خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىككى يىغىنى» ئاياغلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئۇيغۇر رايونىنى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە، ئېلېكتر ۋە قېزىلما بايلىقلار بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى بازىغا ئايلاندۇرۇپ، دۆلەتكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى يەنە تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق زور ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىشى نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچەيگەنلىكى مەلۇم. ھالبۇكى، خىتايدا نۆۋەتتە بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان «ئىشسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي چۆكۈش» ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، ما شىڭرۇينىڭ مۇنداق بىر ۋەزىيەتتىكى تەكىتلەشلىرى كۆزەتكۈچىلەردە ئوخشىمىغان قاراش-پىكىرلەرنى قوزغاپ، قىزىق مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولماقتا. ئۇنداقتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاينىڭ ئېنېرگىيە، بايلىق بازىسى بولۇشى بىخەتەرلىكى نېمە ئۈچۈن يەنە مۇنداق قاتتىق رەۋىشتە تەلەپ قىلىنىدۇ؟
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، بىر جەھەتتىن نۆۋەتتىكى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى ئۇيغۇر رايونىنى ئۆزىنىڭ بايلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى بازىغا ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن، ما شىڭرۇي ئۇيغۇر رايونىغا بولغان مۇستەملىكە سىياسىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ بەزى شەخسىي غەرەزلىرىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۈشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.
ۋەھالەنكى، خەلقئارادا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا، ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن «خىتاينىڭ ئىقتىسادى قەرەللىك پارتلايدىغان بىر بومبىغا ئوخشاپ قالدى» دېگەن بولۇپ، ئەگەر، بۇ ئىقتىسادىي كرىزىس پارتلىسا، خىتاينىڭ خەتەرلىك ئۇرۇشقا تەۋەككۈل قىلىش مۇمكىنلىكىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى گوردون چاڭمۇ 2023-يىلى 14-ئاۋغۇستتا «خەۋەر تورى» دا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتكەن. ئۇ مەزكۇر ماقالىسىدە، شى جىنپىڭنىڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى ئىشلىتىشنى ۋە ياكى ھېچ بولمىغاندا تەھدىت سېلىشنى ئويلىشىۋاتقاندەك ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك، «خىتاي ئۇرۇش باشلاشنى پىلانلاۋاتىدۇ» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«شى جىنپىڭنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى» ناملىق كىتابنى يازغان، ئامېرىكادىكى خىتاي يازغۇچى خې ئەنچۈەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ ھازىر ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقچى بولغان تەقدىردە، ئۇ ئالدى بىلەن چوقۇم ئىقتىسادىنى ياخشىلاشقا موھتاج بولىدۇ. چۈنكى، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ھازىر زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتىدۇ. ئۇ قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:
«ھەممىگە مەلۇم، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆتكەن 20 يىلدىكى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى ئېكسپورت ۋە ئۆي-مۈلۈك سودىسىدىن كەلگەن. ھالبۇكى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇ ئىككى خىل ئىقتىسادىي ئەندىزىسى يېتەكچىلىك رولىنى يوقىتىشقا باشلىدى. ئەمدىلا ئاخىرلاشقان خىتاينىڭ ئىككى يىغىنىدىمۇ خىتاي ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ۋە تېجەش يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى قىلىندى. شۇڭا مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى سۇ، ئېلېكتر، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق ۋە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان بازىغا ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتىشىمۇ ئەمەلىيەتتە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر رايونىغا بولغان كونتروللۇقنى ئاشۇرۇش. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىنى ياخشىلاپ، ئۇنى سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتۇر. شۇڭا بۇ خىل ۋەزىيەتتە، ئەگەر خىتاي ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلىنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنى، خىتاي غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىگە ھەربىي ھۇجۇم قوزغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم قىلىشى ياكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن مۇداپىيەلىنىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. يەنى، مېنىڭچە، ئۇ ئۇرۇش قىلىشنىڭ مۇداپىئە تەييارلىقىنى قىلىۋاتىدۇ دېسەك بولىدۇ.»
گوردون چاڭ «خەۋەر تورى» دىكى ماقالىسىدە يەنە، خىتاينىڭ 2023-يىلىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي رەھبەرلىرى ۋە ئاچقۇچلۇق دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىگىچە كېڭەيگەن «تازىلاش ھەرىكىتى» خىتاينىڭ ئۇرۇش قىلىشقا ھازىرلىنىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەرگەنىدى، دەپ شەرھلىگەن. شۇنداقلا، ئامېرىكالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ «تازىلاش ھەرىكىتى» نىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى كەڭ كۆلەملىك چىرىكلىكنى ئاشكارىلىدى دەپ قارىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك قاراش ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىغان. ئۇ يەنە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى خىتاي دۆلىتىدە شى جىنپىڭغا بولغان نارازىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا يۇتا شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر سىياسىي پائالىيەتتە ئېيتقان: «خىتاي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولىنىڭ تاشقى كرىزىستىن پايدىلىنىپ خىتاي خەلقىنى بىرلەشتۈرۈش غەرىزىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
خىتاي يازغۇچى خې ئەنچۈەننىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي ساھەدىكى «تازىلاش ھەرىكىتى» ماھىيەتتە، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 400 دىن ئارتۇق يادرو ئوقبېشىنى مۇھاپىزەت قىلىش سىستېمىسىدا غايەت زور تېخنىكىلىق مەسىلىلەر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى.
«مېنىڭچە، خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىنى نورمال ئىشلىتىشتە مەسىلە مەۋجۇت ھالەتتە، ئۇنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشى، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىنى پىلانلىشى ياكى ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قارشى يادرو تەھدىتى ئېلىپ بېرىشتەك ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرى تەييار ئەمەس. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا، ئۇ مۇداپىئەگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ تۆۋەن دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما ئەلۋەتتە ھۇجۇم قىلىش، ئۇرۇش قىلىش ئېھتىماللىقى يەنىلا مەۋجۇت».
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ يەنىلا مالىمانچىلىقتىن پايدىلىنالايدۇ ۋە ھەرىكەتكە كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى نېمىلا دېگەن بىلەن، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ھەربىي كۈچى تەيۋەننىڭكىدىن كۆپ چوڭ ۋە كۈچلۈك. ئەمما نۆۋەتتە خىتاي يەنىلا ئۇرۇش ۋە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىمى، مۇداپىئە قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ يەنىلا، كۈچنى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى ئوڭلاشقا قارىتىپ تىركىشىۋاتىدۇ.»
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ مەيدانىدىن قارىغاندا تارىختىن بۇيان ئامېرىكا ھېچبىر ۋاقىت خىتاينىڭ كۈچلىنىشىنى خالىمايدىكەن. شۇڭا، ئەگەر خىتاي ئۆزىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە باشقا ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغان كرىزىسلار يۈز بەرسە، بۇنى پەقەت ئۇرۇش-جەڭ ئارقىلىقلا ھەل قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ ۋەجىدىن خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچلەندۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، مۇنداق دېدى.
گوردون چاڭ ئۆزىنىڭ ئانالىز ماقالىسىدە، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، خۇددى بايدېن ئېيتقاندەك خىتايدىكى «قەرەللىك پارتلايدىغان بومبا» غا قارىتا، ھازىر دۇنيانىڭ بۇ بومبىنىڭ يادرو قورالى ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە گۇماندا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ۋەھالەنكى، يۇقىرىدا پىكىر بەرگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي چېكىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويماقتىكەن.