خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان ۋىرۇس پۈتۈن دۇنياغا يامراپ، دۇنياۋى كرىزىس پەيدا قىلدى. تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ كونترولدىن چىقىپ، دۇنياۋى كرىزىسقا ئايلىنىشىغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇچۇر ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قاراتقان باستۇرۇشى سەۋەب بولغانلىقى ئاشكارىلانغان بىر پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى دېپلوماتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ ۋىرۇسنى دەسلەپتە ۋۇخەنگە ئېلىپ كەلگەنلىكىدەك بىر سەپسەتىنى تەشۋىق قىلماقتا. ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى قاتتىق تەنقىدكە دۇچ كەلمەكتە.
ئامېرىكادىكى «كاتو ئىنستىتۇتى» ناملىق سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ۋىرۇسنىڭ قەيەردە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھەممىگە ئايان. پۈتۈن پاكىتلار بۇ ۋىرۇسنىڭ خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى تىرىك ھايۋان سېتىلىدىغان بازاردىن چىققانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ بۇ ۋىرۇس ھەققىدە دەسلەپتە جامائەتنى ئاگاھلاندۇرغانلارنى جازالىغانلىقى ئاخباراتلاردا ئاللىقاچان خەۋەر قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسنىڭ كەڭ تارقىلىپ كېتىشىدە سىياسىي مەسئۇلىيىتى بارلىقى مۇقەررەر. مانا مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى چىقىپ ‹بىزدىن تارقالغان بىر ۋىرۇس پۈتۈن دۇنياغا يېيىلدى، بىز قولىمىزدىن كەلگەن بارلىق تەدبىرلەرنى قىلىۋاتىمىز، باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ياردەم قىلىشقا تىرىشىمىز›، دېيىشى كېرەك ئىدى. بىراق دىققەت قوزغايدىغىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان سۇيىقەست نەزەرىيەلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، گۇناھنى ئامېرىكاغا ۋە باشقىلارغا ئارتماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ نەزەرىيەلىرى ھەرگىز چەك باسمايدۇ. ئامېرىكا بۇنداق تېز تارقىلىدىغان بىر ۋىرۇسنى خىتايغا تارقاتسا، ئاخىرى بېرىپ ئۆزىگىمۇ زىيان بېرىدىغانلىقىنى ھېسابلىيالمامدۇ؟ بۇ نەزەرىيە ئادەمنى ئىشەندۈرەلمەيدۇ. خىتاينىڭ قىلغىنى بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك. ئۆزىنىڭ جاۋابكارلىقىنى باشقىلارغا ئارتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادا خىتاينىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكەن. شۇنداقلا دۇنيادا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش چاقىرىقىلىرىمۇ كۈچەيگەن. بۇنداق ۋەزىيەت خىتايدىكى بىر قىسىم خىتاي سەرخىللىرىنىمۇ بىئارام قىلماقتىكەن.
يېقىندا «ئامېرىكا شىركەتلىرى ئىنستىتۇتى» دىكى خىتاي تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دەن بلۇمېنتال تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، «نۆۋەتتە ئاممىۋى ساغلاملىق كرىزىسىغا قەدەم قويغان خىتاي ئاللىقاچان ئاۋارىچىلىككە يولۇققان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئۇزۇن مۇددەتلىك توختاپ قېلىش يولىدا ماڭغان.»
دەن بۇلېنتالنىڭ قارىشىچە، «شى جىنپىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى كونترول قىلىشنى ئاساسلىق ھالقا قىلغانلىقتىن ھەر تەرەپلىمە ئىسلاھاتقا ئائىت بارلىق ئۈمىدلەرنى يوققا چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شى جىنپىڭ خىتاينىڭ دۇنياغا رەھبەر بولۇشتەك ئەڭ ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا لايىق بولالمىغان. شى جىنپىڭ ھازىر ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتىگە قاراپ يول ئالغان بولۇپ، نۇرغۇن خىتاي سەرخىللىرىمۇ ھازىر ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقى ۋە ئىقتىدارسىزلىقىدىن ئاغرىنماقتا،»
دەن بلۇمېنتال يەنە ماقالىسىدە «كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ئۆزىنى باشقۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ ئىقتىسادى بۇ ۋىرۇس كرىزىسى نەتىجىسىدە تېخىمۇ كۆپ زىيانغا ئۇچرايدۇ. بۇ ئىقتىدارسىزلىق ۋە باستۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان خىتاي خەلقى كومپارتىيەنىڭ نىڭ ئەمەلىيەتتە ئاپەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ،» دەپ يازغان.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق ۋىرۇس مەسىلىسى ئامېرىكانى ئويغاتقان بولۇپ، ئامېرىكادا نۆۋەتتە خىتايدىن دورا ۋە سەھىيە ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈشنى توختىتىپ، ئۇنى ئامېرىكانىڭ ئۆزىدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە جىددىي مۇنازىرە قوزغالغان ئىكەن. ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قارىشىچە كەلگۈسىدە ئامېرىكا تەدرىجىي ھالدا بۇنى باشقا ساھەلەرگىمۇ كېڭەيتىپ «خىتايدىن ئاجرىشىش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكالىق تونۇلغان سىياسەت ئانالىزچىسى، خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە «دۆلەت مەنپەئەتى» ژۇرنىلىغا يازغان ماقالىسىدە ئامېرىكانىڭ ئەمدى «خىتاي بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىش» تىن ئىبارەت كونا سەپسەتىسىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ۋىرۇس مەزگىلىدە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەن بوغۇزى ۋە ياپونىيەگە يېقىن دېڭىز رايونلىرىدا ھەربىي پاراخوتلىرىنى سەپەر قىلدۇرۇشىنىڭ تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى، يەنە بىر ياقتىن ئۆزىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئامېرىكاغا ئارتماقچى بولغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە ئەمدى خىتايغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىغان ۋاقىت كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئۇ ماقالىسىدە «بۇنداق قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى خىتاي دىپلوماتلىرىنى ئامېرىكادىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى كونسۇلخانىلىرىنى تاقاش. بېيجىڭ ھېچ بولمىغاندا ئامېرىكا پايتەختىدە ئەمدى خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىدېيولوگىيەسى ئىلاھىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى چۈشىنىشى كېرەك،» دەپ يازغان.
ئامېرىكادىكى كاتو ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئۆزىگە زىيان بېرىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇس مەسىلىسىدىكى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئامېرىكاغا ئارتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتسىز بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. دۇنيا خىتايدىن ئىبارەت ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتنىڭ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى چۈشەندى. مەنچە بۇنداق بىيولوگىيەلىك مەسىلىنىڭ دۇنيادا قايتا كۆرۈلۈپ، ئىنسانىيەتكە تەھدىت قىلىشىنى ھېچكىم خالىمايدۇ. شۇڭا بۇندىن كېيىن دۇنيادىكى دۆلەتلەر قانداق قىلغاندا بۇنداق تەھدىتنىڭ قايتا ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە بىر سەپەرۋەرلىك باشلىنىدۇ، دەپ قارايمەن.»
ئامېرىكا شىركەتلىرى ئىنستىتۇتىدا خىتاي تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دەن بلۇمېنتال ماقالىسىدە خىتاي ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ كرىزىس خىتاينىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا بىزگە پەيدا قىلىدىغان خەۋپلىرىنى ئاشكارىلاپ بەردى. قاندۇرۇلمىغان ئارزۇلارغا ئىگە بۇ قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ مەقسىتىنى ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بىز بۇ تەھدىتنى كونترول قىلىشنىڭ يوللىرىنى تېپىپ چىقمىساق، خىتاي ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى بىزگە ئېكسپورت قىلىدۇ. ئۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىدارسىزلىقىدىن يىراقلىشىشقا ئېھتىياجلىق بولغاچقا بىخەتەرلىك مەسىلىسى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. بىراق ئۇ ھەرگىزمۇ يېڭى دۇنيا تەرتىپىگە يېتەكچىلىك قىلالمايدۇ.»
0:00 / 0:00