كۆزەتكۈچىلەر: جوۋ يوڭكاڭنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى خىتاي ۋەزىيىتىگە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمەيدۇ
2014.12.09
مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنى خىتاي دۆلەتلىك ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى خىتاي مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باش سېكرېتارى جوۋ يوڭكاڭنىڭ قولغا ئېلىنىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كۆزەتكۈچىلەر بىردەك بۇنىڭ خىتاي دۆلەت تۈزۈلمىسىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ چىرىكلىككە قارشى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەرىكەت باشلاپ، بو شىلەيگە ئوخشاش جوۋ يوڭكاڭنىڭ سادىقلىرىنى بىر بىرلەپ تازىلاشقا باشلىغان بولۇپ، جوۋ بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئەڭ چوڭ بېلىق» ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي دېموكراتلار فېدېراتسىيەسىنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق رەئىسى شېن شۆ خانىم بۇنىڭ يېڭى مەسىلە ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سىياسىي كۈرەش ئەزەلدىن توختىغان ئەمەس. ئۇلار داۋاملىق بىرى بىرىنى سىياسىي كۈرەش ئارقىلىق ئورۇپ كەلگەن. لىيۇ شاۋچى، لىنبياۋ قاتارلىقلاردىن تارتىپ تا ھازىرغىچە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ئىچىدىكى ئەمەلدارلار ئۆزئارا كۈرەشتە بىر بىرىنى ئۆرۈپ كەلدى. شۇڭا جوۋ يوڭكاڭنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى ھېچقانچە بىر ھەيران قالارلىق، ياكى يېڭى ئىش ئەمەس.
ئۇ يەنە، جوۋ يوڭكاڭنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى خىتاي دۆلەت تۈزۈلمىسىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: مەن جوۋ يوڭكاڭنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى خىتاي دۆلەت تۈزۈلمىسىگە تەسىر كۆرسىتىشىگە گۇمان بىلەن قارايمەن. شى گەرچە چىرىكلىككە قارشى بىرنەچچە ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، بۇ پەقەت كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئىچىدىكى سىياسىي كۈرەش پايدا مەنپەئەت كۈرىشى. بۇ خۇددى بىر ئائىلىنىڭ ئىچىدىكى شەخسىي ئىشلاردەك ئۆز ئىچىدىلا تۈگەپ پۈتۈن جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. قاچان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن تۈزۈمى ۋە ۋە دۆلەت باشقۇرۇش يولى ئۆزگىرىپ دېموكراتىك تۇزۇم تىكلەنمىگەچكە بۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە شى جىنپىڭدەك بىر مۇستەبىت ھۆكۈمراننىڭ كوممۇنىستنىڭ يول خەرىتىسىنى تۈتىۋېلىپ، «قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرىمەن» دېيىشى كۈلكىلىك ئىش. چۈنكى ئۇلار قانۇنغا ئەمەس، پەقەت خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىگىلا ئەگىشىدۇ.
جوۋ يوڭكاڭنىڭ ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئارقا تېرىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئاتالمىش زوراۋانلىقنى باستۇرۇش سىياسىتىگە ئەڭ چوڭ مەبلەغ ئاجرىتىپ، قاتتىق قوللۇقنى داۋاملىق تەكىتلەپ كەلگەن خىتاي ئەمەلدارى ئىكەنلىكى مەلۇم.
خىتاي ئىچكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىم بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي دۆلەت ئەمەلدارلىرى «قاتتىق قول» دىن، «يۇمشاق قول» غا ئالماشسىمۇ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى تالان-تاراج قىلىش ۋە خىتاينىڭ مەنپەئىتىگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كېلىدۇ.»
ئۇ يەنە تارىختىن مىسال كەلتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدانماسلىقىنى تەكىتلىدى.
جوۋ يوڭكاڭ «كۆپ مىقداردا پارا يېگەن، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان» دېگەن سەۋەب بىلەن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ 14 مىليارد دوللارلىق بايلىقى مۇسادىرە قىلىنغان.