«شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن بولغان كۈرىشى» ماۋزۇلۇق ماقالىدىكى تەكلىپلەر توغرىسىدا تەھلىل

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.08.13
turk-polkownik-maqale-2015.jpg پولكوۋنىك مۇستافا ئاقىن ئەپەندى يازغان «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن بولغان كۈرىشى» ماۋزۇلۇق ماقالە
RFA/Erkin Tarim


تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەكى توغرىسىدا تەھلىل ئېلىپ بېرىلغان ماقالىلار ئېلان قىلىنىشقا باشلاندى. 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى، تۈرك ئارمىيەسىدىن پېنسىيەگە چىققان پولكوۋنىك مۇستافا ئاقىن ئەپەندى يازغان «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن بولغان كۈرىشى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، نوپۇسى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن. كېيىن «خىتاي - ئۇيغۇر كۈرىشىنىڭ كېلەچەكى» تېمىسى ئاستىدا خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ بۇ بېسىم سىياسىتىگە قارشى ھارماي - تالماي كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىنغان. http://Stratejikhaber.com.tr ناملىق تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ رامىزان ئېيىدا تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىچ مەسىلىسى بولۇشتىن ھالقىپ خەلقئارا مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن ئاپتور خىتاينىڭ زۇلمىنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟» دېگەن تېما ئاستىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:

1.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك.

2.دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمى توغرىسىدا توغرا مەلۇمات يىغىپ، دۇنياغا ئېلان قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

3.ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پايتەختلىرىدىكى خىتاي ئەلچىلىكلىرىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش كېرەك.

4.تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى باشلىق پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىدە خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالماسلىق توغرىسىدا چاقىرىق قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك.

5.كىشىلەرنى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم ئاخىرلاشمىغىچە خىتايغا ساياھەتكە بارماسلىققا چاقىرىشىمىز كېرەك.

6.خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە كېلىشىنى چەكلەش كېرەك.

7. ئۇيغۇرلارنى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەرنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

8.شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەشكىلاتلارنى كۈچلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

بۇ تەكلىپلەر ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تۈرك پولكوۋنىك ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەخمەت ئاقىن ئەپەندى ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولامدۇ دېگەن سوئالىمىزغا ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:

ئەخمەت ئاقىن ئەپەندىنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇپ شۇنداق خۇرسەن بولدۇم. ئۇ شەرقىي تۈركىستاننى كۆرمىگەن بىر ئىنسان. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلارنى بىلىدۇ، ئۇيغۇرلارنى بىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمىلى ئەھۋاللاردىن خەۋىرى بار بىر كىشى. بۇ بىر پولكوۋنىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنقەرەدە ئولتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمنى قانداق ئازايتىمىز، ئۇيغۇرلارنى قانداق قىلىپ ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىمىز دەپ بىر پىلان تۈزۈپتۇ. 15 ماددىدىن تەركىپ تاپقان بۇ تەكلىپىنىڭ بەزىلىرى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان مەسىلىلەر. مەسىلەن تەكلىپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەكلىكىنى، دۇنيا دۆلەتلىرىدە جامائەت پىكرى توپلاپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ خىتاي دغلىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئوخشاش تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. بۇلار ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان تەكلىپلەر. تۈركىيەدە بۇ خىل ماقالىلار كۆپىيىشكە باشلىدى. تۈنۈگۈن «تۈركىيە تۈركلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيدۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئوقۇدۇم، ماقالىدە ئىستانبۇلنى قولغا چۈشۈرگەن ئوسمانلى ئىمپەريەسىنىڭ پادىشاھى فاتىھ سۇلتان مەمەتنىڭ 1473 - يىلىدا شەبىن قاراھىسارنى قولغا چۈشۈرگەن ۋاقتىدا زەپەرنامىسىنى ئۇيغۇر تىلىدا يازغانلىقىنى، كېيىن ئۆزىنىڭمۇ ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەنلىكىنى، تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن مۇشۇنداق ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى شۇڭا ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى يازغاندىن كېيىن تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى نېمە دېسە دېسۇن، بۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تۈرك خەلقىنىڭ نەزىرىدە مىللىي دەۋا بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارايمەن.

پۈتۈن ئۇيغۇرلار ھەمپىكىر بولغان مۇشۇنداق بىر تەكلىپنى ئۇيغۇرلارمۇ تۈزۈپ چىقىشى كېرەكمۇ؟ دېگەن سوئالىمغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:

ئەلۋەتتە تۈزۈپ چىقىش كېرەك. مەن ئۆتكەندە مەرھۇم ئەمىن ۋاھىدىنىڭ «ياش تۈركىستان ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىسىنى ئوقۇدۇم. ئەمىن ۋاھىدى ئەپەندى 1933 - يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان مۇھىم كىشىلەردىن بىرى. بۇ كىشى ماقالىسىدە بىز ئىنقىلابقا باشلىغاندا پىكرى تەييارلىقىمىز يوق ئىدى. شۇڭا مەغلۇپ بولدۇق دەپ يېزىپتۇ. مەنچە بۇ مۇھىم بىر پىكىر. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ ھەقتە باش قاتۇرىشى كېرەك. يېڭى پىكىر يېڭى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئۇيغۇر زىيالىيلار سىياسەتكە ئارىلاشمايمىز دەيدۇ. ئۇ، سېنىڭ ۋەتىنىڭ ئاتا - ئانىلىرىڭ ئۇ ۋەتەندە ياشايدۇ، ۋەتىنىنىڭ كېلەچەكى ئۈچۈن باش قاتۇرمىغان كىشى قانداقمۇ زىيالىي ھېسابلىنىدۇ؟ مەنچە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ دېگەندەك ئىلگىرلىمەسلىكىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئۆز دەۋاسى ئۈچۈن باش قاتۇرماسلىقىدىن بولسا كېرەك.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.