ئۇيغۇر دىيارىدا «تېرورلۇققا زەربە بېرىپ مۇقىملىقنى ساقلاش» نىڭ قايتا تەكىتلىنىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2023.01.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
بېيجىڭدىكى جىددىيچىلىك، شى جىنپىڭنىڭ قەسىمى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باشقا رەھبەرلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇزېيىنى زىيارەت قىلغاندا كومپارتىيەسىگە قەسەم قىلدى. 2021-يىلى 18-ئىيۇن، بېيجىڭ.
AP

9-10-يانۋار كۈنلىرى، خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى نامىدىن ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىم يىغىن ئېچىپ، پارتىيە-ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئارىسىدىكى ئىنتىزام مەسىلىسىنى قاتتىق تەكىتلىگەن.

شى جىنپىڭنىڭ بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئېچىلغان بۇ يىغىنلارنىڭ، خىتايدا 3 يىل داۋام قىلغان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قامال سىياسىتى مەغلۇپ بولۇپ، يۇقۇمنىڭ شىددەت بىلەن ئەۋج ئالغان مەزگىلىگە توغرا كېلىشى، خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا جىددىي ئىنكاس قوزغىدى.

خىتاي دۆلەت ئىچىدە ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونۇم رايونلاردا شى جىنپىڭ ئاچقان يىغىنلارنىڭ روھى يەتكۈزۈلۈپ ئىپادە بىلدۈرۈلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىمۇ 11-يانۋار كۈنى ما شىڭرۇينىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا مەخسۇس يىغىن ئېچىلغان. بۇ يىغىندا ما شىڭرۈي «پارتىيە ئىچىدىكى ئىنتىزامنى ساقلاش؛ شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزى كومېتىتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش؛ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوندا مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېرورلۇققا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش؛ شىنجاڭ ھېكايىسىنى داۋاملىق سۆزلەپ شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش» دېگەنلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

11-يانۋار كۈنى ئامېرىكانىڭ «تاشقىي ئىشلار تورى» دا «ئىشەنچسىزلىك ۋە كوۋىد-19 يۇقۇمىدىكى بۇرۇلۇش، شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ» سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە خىتايدا 3 يىل داۋاملاشقان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش قامالى» مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى ئېغىر يۇقۇم سەۋەبىدىن يۈز بېرىۋاتقان داۋالغۇش ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلغان يۇقۇمنى تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىدىلا ئەمەس، ھەتتا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىمۇ نارازىلىق قوزغىغانلىقى ئۈچۈن، شى جىنپىڭنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئەندىشىسىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

ماقالىدە نۆۋەتە ئېغىرلاشقان يۇقۇم ۋەزىيىتىگە شى جىنپىڭنىڭ خاتا سىياسىتى سەۋەپ بولغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دىيىلگەن: «خىتاي 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئالەمشۇمۇل داۋالغۇشنى باشتىن كەچۈردى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ «كوۋىد-19 غا قارشى خەلق ئۇرۇشى» دەپ ئاتىغان ھەركىىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇرەسسە قىلمايدىغان كوۋىد-19 يۇقۇمى تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولدى. ئەمما ئەمەلىيەت بۇ سىياسەتنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. چۈنكى بۇ سىياسەت ھەددىدىن زىيادە قاتتىق يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كونترول قىلغىلى بولمىدى. 2022-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار پەۋقۇلئاددە ئاممىۋى نارازىلىق نامايىشلار ۋە كوۋىد-19 يۇقۇمىنى كونترول قىلىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئىقتىسادىي بېسىم ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، بېيجىڭ تۇيۇقسىز ‹نۆل كوۋىد› سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.»

ماقالىدە خىتايدا ئېغىرلاشقان يۇقۇملىنىش ۋەزىيىتى كەلتۈرگەن نارازىلىقنى بېسىش ئۈچۈن، شى جىنپىڭنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشتە تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشنى داۋام قىلىدىغانلىقى مۇنداق بايان قىلىنغان: «بارغانچە كۈچىيىۋاتقان نارازىلىق كەيپىياتى شى جىنپىڭ ئۈچۈن يامان خەۋەر. ئۇ 10 يىللىق ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە، خەلق ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەشكە تىرىشتى. خەلقنى ئۆزىنىڭ سىياسىتىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەندۈرنمەكچى بولدى. گەرچە ئۇ پۇقرالار ھوقۇقى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى تىكلەشكە ۋە ھۆكۈمرانلىقىنى ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. گەرچە ھازىرچە شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ پارتىيەسىنىڭ ئورنىنىڭ زەخمىلەنگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش تەس بولسىمۇ، ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن بىزار بولۇش كەيپىياتى ئىپادىلەنمەكتە.»

ئامېرىكادا چىقىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى بولغان شى جىنپىڭغا نىسبەتەن، خىتايدا يۇقۇم ئەۋجىگە چىقىپ نارازىلىق ۋە تەنقىتنىڭ كۈچىيىشى، ئۇنىڭ خىتايدىكى ئوبرازىنى چۈشۈرۈۋەتكەن. بۇ ۋەزىيەت شى جىنپىڭنى ئەنسىرىتىپ تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر قىلماقتا ئىكەن.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر 20-قۇرۇلتايدا شى جىنپىڭنىڭ شەخسىي ھۆكۈمرانلىقى ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە چىقتى. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن يۇقۇملىنىش دولقۇنى ۋە يۇقۇم كەلتۈرگەن ئۆلۈم پاجىئەلىرى شى جىنپىڭنىڭ شەخسىي ئوبرازىنى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. ئۇنىڭ ھازىرقى ئورنى ئىنتايىن ئاجىز ھالەتتە تۇرماقتا. ئۇ خىتايدىكى يۇقۇمنى كونترول قىلىشقا ئۆزى يېتەكچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھازىر بۇنداق چوڭ مەسىلە چىققان ئىكەن، ئەلۋەتتە ئۇ ئۆزى جاۋابكار بولۇشى كېرەك. شۇڭا يۇقۇرى-تۆۋەندىكى ھەممەيلەن ئۇنى ئەيىبلىمەكتە. ئەمما ئۇ بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەممىسىنى باستۇرۇپ بولالمايدۇ.»

خۇ پىڭ سۆزىنى داۋام قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ بۇ خىل ئەيىبلەشلەرگە قوللىنىۋاتقان تەدبىرلىرى ھەققىدە يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ خىل ۋەزىيەت شى جىنپىڭنى ئىنتايىن ئەندىشىگە سالماقتا. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا داۋالغۇش ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ بۇنداق شارائىتتا، ھەر خىل ناملاردا يىغىن ئېچىپ يوليورۇقلارنى بەرمەكتە. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مەقسىدى پەقەت بىرلا. يەنى ئۇنى تەنقىدلىگەن ھەرقانداق ئاۋازنى باستۇرۇپ ئۇجۇقتۇرۇش. شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى ئوخشىمىغان ئاۋازلارنى باستۇرۇشتىن باشلىماقچى. ئۇ ھازىر ھەر خىل باھانىلەرنى تېپىپ، توختىماي يىغىن ئېچىشنى داۋام قىلماقتا.»

خۇ پىڭ ئەپەندى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇينىڭ شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ھەققىدە ئاچقان يىغىنى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما شىڭرۇينىڭ مەركەز بىلەن بىردەك بولۇشنى تەكىتلىشى، ئۇنىڭ شى جىڭپىڭغا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەش بولسا، مۇقىملىقنى تەكىتلىشىگە نۆۋەتتىكى داۋالغۇش ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرەش سەۋەپ بولغان ئىكەن.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇنىڭ يوليورۇقىنى يەتكۈزگەندە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇشى تەبىئى ئەھۋال. چۈنكى شىنجاڭ بۇ مەسىلىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى ‹ئاق قەغەز ئىنقىلابى› ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى پاجىئەسىدىن كېيىن يۈز بەردى. ئۇنىڭ ئالدىدا شىنجاڭدا يۇقۇم قامالى يېرىم يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلدى. ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ‹يۇقۇمنى قامال قىلىش تەدبىرى›نىڭ ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى. بۇنىڭغا رايوندىكىلەرنىڭ نارازىلىقى ئەلۋەتتە ئەڭ كۈچلۈك. بۇ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا نارازىلىقى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. رايوندىكى خىتايلارنىڭمۇ نارازىلىقى كۈچلۈك بولدى. شۇڭا شى جىنپىڭنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، شى جىنپىڭ رايوندىكى ۋەزىيەتتىن ئەنسىرەيدۇ ۋە رايوننى كونترول قىلىشنى ئويلايدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوندىكى ئەمەلدارلار بولسا، رايوندا يېرىم يىل داۋاملاشتۇرغان يۇقۇمنى قامال قىلىش تەدبىرلىرى سەۋەپلىك، رايوندىكى نارازىلىق ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇلار كۆڭلىدە شى جىننپىڭغا نارازى بولسىمۇ، ئەمما رايوندا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق مۇقىمسىزلىق ۋەزىيىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئويلايدۇ. شۇڭا ئۇلار شى جىنپىڭغا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرلىكتە، رايوندا مۇقىم ۋەزىيەت ساقلاش ۋە تېرورلۇققا زەربە بېرىشنى تەكىتلىمەكتە.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل ئىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ يۈرگۈزگەن «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامالىنىڭ مەغلۇبىيىتى، شى جىنپىڭغا بولغان نارازىلىقنى كۈچەيتكەن. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ دىكتاتۇر ھاكىمىيىتىنى قوغداش قايغۇسىدا قالغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ ئىشغالىيەت سىياسىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇر دىيارىدا شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ھالەتتە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىنى يەتكۈزگەن ما شىڭرۇينىڭ يىغىندا شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش، رايوندا مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، تېرورلۇققا زەربە بېرشنى تەكىتلىشىدىكى مەقسىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى بۇ زېمىننى ساقلاپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنلايدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىش ئىكەن.

ما شىڭرۇيغا ئوخشاش ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن ھەرقانداق خىتاي ئەمەلدارى، يىللاردىن بۇيان تېرورلۇققا زەربە بېرىشنى تەكىتلەش ئارقىلىق، رايوندا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق نارازىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تۆھپە كۆرسەتكەنلىكىنى ئىپادىلەش ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتىگە يېتىشنى نىشان قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
seudi-xitay-Mohammad-bin-Salman-shi-jinping-2022.jpg
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.