داۋىد شامباۋ: «خىتاينىڭ ھالاكەت ئويۇنى باشلىدى»

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پەنلىرى پروفېسسورى داۋىد شەمباۋ يېقىندا بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھالاكەت ئويۇنى باشلىدى، دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن قاتتىق مۇنازىرە قوزغىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئۆزىنىڭ مەتبۇئاتلىرى ئارقىلىق داۋىد شەمباۋنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىگە ئائىت بۇنداق پەرەزلەر ئىلگىرىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە بۇنداق رادىكال پىكىرلەردىن ئۆزىنى تارتىپ كەلگەن بۇنداق بىر تەتقىقاتچىنىڭ بۇنداق دېيىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان ئىدى.

داۋىد شامباۋ يېقىندا ئامېرىكىدا چىقىدىغان نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن «ۋال سترىت ژۇرنىلى» دا «خىتاينىڭ چۆكۈشى-خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھالاكەت ئويۇنى باشلىدى، شى جىنپىڭنىڭ رەھىمسىزلەرچە سىياسەتلىرى بولسا دۆلەتنىڭ يىقىلىش باسقۇچىنى تېخىمۇ تېزلەتمەكتە» ماۋزۇسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنىڭ بولسا بىرى، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر، نوپۇزلۇق خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى بولۇشى، ئىككىنچىسى، ئۇنىڭ ھازىرغىچە مەسىلىلەرگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىشكە تىرىشىپ، مۆتىدىل بىر يول تۇتۇپ كەلگەن بىرى بولۇشى، ئۈچىنچىسى، ئىلگىرى ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىنمۇ سۆيۈلگەن، كىتاب ۋە ماقالىلىرى خىتايدا ئېلان قىلىنغان بىرى بولۇشىدۇر.

مانا شۇ سەۋەبلەردىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» ۋە «خىتاي خەۋەرلەر تورى» دا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ماقالە ئېلان قىلىپ، داۋىد شامباۋنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن ئەيىبلىدى. ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى بولسا تىۋىتتېر تورىدا بۇ ماقالە ھەققىدە يازغان ئىنكاسلىرىدا، ئەگەر داۋىد شامباۋغا ئوخشاش بىر تەتقىقاتچى بۇنداق دەۋاتقان بولسا بۇنىڭ چوقۇم دىققەتكە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

داۋىد شامباۋ ماقالىسىنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، بىر كۈندىن كېيىن ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ خىتايدا سىرتتىن قارىماققا ھەممە نەرسە خۇددى شۇنداق مۇكەممەلدەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ سىياسىي سىستېمىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقىنى ۋە بۇنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغانمۇ يەنە شۇ خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ شى جىنپىڭ ھەققىدە مۇنداق دېگەن :

خىتاينىڭ «قۇدرەتلىك» ئادىمى شى جىنپىڭ ئۆكتىچى ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇش ئارقىلىق ۋە چىرىكلىككە قارشى ئۇرۇشى ئارقىلىق ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىشنى ئۈمىد قىلماقتا. ئۇ خىتاينىڭ مىخايىل گورباچوۋى بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن بەلنى قاتتىق باغلىدى. ئۇ گورباچوۋتەك بولمايمەن، دەپ تۇرۇپ، لېكىن يەنە شۇ ئوخشاش ئاقىۋەتكە زېمىن ھازىرلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ زالىملىقى خىتايدىكى سىستېمىنى ۋە جەمئىيەتنى قاتتىق جىددىيلىككە سېلىپ، ئۇنى پارتلاش نۇقتىسىغا ئەكېلىپ قويماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، داۋىد شامباۋ خىتاي ھەققىدە يازغان كىتاب-ماقالىلىرىدە ئاساسەن مۆتىدىل بولۇپ كەلگەن. ئۇ بەزىلەردەك خىتاينى ئامېرىكىنى بېسىپ چۈشىدىمۇ دېمىگەن ياكى خىتاينى ھالاك بولىدىمۇ دېمىگەن. ئۇ ئۆزىمۇ ماقالىسىدە بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ دىكتاتور رېجىملەرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە بىر پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەۋەككۈلچىلىك تەلەپ قىلىدىغان ئىش، دېگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن :

خىتايغا نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر دىققەت قىلىپ كەلدى. 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن بەزى نوپۇزلۇق خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىلىرى ئۆزىنىڭ كەسپى ئېتىبارىنى يوقىتىش خەۋپىگە قارىماي، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇقەررەر چۆكىدىغانلىقىدەك بىر پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنە بەزى تەتقىقاتچىلار بولسا بۇ مەسىلىدە تەمكىن پوزىتسىيىدە بولدى. جۈملىدىن مەنمۇ شۇلارنىڭ بىرى ئىدىم. بىراق زامان ئۆزگەردى ۋە پىكىرلىرىمىزنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقىت كەلدى. خىتاينىڭ ھالاكەت ئويۇنى باشلىدى. مەن ئىشىنىمەنكى، ئۇنىڭ راۋاجى نۇرغۇنلار ئويلىغاندىنمۇ تېز. ئىشنىڭ جەريانى قانداق بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇنى بىلمەيمىز... بىراق خىتايدىكى كوممۇنىست تۈزۈم جىمجىتلا ئاياغلىشىدىغاندەك ئەمەس. يالغۇزلا بىر ۋەقەمۇ ئۇنىڭ جىمجىت ھالاكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغاندەك ئەمەس. ئۇنىڭ يوقىلىشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان، قالايمىقان ۋە دەھشەتلىك بولىدىغاندەك كۆرۈنمەكتە.

داۋىد شەمباۋ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشكە باشلىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدىغان سىگناللارنى تۆۋەندىكى 5 نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان ۋە مۇنداق دەپ بايان قىلغان :

بىرىنچىسى، خىتاي پۇلدارلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر پۇتى چەتئەلدە. دۆلەتتىكى سىستېما تەۋرەشكە باشلىغان ھامان ئۇلار چەتئەلگە قېچىپ كېتىشكە تەييار ۋەزىيەتتە. 2014-يىلى شاڭخەيدىكى خۇرۇن ستاتىستىكا-تەتقىقات ئورنى خىتايدىكى ئەڭ باي ھېسابلىنىدىغان 393 مىليونېر ۋە مىلياردېرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ چەتئەلگە كۆچۈۋاتقانلىقىنى ياكى شۇنداق پىلانى بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. خىتايدىكى پۇلدارلارمۇ بالىلىرىنى چەتئەللەردە ئوقۇتىدۇ... جەمئىيەتنىڭ جەۋھەرلىرى بولغان، كۆپى تېخى كومپارتىيە ئەزاسى بولغان بۇ كىشىلەرنىڭ چەتئەلگە كۆچۈشىنىڭ ئۆزىلا بۇ كىشىلەرنىڭ رېجىمگە ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا ئىشەنچىسىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئىككىنچىسى، شى جىنپىڭ 2012-يىلى تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيان سىياسىي بېسىمنى قاتتىق كۈچەيتتى. ئۇ، ئاخباراتنى، ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنى، كىنوچىلىق، ئەدەبىيات ۋە سەنئەتنى، دىنى گۇرۇپپىلارنى، زىيالىيلارنى ۋە تىبەتلەرنى، ئۇيغۇرلارنى، ئۆكتىچىلەرنى، ئادۋوكاتلارنى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىنى نىشان قىلدى... ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆپرەك ھۆكۈمەتلەر ھەرگىزمۇ بۇنداق ئېغىر باستۇرۇش ئېلىپ بارمايدۇ. بۇ پارتىيە لىدېرلىرىنىڭ قاتتىق قايغۇ ۋە ئەنسىرەش ئىچىدە ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتى.

ئۈچىنچى، بۇ رېجىمنىڭ ئەڭ سادىق كىشىلىرى چېغىدا تەۋرىنىشكە باشلىدى. خىتاي سىياسىتىنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى ھالىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۆتكەن يازدا، مەن شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي چۈشى» دېگەن چاقىرىقى ھەققىدە كومپارتىيە قارمىقىدىكى بىر تەتقىقات ئورگىنى تەرىپىدىن بېيجىڭدا ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان بىر قانچە چەتئەللىكنىڭ بىرى ۋە بىردىن بىر ئامېرىكىلىق ئىدىم. ئىككى كۈن بويىچە توختىماي پارتىيىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يازغان دوكلاتلارنى ئاڭلاپ مېڭىمىز چۇۋۇلۇپ كېتەيلا دەپ قالدى. لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ يۈزى قېتىپ قالغاندەكلا، بەدەن ھەرىكەتلىرىمۇ قولاشمىغان، زېرىككىنىمۇ چىرايىغا چىقىپ كەتكەن بىر ۋەزىيەتتە ئىدى. ئۇلار يالغاندىن پارتىيىنى ۋە ئۇنىڭ لىدىرلىرىنىڭ سەپسەتىلىرىنى قوللاۋاتاتتى. بۇ، خىتايدا ئەمدى تەشۋىقاتنىڭ كۈچىنى يوقاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئىمپېراتورنىڭ ئەمدى ئورىنىدىغان نىقابى قالمىغان ئىدى...

تۆتىنچى، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئارمىيىسىدىكى بۇ چىرىكلىك ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل خىتاي جەمئىيىتىگە تارقالغان. شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى ئۇرۇشى ھازىرغىچە ئىزچىل ھالدا ۋە ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك قاتتىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بىراق بەرىبىر ئۇ مەسىلىنى تۈگىتەلمەيدۇ. چۈنكى، بىر پارتىيە بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان، ھېچقانداق ئوچۇق-ئاشكارىلىق بولمىغان بىر ئىقتىساد، دۆلەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغان بىر ئاخبارات مەۋجۇت بولغان ۋە شۇنداقلا قانۇن ئىجرا قىلىنمايدىغان بىر تۈزۈمدە چىرىكلىك دېگەن چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى ئۇرۇشىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ ھازىرغىچە جازالىغان كىشىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ جياڭ زېمىن گۇرۇھىغا تەۋە كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. جىياڭ زېمىن تېخى ئۆلمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ پېيىغا چۈشۈش خەۋپلىك بىر ئىش...

بەشىنچىسى، خىتاينىڭ ئىقتىسادى-ئۇ ھازىر سىستېمىلىق بىر قاپقانغا دەسسىدى ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئاسان ئەمەس. 2013-يىلى نويابىردا شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى بىر ئىقتىسادىي ئىسلاھات پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق ئۇ تېخىچە ئەمەلىيلەشمىدى. ئەلۋەتتە ئىستېمال سەۋىيىسى ئاشتى، بىر قىسىم رەسمىيەتلەر ئاددىيلاشتۇرۇلدى ھەم بەزى يىللىق ئىسلاھات پىلانلىرى ئېلان قىلىندى. لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، شى جىنپىڭنىڭ بۈيۈك پىلانلىرىنىڭ ھېچبىرى ئىشقا كىرىشمىدى. ئۇ دەۋاتقان ئىسلاھات پىلانى دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى كارخانىلارغا ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت تايانچ كۈچلىرىگە ئوخشاش خىتايدىكى كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم مەنپەئەت گۇرۇپپىلىرىغا خىرىس پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئېنىقلا بۇ پىلانلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

تەتقىقاتچى داۋىد شەمباۋ مۇلاھىزىسى داۋامىدا يۇقىرىدىكى 5 نۇقتىنىڭ پەقەتلا سىياسىي ئىسلاھات بىلەنلا ئوڭشىلىدىغانلىقىنى، قاچان خىتاي سىياسىي ئىسلاھات قىلمىغۇچە ۋە ياكى قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرىنى ئازراق يۇمشاتمىغۇچە خىتاي جەمئىيىتىدە ھەرگىزمۇ يېڭىلىق ياراتقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، خىتايدىكى سىياسىي تۈزۈمنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئالدىدىكى بىر توسۇق، دەپ كۆرسەتكەن.

داۋىد شامباۋ مۇلاھىزىسىدە، بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ھازىرقى قاتتىق قوللۇق قىلىش ئارقىلىق كېيىنكى ئىسلاھاتقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى، بىراق ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئۇ خىتايدا خۇ جىنتاۋ مەزگىلىدە بېرىلگەن قىسمەن ئەركىنلىكلەرنىڭ شى جىنپىڭ مەزگىلىدە پۈتۈنلەي قايتۇرۇۋېلىنغانلىقى ۋە ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك قاتتىقلاشتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇلاھىزىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا مۇنداق دېگەن:
بىز كومپارتىيىنىڭ قاچان يىقىلىدىغانلىقىنى ئېنىق پەرەز قىلالمايمىز. بىراق ئۇنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىگە شاھىتلىق قىلىۋاتقانلىقىمىز ئېنىق. خىتاي كومپارتىيىسى شىمالىي كورېيەدىن قالسىلا دۇنيادا ئەڭ ئۇزۇن ھاكىمىيەت تۇتقان پارتىيە ۋە ھېچبىر پارتىيە مەڭگۈ ھاكىمىيەت بېشىدا قالغان ئەمەس....