يېڭى ئەۋلاد خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ۋەكىلى شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشىدىن كېيىنكى خىتاينىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئەڭ مۇھىم ھېسابلىنىدىغان سىياسىي ئىسلاھات مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە خىتاي خەلقى يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان نۇقتىلاردۇر.
بو شىلەي ۋەقەسى ۋە ئارقىدىن شى جىنپىڭنىڭ ئۈچ ھوقۇقنى بىراقلا ئىگىلىشى چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلىرى ۋە ئۆكتىچى زىيالىيلىرى ئارىسىدا خىتاينىڭ كەلگۈسى سىياسىي ۋەزىيىتى،جۈملىدىن دېموكراتىيلىشىشى مەسىلىسى ھەققىدە تۈرلۈك بەس-مۇنازىرە، تەسەۋۋۇر ھەم تەخمىنلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولدى.
31-مارت ۋە 1-ئاپرېل كۈنلىرى شتابى ئامېرىكىغا جايلاشقان خىتاي سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆزىنىڭ 3-قۇرۇلتىيىنى ئاچقان ھەمدە باشقا دېموكراتىك پارتىيە ۋە گۇرۇپپىلار بىلەن دىئالوگ ۋە سۆھبەت پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى تونۇشتۇردى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.