خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئوقۇغۇچىلارغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى» نى نارازىلىقتىن يۈز بەرگەن دېيىشى مۇنازىرە قوزغىدى

0:00 / 0:00

24-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ خېبىي ئۆلكىسىدە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 23 نەپەر ئوقۇغۇچى يارىلانغان. خىتاي دائىرىلىرى«بۇ ۋەقە 3 يىل ئەرز قىلغان بىر ئاتىنىڭ نارازىلىق سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ۋەقە» دەپ خەۋەر بەردى.

ئەمما خىتاي تورلىرىدا ۋەقە ئەيىبلىنىپ،«بۇ، قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى بولمىغان ئاجىزلارغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمى » دەپ تەرىپلەندى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرى بولسا، بۇ ۋەقەنى دائىرىلەر تەرىپىدىن «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ بېكىتىلگەن 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى ۋەقەسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوخشاش خاراكتېرلىك ۋەقەلەرگە ئوخشىمىغان ئۆلچەم قويۇپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىدىن يۈز بەرگەن بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق قالپىقى بىلەن باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان» لىقىنى ئەيىبلىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن خېبىيدا چىقىدىغان «جىڭخۇا ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 25-دېكابىردىكى سانىدا، خېبىي ئۆلكىسى فېڭنىڭ مانجۇ ئاپتونوم ناھىيىسىدە 24-دېكابىر يۈز بەرگەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاپتوموبىل بىلەن سوقۇلۇش ۋەقەسى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بېرىلىپ، ۋەقەدە 23 ئوقۇغۇچىنىڭ يارىلانغانلىقى، ئېغىر يارىلانغان 13 ئوقۇغۇچىنىڭ نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ،«ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ۋە جىنايەت گۇماندارىنىڭ 3 يىل ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن قىزى ئۈچۈن قىلغان ئەرزى قوبۇل قىلىنمىغاچقا، ئاپتوموبىل بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، جەمئىيەتكە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى » تەكىتلەندى.

ئىككى كۈندىن بۇيان خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىن سىننا تورى، ۋېچات، تېڭشۈن قاتارلىقلاردا ۋەقە ھەققىدە بېرىلگەن ئىنكاسلار كۆپەيدى. بەزى تورداشلار ئاپتوموبىل بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ «ناھەق ئۆلۈپ كەتكەن قىزى ئۈچۈن بولغان قايغۇسىغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەپ،«ئۇنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى، بۇ ئىشقا ھېچقانداق مۇناسىۋىتى، چېتىشلىقى بولمىغان ھەمدە قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى بولمىغان ئاجىزلار توپىغا ھۇجۇم قىلىش يولى بىلەن ئىپادىلىشى نامەرتلىك، تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ تەرىپلىگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن كانادادىكى ئۆمەرجان ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېقىندىن بۇيان خىتايدا ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بېرىدىغان بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، خېبىيدا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ۋە بۇندىن ئىلگىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاش سەۋەبتىن يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى دائىرىلەرنىڭ «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ بېكىتىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن ئىككى بىسلىق ئۆلچەم قويۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئۆمەرجان ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئاڭلايسىلەر.