچىلىق، تېرىقچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈش ۋە ماركىلىق كارىخانىلارنى قۇرۇشقا ئىشلەتكەنلىكى، دېھقانلارنىڭ بولسا يەرلىرىنى بۇ شىركەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزلىرى كەسپ ئۆزگەرتىپ ئىشچى بولۇشقا يۈزلەنگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ «يېزا-ئىگىلىك ئىقتىسادى ۋاقىت گېزىتى» دىمۇ، گۇما ناھىيىسىگە يەرلەشكەن فاڭيۈەن شىركىتىنىڭمۇ پۈتۈنلەي گۇما ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئۆتكۈزىۋېلىش ئارقىلىق كارخانىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى بايان قىلىنغان.
گۇمادىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قۇلىقى يۇمشاق، گەپ ئاڭلايدىغان بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلار ئارىسىدىكى 80-، 90- ۋە 2000-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنى قايتا تەربىيىلەش ئارقىلىق ئىشلەمچىلەرگە ئايلاندۇرىۋېتىش---ئەنخۇيلۇقلارنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتىدىن بىرى قىلىنغان. ھەتتا ئەنخۇيلۇقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا بارلىققا كەلتۈرگەن بۇ سىستېما، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «يېڭىچە ئۇسلۇب» دەپ تەرىپلىنىپ، «گۇما ئۇسلۇبى» دەپ نام بېرىلگەن. كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، «گۇما ئۇسلۇبى» دەپ ئاتالغان بۇ سىستېما گۇما ناھىيەسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە ھېچقانداق يوچۇق قالدۇرۇلمىغان، گەپ ئاڭلىمايدىغان ئۇيغۇرلار «ئۈچ خىل كۈچ» كاتېگورىيەسىدە بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ئۈستى ئوچۇق تۈرمە مۇھىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپلا قالماي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئۆرنەك قىلىنغان. مەسىلەن، ئاشكارىلانغان «قارىقاش ھۆججەتلىرى» دىمۇ، گۇما ناھىيەسىدىكىگە ئوخشاش قۇل ئىشچى، لاگېر تۈزۈمى، كاللا يۇيۇش. . . لارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى.
يىغىپ كەلگەندە، گۇمالىقلارنىڭ ئەنخۇيلۇق ئاتالمىش «تۇغقانلىرى» ئۇيغۇرلارنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ئۈچۈن، 50-يىللاردا خىتاي يولغا قويغان كوممۇنا تۈزۈمىنى گۇمادا ئۆرنەك قىلغان دېيىشكە بولىدۇ. يەنى ھەر خىل كوپېراتىپلارنى قۇرۇپ، دېھقانلارنى مەجبۇرىي كوپېراتىپلارغا ئەزا قىلىش، ئاندىن ئۇلارنىڭ زىمىنلىرىنى، مال-چارۋىلىرىنى كوممۇناغا يىغىۋېلىش ۋە دېھقانلارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇشقا مەجبۇرلاش. يەنى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» تىن ئىبارەت بۇ بايراق ئاستىدا ئەنخۈيلۇقلار ئۇيغۇرلارنى باي قىلىشقا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بارلىق ھالىقىلىرىغا تولۇق ۋە مۇكەممەل شەكىلدە قاتناشقان.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.