مەسئۇت ئاقگۈل: «خىتاي دۆلىتى خاتا قىلىۋاتقانلىقىنى بالدۇرراق چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك»

0:00 / 0:00

رامزان ئېيى موللۇق، بەرىكەت ئېيى. بۇ ئايدا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى، جۈملىدىن تۈركىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، سىياسىي پارتىيىلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كارخانىچىلار ۋە ھەر ساھەنىڭ ئۇيۇشمىلىرى ئىپتار زىياپەتلىرى بېرىپ دۇئا تىلاۋەت قىلىدۇ.

16-ئىيۇل كۈنى ئەنقەرەنىڭ ئەڭ چوڭ رايونلىرىدىن بىرى بولغان ماماق رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى مەسئۇت ئاقگۈل ئەپەندى تۈركىيە ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئىپتار زىياپىتى بەردى. بۇ زىياپەتكە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشتۇق. ئىپتار زىياپىتىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى قىلغان رايونلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى مەسئۇت ئاقگۈل ئەپەندى رامزان ئېيىدا بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار توغرىسىدا توختىلىپ، خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىگە تايىنىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، بۇ خاتالىقىنى بالدۇرراق چۈشىنىپ يېتىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بۇ زىياپەتكە رادىئو، تېلېۋىزىيە، گېزىت ۋە ژۇرناللارنىڭ مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەنىڭ ئەڭ چوڭ رايونلىرىدىن بىرى بولغان ماماق رايونىنىڭ مەسئۇلى مەسئۇت ئاقگۈل ئەپەندى مۇخبىرلارنى قارشى ئېلىش نۇتقى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:
ھەر يىلى بولغىنىدەك بۇ يىلمۇ مۇخبىرلار بىلەن بىرلىكتە ئىپتار تامىقى يېيىشكە ئاللاھ نېسىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر دەيمەن. بۇ ئىپتارغا كەلگەنلىكىڭلار ئۈچۈن پۈتۈن ئاخبارات خادىملىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئۆتكەن يىلى رامزان ئېيىدا ئىپتار زىياپىتىدە بىر يەرگە جەم بولغان ئىدۇق. بىر يىل ئۆتتى، ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا بىز قىلغان خىزمەتلەرنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا سىلەر ئاخبارات خادىملىرى يەتكۈزدۈڭلار. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ماماق رايونىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەر مۇخبىرلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.

ئۇ سۆزىدە بۈگۈن مۇقەددەس رامزان ئېيىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زالىم دىكتاتورلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان ھەم تۈرك ھەمدە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز بار. سۈرىيە، مىسىر، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەت ئەنە شۇنداق. بىز كۈچىمىز يەتسە ئىقتىسادى جەھەتتىن، كۈچىمىز يەتمىسە دۇئالىرىمىز بىلەن ئۇلارغا ياردەم قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىز قىرىم، كوسوۋا قاتارلىق جايلاردىكى بەزى رايونلار بىلەن قېرىنداش رايون بولدۇق. ئۇلارغا ئىقتىسادى جەھەتتىنمۇ ياردەم بېرىۋاتىمىز. بىز ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى بەزى شەھەر، رايونلار بىلەنمۇ ئالاقىمىزنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىمىز. تۈركىيە كۈچلەنسە تۈركىيە سىرتىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلالايدۇ. شۇڭا بىز بۇ مەقسەت بىلەن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىمىز. تەرەققىي قىلغان كۈچلۈك بىر تۈركىيە دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى توسۇۋالالايدۇ.

ئۇنىڭ نۇتقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رامزان ئېيىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلمايۋاتىدۇ؟ دىنىي بېسىم بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ؟ سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ دېگەن سوئالىمىزغا، ئۇ راستىنىلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، ئەمما ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ بېسىم بىلەن مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
بېسىم سىياسىتى بىلەن ھېچقانداق دۆلەت مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ. ئاخىرى بىر كۈن خىتاي دۆلىتىمۇ بۇنى چۈشىنىپ يېتىدۇ، ئەمما خىتاينىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنى چۈشىنىپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خىتايدەك كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان دۆلەتلەردە مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئۆرپ ۋە ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا كۈچلۈك دۆلەت بولالايدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كېلىۋاتقان ۋەقەلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان مۇسىبەتلەر بىزنى چوڭقۇر قايغۇغا غەرق قىلماقتا.

ئەنقەرە ماماق رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلى مەسئۇت ئاقگۈل ئەپەندى سۆزىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىر قانچە قېتىم تەكىتلەپ ئۆتتى ۋە ئۇيغۇرلارغا دۇئا قىلدى.

ئەنقەرەدىكى مۇخبىرلارغا بەرگەن ئىپتار زىياپىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا سوۋغات تارقىتىلدى.