خىتاي كورونا ۋىرۇسىنى ئامېرىكاغا دۆڭگەش سەپەرۋەرلىكى قوزغاۋاتامدۇ؟

0:00 / 0:00

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىنى ئامېرىكاغا دۆڭگەپ «سەن تاز دېگۈچە، مەن تاز دەۋالاي» دەۋاتقانلىقى ئايان بولماقتا.

خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە ئىشلەنگەن كورونا ۋىرۇسىنى ئامېرىكاغا دۆڭگەشكە ئائىت قىسقا سىن فىلىملىرى 24-مارتتىن باشلاپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يەنە بىر قېتىم كەڭ دائىرىدە تارقىلىشقا باشلىدى. خىتاي مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرىدىكى پروگرامما مەركىزى تارقاتقان بىر فىلىمدا ئامېرىكا رەھبەرلىرى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئەيىبلەنگەن.

مەزكۇر فىلىمدىكى دىققەت تارتىدىغان ئۈچ نۇقتىنىڭ بىرى «ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئاممىدىن يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇردى» دېگەن ئىبارىدۇر. دۇنيا جامائىتى خىتاينى «كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى دەسلەپتە يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن بۇ ۋىرۇس دۇنياغا ئېغىر ئاپەتلەر ئېلىپ كەلدى» دەپ ئەيىبلەۋاتقان بىر چاغدا خىتاينىڭ دەل قارشى تەرەپتىن چىقىپ ئامېرىكانى «يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇردى» دەپ قارىلىشى «سەن تاز دېگۈچە، مەن تاز دەۋالاي» دېگەندەك كۈلكىلىك بىر مەنزىرە پەيدا قىلغان.

ئىككىنچىسى، بۇ فىلىمدا ھېچقانداق ئاساس كۆرسەتمەستىن «ئامېرىكا رەھبەرلىرى قولىدىكى پايچەكلىرىنى ئالمان-تالمان سېتىپ چىقاردى» دېگەن ئىبارىدۇر. ئامېرىكانىڭ قايسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ قاچان، قانچىلىك پايچېكىنى نېمە ئۈچۈن سېتىپ چىقارغانلىقى فىلىمدا تىلغا ئېلىنمىغان.

ئۈچىنچىسى، «يۇقۇمغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرماي، باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇشقا ئۇرۇندى» دېگەن ئىبارىدۇر. بۇنىڭغا كورونا ۋىرۇسىنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىشىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، كورونا ۋىرۇسى تارقالغان دەسلەپكى مەزگىلدە دۇنيا جامائىتى بۇ ۋىرۇسنى «خىتاي ۋىرۇسى» ياكى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتىغان. خىتاينىڭ ئېتىرازلىرى سەۋەبلىك بۇ ۋىرۇسنىڭ نامى كېيىن «كورونا ۋىرۇسى» غا ئۆزگەرتىلگەن. خىتاي دىپلوماتى جاۋ لىجيەن يېقىندا تۋىتتېردا «بۇ ۋىرۇسنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋۇخەنگە ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن» دېيىش ئارقىلىق ۋىرۇسنىڭ پەيدا بولۇش ئورنىنى ئامېرىكاغا ئارتىشقا ئۇرۇنۇپ كىشىلەر ئارىسىدا گۇمان ۋە تالاش-تارتىش قوزغاشقا باشلىغان. شۇنداق بىر مەزگىلدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ «خىتاي ۋىرۇسى» دېگەن ئاتالغۇنى ئىككى قېتىم قوللانغان.

كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ خىتايدىن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، تۆلەم تەلەپ قىلىش سادالىرى بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىغان بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى ئامېرىكىغا ئارتىشقا ئۇرۇنۇش سەپەرۋەرلىكى قوزغىشى ھەقىقەتەنمۇ دىققەتنى تارتىدۇ.

پېشقەدەم ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا ھازىر بۇ ۋىرۇس پەيدا بولغان جاي توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىدە ھەمكارلىشىش زۆرۈرلۈكىنى، خىتاينىڭ «كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلىدۇق» دېگەن بايانلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يوشۇرۇشى تۈپەيلى خەلقئارادا نارازىلىقلار پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ خادىمى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلغاندا كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىق مەسىلىسىدە دۇنياغا كۈچلۈك بىر سىگنال بەرگەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ بۇ ۋىرۇس سەۋەبلىك تارتقان ئىقتىسادىي زىياننى خىتايغا تۆلىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىۋاتقان خىتاينىڭ يەنە بىر سىن فىلىمىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كورونا ۋىرۇسىنى ئامېرىكاغا ئارتىش خاھىشى ئوچۇق-ئاشكارا ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاينىڭ خەلقنى قايمۇقتۇرۇش كۈچىگە ئىگە سۆز-ئىبارىلەر بىلەن تولغان كورونا ۋىرۇسىنى ئامېرىكاغا ئارتىشقا دائىر تەشۋىقاتنى ئۇيغۇر دىيارىدا كۈچەپ تەرغىب قىلىپلا قالماي ئۇنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىمۇ كەڭ تارقىتىشى تاسادىپىيلىق بولمىسا كېرەك. خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دەۋاسىغا، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئامېرىكاغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلاردىمۇ گۇمان، ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىشنى كۈنتەرتىپكە ئېلىۋاتامدۇ-يوق؟ بۇنىسى بىزگە نامەلۇم. ئەمما كورونا ۋىرۇسىنى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتاش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان. باۋارىيە ئۆلكىسىدە ئىككى دۇكانغا خوجايىن بولۇپ تىجارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوسمانجان ئەپەندى يېقىندا دۇكانلىرىنى تاقاپ «خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك 31-مارتقىچە مۇلازىمەت قىلالمايمىز» دېگەن ۋىۋىسكىنى دۇكانلىرىنىڭ دېرىزىسىگە چاپلاپ قويغان. ئۇ بۇ خۇسۇستا توختالغاندا كورونا ۋىرۇسىنىڭ زور ئىقتىسادىي زىيانلارغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.