خىتايدا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى مۇنازىرە قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

23-مارت كۈنى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇچاڭ ۋە ۋۇخەن شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلەرگە كورونا ۋىرۇسىدا ئۆلگۈچىلەرنىڭ جەسەت كۈلىنى سەككىز جايدىكى جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىدىن تارقىتىپ بېرىلىدىغانلىقى، ھەر كۈنى 500 ساندۇق جەسەت كۈلى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقى، بۇنىڭ تاكى 4-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىنغان.

بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى يوشۇرغانلىقى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىملىق جىددىي مۇنازىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

خىتايچە «سەيشىن»، يەنى «مالىيە ئۇچۇرلىرى» تورىنىڭ 26-مارتتىكى خەۋىرىدە مېيىتنى ئۇزىتىش ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، 23-مارتتىن 4-ئاپرېلغىچە ھەر كۈنى 500 ساندۇق جەسەت كۈلى تارقىتىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 26-مارت كۈنى ئەتىگەندىلا ۋۇخەننىڭ خەنكو مېيىت كۆيدۈرۈش ۋە دەپنە قىلىش ئورنىدا جەسەت كۈلىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ ئوچرېتى 200 مېتىر ئۇزۇنلۇققا سوزۇلۇپ كەتكەن. جەسەت كۈلى قاچىلانغان ساندۇقىچىلارنى توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى 2500 ساندۇق جەسەت كۈلى ئاپتوموبىلدا توشۇپ كېلىنگەن ئىكەن.

مەزكۇر خەۋەرگە قارىغاندا، ۋۇخەندە مېيىت دەپنە قىلىش ئورنىدىن سەككىزى بار بولۇپ، ئۇلاردىن خەنكۇ مېيىت كۆيدۈرۈش ئورنى قاتارلىق يەتتىسىدە جەسەت كۆيدۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن. مۇسۇلمانلارنىڭ مېيىتىنى دەپنە قىلىش ئىدارىسى دەپ ئاتالغان 8-ئورۇن يەرلىككە قويۇش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەيدىكەن.

مەزكۇر خەۋەردە يەنە خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان «26-مارتقىچە ۋۇخەندە كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 50 مىڭ 6 كىشى، ئۆلگۈچىلەر 2531 كىشى» دېگەن سانمۇ تىلغا ئېلىنغان.

27-مارت جۈمە كۈنى ۋۇخەن شەھىرىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جاڭ فامىلىلىك بىر خىتاي شەخسەن ئۆزىنىڭ ۋە ۋۇخەندىكى ئاھالىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان كورونا ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلەر ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ھەققىدىكى مەلۇماتقا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان بۇ سان بىلەن پۇقرالار تاپشۇرۇۋالغان جەسەت كۈلى ساندۇقلىرىنىڭ سانى بىر-بىرىگە ماس كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋۇخەننىڭ ھەر بىر رايونى ۋە ھەر بىر كوچىسىدىن ئېلىنغان سانلارمۇ پەرقلىق. ۋۇخەندىن باشقا خەنكۇ، ۋۇچاڭ قاتارلىق جايلاردىمۇ بىرنەچچە جايدا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى بار. كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە جەسەت كۆيدۈرۈش ئوچاقلىرى 24 سائەت دەم ئالماي ئىشلىگەن تۇرسا، ئۆلگۈچىلەر قانداقسىگە ئاشۇ ئازغىنا سان بىلەن چەكلىنىپ قالىدۇ؟!»

27-مارت كۈنى BBC ئاگېنتلىقى، «ئامېرىكا ئاۋازى»، «فىرانسىيە ئاۋازى»، «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» قاتارلىق خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ خىتاي تىلى بۆلۈملىرى، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ تاراتقۇلىرى تارقاتقان خەۋەرلەردە ۋۇخەن ۋە ۋۇچاڭ شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋىرۇستا ئۆلگۈچىلەرنىڭ جەسەت كۈلىنى پۇقرالارغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلاتلار بېرىلگەن. مەزكۇر خەۋەرلەر ۋە خىتايچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردا ۋۇخەن ۋە ۋۇچاڭ شەھەرلىرىدە پۇقرالارغا تارقىتىلىۋاتقان جەسەت كۈلى ساندۇقلىرى سانىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ۋىرۇستا ئۆلگۈچىلەر سانىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقى ئاساسلىق مۇنازىرە تېمىسى قىلىنغان.

بۇ خەۋەرلەردە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جەسەت كۈلىنى تاپشۇرۇۋالغان پۇقرالارغا جەسەت كۈلىنى تاپشۇرۇۋېلىش مەيدانىنى سۈرەتكە تارتماسلىق، سىنغا ئالماسلىق ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

27-مارت كۈنى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ۋە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىلەر بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ئۇلار ۋۇخەن ۋە ۋۇچاڭدا ئاشكارىلانغان كورونا ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەت كۈلى ساندۇقلىرىنىڭ سانى مەسىلىسى، كورونا ۋىرۇسى تارقالغان 3 ئاي ئىچىدە خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسى ئەتراپىدىن تۇيۇقسىز غايىب بولغان 20 مىليون تېلېفون ئابونتى مەسىلىسى قاتارلىقلار ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇلار بۇ ئەھۋاللارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىكى يالغانچىلىقلارنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا مۇھىم ئىسپات بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ئۇلار يەنە كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى مەسىلىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى دۇنيانىڭ تېخىمۇ ياخشى تونۇۋېلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.