«شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا 15-ئىيۇندىن باشلاپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر، ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى» ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىسقىچە «ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى» دەپ ئاتالغان بۇ بەلگىلىمە، بۇ يىل 25-مارت كۈنى ئېچىلغان «13-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى» نىڭ 32-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن «58-نومۇرلۇق قارار» ئىكەن.
بۇ يىل 27-مارت كۈنى «تەڭرىتاغ تورى» دا ئېلان قىلىنغان «ئاپتونوم رايوننىڭ ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر، ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى» 23 ماددىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 15-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ بىر قىسىم ماددىلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
خەۋەردە مەزكۇر نىزامنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىكى مەقسەت ۋە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىش جەريانى، توغرىلىق مۇنداق دېيىلگەن: «ئېنىقكى، ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر، ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتى پارتىيەنىڭ رەخبەرلىكىدە، ئەتراپلىق ماسلاشتۇرۇش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، قانۇنىي قوغداش ۋە ئورتاق قوغداش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان. تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى ئومۇمىي پىلانلاش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى يېتەكلەش ۋە نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ خەۋەرلىشىش، دۆلەت بىخەتەرلىكى، مەخپىيەتلىك ۋە مەخپىي نومۇر باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار بىخەتەرلىكنى قوغداش، نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.»
ئامېرىكادىكى تۇڭگان مىللتىدىن بولغان خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى جۈمە، يەنى ما جۈ (马聚) ئەپەندى، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر، ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت خادىملىرىنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ما جۈ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ نىشانى تور ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر، ئاۋام پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى مەسىلىسى بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلمىغان. چۈنكى خىتايدا ئاۋام پۇقرالارنىڭ پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى ئەسلىدىنلا مەۋجۇت ئەمەس. بۇ ھەقتە خىتاي دائىرىلىرى ئالىقاچان كەسكىن تەدبىرلەرنى ئېلىپ بولغان، يەنى بۇ يەردە تەكىتلىنىۋاتقىنى ساقچى ئورگانلىرىنىڭ نازارىتى ئارقىلىق، مۇھىم ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر.»
ما جۈ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ قانداق ھۆججەتلىرى ئاشكارىلىنىپ كەتتى؟ بۇنىڭدا يېقىندا ئاشكارىلانغان ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاشكارىلانغان بىر قىسىم مەخپىي ھۆججەتلەرنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. ئۇلارغا شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئۇلارنىڭ ئىچكىي قىسمىدا يەنە نۇرغۇنلىغان ئاشكارىلانمىغان مەخپىي ھۆججەتلەر ۋە ماتېرىياللار بار. بۇلار ئۇلارنىڭ كومپىيوتېرلىرىدا، قاتتىق-يۇمشاق دېسكىلىرىدا ۋە باشقا مەخپىي ھۆججەت ئامبارلىرىدا ساقلانماقتا.»
ما جۈ ئەپەندى ئالدىنقى بىر مەزگىلدە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسىي جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلىتىۋاتقان نەچچە يۈزمىڭلىغان كومپىيوتۇرنى ئالماشتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، دائىرىلەرنىڭ بۇنداق زور تۈركۈمدىكى كومپىيوتېرلارنى ئالماشتۇرۇشىدىكى سەۋەبمۇ دەل ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن.
ما جۈ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۇلار مەخپىيەتلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىۋاتقىنى زادى قانداق ئۇچۇرلار؟ مانا بۇ ناھايىتى دىققەت قوزغايدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭدا ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› گە ئۇخشاش ئۇچۇرلاردىن باشقا يەنە كېيىنكى مەزگىللەردە يۈرگۈزۈلىدىغان سىياسىتىگە ئائىت ھۆججەتلەر بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ناھايىتى يوقۇرى. بۇ ئۇنىڭ بىر قاراقچى ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بۇ خىل قاراقچى ھۆكۈمەت جىنايەت ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، ئۇ ئۆزى ھېس قىلمىغان جىنايى پاكىتلىرىنى قالدۇرۇپ ماڭىدۇ. شۇڭا بۇ خىل قاراقچى ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ جىنايەت دەلىللىرىنى ئامالنىڭ بېرىچە يوشۇرۇشقا، ھەتتا يوقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۇلار بۇ جىنايى پاكىتلارنىڭ دۇنيانىڭ نەزەرىگە چۈشۈپ قېلىشىنى ۋە ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ. چۈنكى ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› نىڭ ئاشكارىلىنىشى يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ نەزەرىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزيىتىگە ئاغدۇردى. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ساقال قويدى، دىنىي تەلىم ئالدى، ئۆيىدە جايناماز ساقلىدى، ناماز ئوقۇدى، چەت ئەلدە تۇغقىنى بار› دېگەندەك بىمەنە باھانىلاردا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، خىتاينىڭ ساقچى سىستېمىسىدىكى ھۆججەتلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلاندى.»
ما جۈ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز جىنايى قىلمىشلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشتا بۇ قەدەر قاتتىق تەدبىرلەرنى ئېلىشىنى، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلىشىش ھارپىسىدا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىلار قىرغىنچىلىقىغا ئائىت ھۆكۈمەت ماتېرىياللارنى يوقاتقان قىلمىشىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن.
ھازىرغا قەدەر «قاراقاش ھۆججەتلىرى»، «شاڭخەي ھۆججەتلىرى»، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» قاتارلىق بىر قىسىم ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى نوپۇزلۇق تارتقۇلار ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىسپاتلاشتا خىتاي ھۆكۈمىتى كۆز يومىۋالالمايدىغان پاكىت بولماقتا.
نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» نىڭ دېرىكتورى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى قاتتىق مەخپىي ساقلىنىدىكەن. يەنى خىتاينىڭ سىياسىي بەلگىلىمىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ھۆججەتلىرى ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلانمىغان ھالدا ئايرىم ساقلىنىدىكەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، «قاراقاش ھۆججەتلىرى»، «ئۇيغۇر لاگېر تۇتقۇنلىرى تىزىملىكى»، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىگەندەك ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى، بۇ خىلدىكى ھۆججەتلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ساقچىخانىلارۋە ئاھالىلەر كومىتېتلىرىنىڭ تورلاشقان سىستېمىسىدا بىر نۇسخادىن ساقلىنىشى ياكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىخەستىلىكىدىن بولغان ئىكەن.
بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرشىچە، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي سىرتقا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بۇ ئىنتايىن ئاز قىسىم ھۆججەت-ئۇچۇرلار، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دائىر جىنايى قىلمىشلىرىنى ئىسپاتلاشتا يېتەرلىك پاكىت بولالايدىكەن.
بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى يەنە «ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر، ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى» دەپ ئاتالغان بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى تۈپەيلى رايوندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىدىغان بالايى-ئاپەتلەرنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن.