خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا نېمە سەۋەب بولدى؟

سىتوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2025.01.28
Uyghur-tili-tebet-mongul خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىچكى موڭغۇل»، «شىزاڭ» ۋە «شىنجاڭ» قاتارلىق جايلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇشقا كۈچەپ، تېخىمۇ كۆپ مەكتەپلەرنىڭ ئانا تىلدا ئوقۇتۇشىنى چەكلىدى
RFA/Rebel Pepper

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىتاينىڭ «ئۈندىدار»، «دوۋيىن»، «خاۋكەن» قاتارلىق تور سۇپىلىرى ۋە ھەرقايسى تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش كەسپىي مەركەزلىرىنىڭ ئېلانلىرى ۋە تىل ئۆگىنىش فىلىملىرىنىڭ كۆپلەپ تارقىتىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا بۇ خىل ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش كەسپىي مەكتەپلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ بازارلىق بولۇۋاتقانلىرى ئۈرۈمچى شىنجوۋ (鑫洲) مەرىپەت تارقىتىش تەربىيەلەش مەركىزى ۋە ئاۋانگارت(步步领先) مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزى قاتارلىقلار ئىكەن. بۇلاردىن باشقا يەنە، بىر قىسىم خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى نامىدىن شەخسىي ئېچىلغان ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش كۇرسلىرىمۇ خىتايلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئىكەن. قىزىقارلىق يېرى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش مەقسەت قىلىنغان تەربىيەلەش مەكتەپلىرىدە دەرس بەرگۈچى ئوقۇتقۇچىلار ۋە دەرسكە قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى خىتايلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە ئۇيغۇر تىلى كەسپى ئۈچۈن مەخسۇس تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەدە تەربىيەلەش نىشان قىلىنغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار بار ئىدى. ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيەلىنىپ چىققانلار ئاساسەن، ئۇيغۇر تىلى ۋە خىتاي تىلى كەسپى ئوقۇتقۇچىسى، دۆلەت مەمۇرى ياكى تەرجىمان بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. ئوقۇشنى تاماملىغانلار بولۇپمۇ ساقچى ئورگانلىرى، دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسى ۋە پارتكوم قاتارلىق خىتاي دۆلىتىنىڭ نازارەت ۋە كونترول قىلىش فۇنكسىيەلىك ئاپپاراتى رولىنى ئۆتەيدىغان ئورگانلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى.

ھەتتا شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتىدا مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى يۆنىلىشلىك جىنايى ئىشلار رازۋېدكىسى كەسپى تەسىس قىلىنغان ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ كەسىپنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن مەخسۇس ئېچىلغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.

ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر تىلى كەسپىگە بولغان يۇقىرى ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن باشقا كۆپلەپ تىل تەربىيەلەش كەسپىي مەكتەپلىرى ئېچىلىپ، خىتاي كۇرسانتلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈرلۈك كۇرسلار تەسىس قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك، قىسقا مۇددەتلىك ياكى كۈندۈزلۈك، كەچلىك ۋە تەتىللىك كۇرسلار بولۇپمۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ۋە خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئامىل نېمە؟

ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئېچىلغان ئۇيغۇر تىلى تەربىيەلەش كەسپىي مەكتەپلىرىنىڭ تور بېتىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلاردا، ئۇيغۇر تىلى كەسپىي خادىملىرىنىڭ دۆلەت سىرتىدىكى ئورگانلار، تاشقى سودا شىركەتلىرى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەردە ئىستىقبالى پارلاق ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

خىتاي تور بەتلىرىدە چۈشەندۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا بىلەن بولغان سودا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئالاقە ئىشلىرىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىشىدەك ئەۋزەل شارائىت، ئۇيغۇر تىلى كەسپىي خادىملىرىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئاخباراتچىلىق، مائارىپ ۋە ئىلمىي تەتقىقات ساھەلىرىدە ئۇيغۇر تىلى سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان ئىختىساسلىق خادىملارغا نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ خىزمەت ۋە تەرەققىي قىلىش پۇرسەتلىرى مەۋجۇت ئىكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان.

بۇ خىل تەشۋىقاتتىن قارىغاندا، ئۇيغۇر تىلىغا بولغان ئېھتىياج يۇقىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇيغۇر تىلى-ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ياكى ئانا تىلى ئۇيغۇر تىلى بولغان ئوقۇتقۇچىلار بەكرەك بۇ خىزمەت ئورۇنلىرىغا ماس كېلەتتى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىدا ئوچۇق ۋە يوشۇرۇن ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىپ تۇرىمىز.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە يوقىتىش سىياسىتىنىڭ چىڭىيىپ بېرىشى، شۇنداقلا 2016-يىلدىن كېيىن ئەۋج ئالغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى قىرغىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەتبۇئاتچىلىق ۋە مائارىپ سىستېمىسىدا زور چېكىنىش يۈز بەردى. ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان گېزىت-ژۇرناللارنىڭ مەسئۇللىرى ئاساسەن يېڭىلىنىپ، مەزمۇن جەھەتتە پەقەتلا خىتاينىڭ قىزىل تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەسەرلەر بىلەن چەكلەندى. مائارىپ جەھەتتە بولسا، ئۇيغۇر تىلى 2017-يىلدىن باشلاپ ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان بارلىق پىروگراممىلار ئېلىپ تاشلانغانلىقى بىزگە مەلۇم.

ئەمما بۇ خىل ۋەزىيەت خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا باشقىچە شەكىلدە تەشۋىقات قىلىندى. خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا ھازىر مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ قالدۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان تىل سىياسىتىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ بىرلىكى ۋە تەرەققىياتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن. شۇڭا دۆلەتنىڭ نىشانى ئۇيغۇر تىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئورنىغا خىتاي تىلىنى شىنجاڭنىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ بېكىتىش ئىكەن.

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ ئاشكارىلىشىچە 2020-يىلغىچە بارلىق ئۇيغۇرلارنى خىتاي تىلىنى سۇدەك سۆزلەيدىغان قىلىش پىروگراممىسى يولغا قويۇلغان. 2010-يىلدىن 2012-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپى» غا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

دېمەك ئۇيغۇر تىلى مائارىپتىن چىقىرىۋېتىلگەن، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىقچىلىق قىلىش ئىمكانىيىتى بارغانچە تارىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشكە ھېچقانداق ئېھتىياجنىڭ قالمىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. ھالبۇكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر تىلى كەسپىي خادىملىرىغا بولغاچ ئېھتىياجنىڭ بۇ قەدەر يۇقىرى بولۇشى نېمە ۋەجىدىن شەكىللەنگەن؟

2010-يىلدىن باشلاپلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قىزىل باشلىق ھۆججەت چۈشۈرۈپ، يېڭىدىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان مەمۇرىي كادىرلارنىڭ چوقۇم «قوش تىل» ئىقتىدارى بولۇشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان. بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2011-يىلدىن باشلاپ تۇنجى قەدىمىنى ئالغان ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» سىياسىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» چاقىرىقى ئاستىدا، 2011-يىلدىن باشلاپ تا بۈگۈنگىچە داۋاملىشىۋاتقان خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ياكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كادىرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يېزا-كەنتلەرگە چۈشۈپ خىزمەت ئۆتىشى جەريانىدا، خىتاي كادىرلارنىڭ يەرلىك خەلق بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا ئالاقە قىلىشى تەبىئىي ھالدا ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە قولايلىق ئېلىپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل «قولايلىق» نىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نازارەت ۋە چەكلىمە سىرتمىقىنى تېخىمۇ چىڭىتقان. «تېررورلۇق، دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» شوئارى ئاستىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى يېزىلىرىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت، كۆزىتىش سىستېمىلىرى نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا يول ئېچىپ بەردى. بۇ جەرياندا خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشى ئۇلارنى يەرلىك خەلققە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ساقچى ۋە بىخەتەرلىك ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن ئۆلچەملەرگە ماس كەلمىگەن بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى چەكلەشتە چوڭ رول ئوينىغان. بىڭتۈەن تۈرمە نازارەتچىلىك قىلىش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ 2015-يىل، 23-نويابىر كۈنىدىكى يوللانمىسىدا «تۈرمە كادىرلىرىنىڭ قوش تىل ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىش» تېمىسىدا بىر يازما ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ قاماق-تۈرمىلەردە ئۇيغۇر جىنايەتچىلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تۈرمە كادىرلىرى ئەلۋەتتە جىنايەتچىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش ئېھتىياجى تۇغۇلغان. 2018-يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان مەركىزىي مىللەتلەر يىغىنىدا، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا خىتاي كادىرلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىدا سۆزلىشىشكە تىرىشىشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدۇ.

شى جىنپىڭنىڭ بۇ چاقىرىقى بىزگە بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى مەمۇرىي ئىش باشقۇرۇش ئورگانلىرى، بىخەتەرلىك ئورگانلىرى، بىڭتۈەن تارماقلىرى، ھەتتا ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق ساھەلىرىدىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئىگىلىگەن خىتاي خادىملىرىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نۆۋەتتە ئەۋج ئېلىۋاتقان، خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش قىزغىنلىقى داۋاملاشقاندا، ئۇلار ئېنىقلا تىل ئۆگىنىش بىلەنلا قالماي، ئۇيغۇرلارغا تېگىشلىك بولغان خىزمەت ۋە ئۆگىنىش پۇرسەتلىرىنى تارتىۋالىدۇ. نەتىجىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى مۇستەملىكە قىلىش ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش قەدىمىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ. قىسقىسى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشى بىزگە ئۇيغۇرلارنى قاراڭغۇ قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن سىگنال بېرىدۇ.

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.