كۈنسېرى ئاشكارىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي باستۇرۇش قاراتمىلىقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ۋە دىنىي ئېتىقادىغا مەركەزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنىۋى ھاياتىدىكى يېتەكچى كۈچ ھېسابلانغان سەرخىللارنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى تەقىب سىستېمىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى مەلۇم بولماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەڭ كۆلەملىك قاتتىق باستۇرۇشنى يولغا قويغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، بولۇپمۇ چېن چۈەنگو ئۇيغۇر رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولغان ئالدىنقى مەزگىللەردە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئالدى بىلەن ئاۋام خەلقتىن باشلىغان. يەنى دەسلەپكى مەزگىللەردە «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئادەتتىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ لاگېرلارغا قاماشقا باشلىغان. كېيىنچىرەك تەدرىجىي ھالدا زەربە بېرىش نىشانىنى زىيالىيلار ۋە رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتىپ، ئۇلارنى «مىللىي بۆلگۈنچى»، «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەندەك قالپاقلار بىلەن تۇتقۇن قىلىشقا باشلىدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، زىيالىيلار بىر مىللەتنىڭ ئىچىدىكى سەرخىللار بولۇپ، ئۇلار شۇ مىللەت كوللېكتىپىنىڭ مەنىۋى دۇنياسى ۋە ئىدېئولوگىيەسىنى يېتەكلەپ ماڭىدىغان جەۋھەر قاتلام ھېسابلىنىدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىر مىللەتنىڭ زىيالىيلىرى ياكى ئىلىم ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىزدىنىشلىرى ئارقىلىق شۇ مىللەتنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ھەمدە دۇنيادىكى ئورنىنى نامايان قىلىدىكەن.
تارىخىي ماتېرىياللار ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىنقى زامان جەمئىيەت تەرەققىياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئابدۇقادىر داموللام، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتېلى تەۋپىق، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ بالدۇر ئويغىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ يېڭىلىققا، تەرەققىياتقا ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتقا دائىر پىكىر-ئىدىيەلىرى ئارقىلىق 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدا مۇھىم روللارنى ئوينىغانلىقىنى كۆرىمىز.
ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەينى ۋاقىتتا مىلىتارىست شېڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھۆكۈمرانلارنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى ئارقىلىق بەدەل تۆلىگەن شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ئويغىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلغان 70 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر سەرخىللىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قاراتقان سىياسىتىدە ئەزەلدىن يۇمشاش كۆرۈلۈپ باقمىغان. بولۇپمۇ 2000-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قارىتىلغان زەربە ھەسسىلەپ كۈچىيىپ بارغان. يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلاردا تۇتقۇن قىلىنغان ياكى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى سانىنىڭ يۈزدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە تونۇلغان سەرخىللار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغان بولسا، بەزىلىرىنى تۈرمىلەرگە تاشلاپ ئۆلۈم جازاسى بەرگەن، يەنە بەزىلىرىنى بولسا ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋەتكەن.
ھازىرغا قەدەر رادىيومىز تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقى ياكى لاگېرلارغا قامالغانلىقى دەلىللەنگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇلاردىن خالمۇرات غوپۇر، تاشپولات تېيىپ، ئازاد سۇلتان، ئارسلان ئابدۇللا، ئابدۇكېرىم راخمان، دىلمۇرات غوپۇر، ئەبدۇبەسىر شۈكۈرى، راھىلە داۋۇت، غەيرەتجان ئوسمان قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورلىرىنى؛ ئابدۇراخمان ئەبەي، ياسىنجان سادىق چوغلان، قۇربان مامۇت، ئابلىكىم ھەسەن، مۇختەر بۇغرا، كۈرەش تاھىر قاتارلىق ئەدىب ۋە نەشرىياتچىلارنى؛ مۇھەممەت سالىھ داموللا، ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجىم، ئابدۇلئەھەد داموللا، ئابلىمىت داموللا قاتارلىق دىنىي زاتلارنى؛ ئابدۇرەھىم ھېيت، ئابدۇراخمان ئاۋۇت ئايۇپ، ھەزرىتىئەلى مەمتىلى، ئېرفان ھېزىم قاتارلىق ناخشىچى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرىنى ساناپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.
نەچچە كۈن ئاۋۋال خىتاي ھۆكۈمىتى خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قىسىم چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنى مۇكاپاتلىغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر نۇقتا شۇكى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇش نىشانىغا ئايلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا تۇرۇپ خىتاينىڭ سىياسىتىنى مەدھىيىلىگەن بىر قىسىم چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنى مۇكاپاتلىغانلىقىدۇر.
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئوپتىكا ئىنژېنېرى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدە خەۋەرلەر توختىماستىن چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تېخى غەربتىكى بىرەر ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتە خىتايغا كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىپ، كەسكىن تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەركىن سىدىق مۇنداق دېدى: «بىر مىللەتنىڭ ئىچىدە ھەر ساھەدىكى زىيالىيلار ۋە تالانت ئىگىلىرى شۇ مىللەتكە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىۋاتىدۇ. يېقىندا مائارىپ نازارىتىدىكى ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنى تۈزۈشكە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ئاساسەن تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى رەھبەرلەرگە ئىككى يىل كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر مىللىتىنى مەدەنىيەت ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قىرغىن قىلىپ تۈگىتىش سىياسىتىنىڭ روشەن ئىسپاتى. گەرچە خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قارىتا خەۋەرلەر توختىماستىن چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما غەرب ياكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى بىرەر ھۆكۈمەت تېخى كەسكىن تەدبىر قوللانمىدى. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىدە ئىككى يىلغىچە بىرەر ئۆزگىرىش بولمىسا، ئۇيغۇرلار ئىنتايىن پاجىئەلىك ئەھۋالغا قالىدۇ.»
بەزى ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلۇشى خەلقئارا جەمئىيەت ياكى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن تىزگىنلەنمىگەندە بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولىدىكەن. مەركىزىي ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجىۋىسكى بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «خىتاي سىرتىدىكى تاشقى دۇنيادا بىزنىڭ ئەلۋەتتە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز بار. ئەمما بۇنى قوغداشتىن باشقا بىزنىڭ يەنە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بار. چەتئەللەردىكى بىزگە ئوخشاش ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۇيغۇر تىلىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنى گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرىگە ئوخشاش خالىغانچە سىزىۋالغىلى بولمايدۇ. ئۇنى يوقالغان بىر تىل ياكى ئاللىقاچان تارىخقا ئايلىنىپ كەتكەن بىر ئۆرپ-ئادەت قاتارىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئىلىم-پەننىڭ، گۈزەل-سەنئەتنىڭ شۇنداقلا كەلگۈسىنىڭ تىلى دېگەن تەشەببۇستا قوغدىشىمىز لازىم. بىز يەنە ئۆز تىرىشچانلىقلىرىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىز زامانىۋى تىل ئىكەنلىكىنى، بۇ تىلنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرغىب قىلىۋاتقاندەك ‹قالاق›، ‹زامانغا ماسلىشالمايدىغان›، تىل ئەمەسلىكىنى، بەلكى ھاياتىي كۈچى بار بولغان مۇھىم بىر تىل ئىكەنلىكىنى خەلقئاراغا بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.»