يازغۇچى فارىد زاكېرىيا «2014-يىلى خىتاي ئۈچۈن يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم يىلى بولىدۇ»

0:00 / 0:00

خىتايدا يېقىنقى ۋاقىتلاردا بولۇۋاتقان تۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەقەلەر خەلقئارانىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىماقتا. خىتايدا سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرەمدۇ؟ 2014-يىلى خىتاي ئۈچۈن قانداق بىر يىل بولىدۇ؟ خىتاينىڭ ۋەزىيىتىگە قىزىققۇچىلار ھەممىسى بۇنىڭ جاۋابىغا قىزىقماقتا.

ئامېرىكىدىكى داڭلىق ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى فارىد زاكېرىيا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەخمىنلىرىنى س ن ن تېلېۋىزىيەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ 2014-يىلىنىڭ خىتاي ئۈچۈن يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم يىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۆۋەندە بۇ ھەقتە سىلەرگە مۇخبىرىمىز ئىرادە مەلۇمات بېرىدۇ.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى كۈرەش قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئەمەلدارلارنى ئەمىلىدىن ئېلىشى، بولۇپمۇ سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۈڭكاڭغا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلىدىغان ئادەملەرنى تارتىپ چىقىرىپ جازالىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ كەلدى. كۆزەتكۈچىلەر 2014-يىلىنىڭ خىتاي ئۈچۈن قانداق بىر يىل بولىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىشماقتا.

ئامېرىكىدىكى داڭلىق ژۇرنالىست فارىد زاكېرىيا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىنى «2014-يىلى خىتاي ئۈچۈن يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم يىلى بولىدۇ» ماۋزۇسى ئاستىدا ئېلان قىلغان. ئۇ مۇلاھىزىسىدە مۇنداق دېگەن:
-2014-يىلى خىتايدا ئات يىلى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما قالغانلىرىمىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ يىل خىتاي يىلى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي تارىخى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا كېلىپ قالدى: ئۇلار يا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي سىستېمىسىنى يېڭىلاپ، ئۆزىدىكى زورىيىۋاتقان مۇھىت ۋە باشقا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تۈزەپ، ئۆزىنى يەنە بىر ئون يىللىق مۇقىم تەرەققىياتقا تەييارلايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن 2014-يىلى خىتاي مۆجىزىسى ناھايىتى چوڭ تاشقا پۇتلىشىپ، ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدۇ.

فارىد زاكېرىيا مۇلاھىزىسى داۋامىدا ئەسكەرتىپ «نۇرغۇنلىغان كۆزەتكۈچىلەر يىللاردىن بېرى ھەتتا ئون يىللاردىن بېرى مانا مۇشۇنداق تەخمىنلەرنى قىلىپ كەلدى، ئەمما ئۇ ھېچقاچان يۈز بەرمىدى، ئەكسىچە خىتاي ناھايىتى قېيىن ئۆتكەللەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، يۇقىرى سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلدى. بىراق، بۇ قېتىم ئوخشىمايدۇ» دېگەن. فارېد زاكېرىيا مۇلاھىزىسى داۋامىدا ئۆزىنىڭ بۇنداق دېيىشىگە تۆۋەندىكىلەرنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن:
-خىتايدىكى ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىق يىللاردىن بېرى يىغىلىپ-يىغىلىپ ئەمدى داۋام قىلدۇرغۇسىز ھالغا كەلدى. خىتايدىكى ئاساسىي مەسىلە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەرزان قەرزگە ۋە ھۆكۈمەت راسخوتلىرىغا تايىنىپ قالغان. بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئورتاق بولغان بىر مەسىلە. 2008-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىستىن ئىلگىرىلا خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا «تۇراقسىز، تەڭپۇڭسىز، تەشكىلسىز ۋە داۋام قىلدۇرغۇسىز» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن باھا بەرگەن ئىدى. ھۆكۈمەت ئاساسىي قۇرۇلۇشنى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنى ۋە ئۆي-مۈلك ساھەسىنى يۆلەشنى توختىتىشى كېرەك. لېكىن بۇنداق بىر قارارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قېيىن، چۈنكى ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى مۇشۇنىڭغا تايىنىپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدىن پۇل تېپىۋاتقان دۆلەت كارخانىلىرى ۋە يەرلىك ئەمەلدارلار ھەممىسى سىياسىي كۈچكە ئىگە.

كېلەيلى ئەمدى، ئىقتىسادىي كرىزىس ۋە دۇنياۋى خاراكتېرلىك ئىقتىساد ئاستىلاشقا، خىتاي ئۈچۈن ئاستىلاشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى كوممۇنىست پارتىيە ئۆزى ياراتقان بىرەر ئىدېئولوگىيە بىلەن ئەمەس، بەلكى خەلقنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق داۋام قىلىپ كەلمەكتە. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقانداق ئىقتىسادىي كرىزىستىمۇ مىللىي دارامەتنىڭ 10 پىرسەنتتىن ئارتۇقىنى چىقىم قىلىش ئارقىلىق بولسىمۇ، ئىقتىسادىي زورىيىشنى داۋام قىلدۇرىدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي زورىيىش نىسبىتى ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل 9 پىرسەنت ئۈستىدە بولۇپ كەلدى. ئەمما، بۇنىڭ بەدىلى ئېغىر. ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ دۆلەت يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى توپلام ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قەرزى 200 پىرسەنتتىن ئارتۇق. بۇ ھېچقانداق بىر تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دۆلەتتە كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر رەقەم. بىر قىسىم زاۋۇت-كارخانا ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەن. ئۆي-مۈلك سودىسى پۈتۈنلەي قەرز بىلەن جانلانغان. ئىقتىسادىي سىياسەتتە تۈپتىن بىر ئۆزگىرىش قىلماي تۇرۇپ، بۇنداق چوڭ سېكتورلارنى ئەرزان قەرزدىن ئايرىپ قويۇش نىسبەتەن يېقىن. مانا بۇ تېشىلىشكە تەييار تۇرغان كۆپۈك ھەم شۇنداقلا داۋام قىلىشى ئىمكانسىز بولغان بىر ئىقتىسادىي مودېل.

فارېد زاكېرىيا يەنە، خىتايدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن سىرت، مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ توختالغان. ئۇ خىتايدىكى ھەممە يەردە دېگۈدەك ھاۋا ۋە سۇ بۇلغىنىش مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى، بۇنىڭدىن سىرت چىرىكلىكنىڭمۇ خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى چىرىكلىكنى يوشۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە مۇنداق دېگەن:
-كومپارتىيە ئۆزىدىكى چىرىكلىكنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار يېقىندىن بۇيان پارتىيە ئىنتىزامىدا بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلىپ، ئەمەلدارلىرىدىكى چىرىكلىكنى ئازايتىشقا، پەقەتلا ئىقتىسادىي زورىيىشقىلا مەركەزلىشىپ قالماي، مۇھىتنى قوغداشقىمۇ دىققەت قىلىشقا كۆندۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇنداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەم پارتىيە ئىچىدە، ھەم جەمئىيەتتىكى تەسىر كۈچكە ئىگە قىسىمدا قارشىلىققا ئۇچراش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغىدى. نۇرغۇنلار بۇنىڭ پىلانلىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى دېيىشىدۇ. ئۇ يەنە دۆلەت ئىچىدىكى ئاخباراتلار، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ھەتتا خۇسۇسىي كارخانىچىلار ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كومپارتىيىنى تەنقىد قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلىشىنى قاتتىق چەكلىمەكتە. شى جىنپىڭ يەنە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنى قۇرۇش ئارقىلىق كۈچىنى ئىچكى مۇقىملىقنى ساقلاشقا قاراتتى. بۇ ھەم ئۇنىڭ قىلىمەن دېگەنلىرىنىڭ يالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ھەم شۇنداقلا كىمنى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

فارىد زاكېرىيا مۇلاھىزىسىنى مۇنداق داۋام قىلدى :
-مەن خىتاينى ۋەيران بولىدۇ، دەپ دو تىكەلمەيمەن. چۈنكى، خىتاينىڭ رەھبەرلىرى ھەرقانداق قېيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشتە ئۆزىنى ئىسپاتلىغان. شى جىنپىڭ بارلىق ھوقۇقنى قولىغا مۇجەسسەملەشتۈردى ۋە ئۇنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، تارىخقا خىتاينى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىش ئۈچۈن سىستېمىنى ئۆزگەرتكەن ئادەم، دەپ يېزىلغۇسى باردەك قىلىدۇ. ئەگەر خىتاينىڭ لىدىرلىرى مانا بۇ ئۆزگىرىش باسقۇچىنى ياخشى كونترول قىلالىسا، خىتاي ئۇ ھالدا تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلالمايدىكەن، خىتاي جايىدا توختاپ قالىدۇ. ئىقتىسادنىڭ جايىدا توختاپ قېلىشى كۆپىنچە ھاللاردا كەڭ يېيىلغان نامايىشلارنى ۋە سىياسىي سىستېمىدىكى كەڭچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.