ياپونىيە گېزىتى: خىتاي، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا كۆۋرۈك بولۇشى مۇمكىن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014-03-26
Share
yaponiye-geziti-asahi.JPG ياپونىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتى «ئاساھى شىمبۇن» غا بېسىلغان «خىتاي ئۆزىنىڭ چوڭ دۆلەتچىلىك دىپلوماتىيىسىگە ئىشىنىدۇ» ناملىق ماقالىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان. 2014-يىلى 25-مارت.
RFA/Qutluq

ياپونىيەدە چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان «ئاساھى شىمبۇن» نىڭ 25-مارتتىكى سانىغا «خىتاي ئۆزىنىڭ چوڭ دۆلەتچىلىك دىپلوماتىيىسىگە ئىشىنىدۇ»، «ئامېرىكىنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ يېتەكچىلىك قىلىشى تۆۋەنلىمەكتە»، «ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا خىتاي كۆۋرۈك بولۇشى مۇمكىن» ناملىق بىر يۈرۈش چاتما سىياسىي ئانالىز ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە ئاساسلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە بولغان قارىشى، ئامېرىكا باشلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى، خىتاينىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ چوڭ دۆلەتچىلىك دىپلوماتىيىسىگە تايىنىپ تۇرۇپ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا قىرىم مەسىلىسىدە كۆۋرۈكلۈك ئويناش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا توختالغان.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ياردىمىگە موھتاج بولغانلىقىدىن، بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن 24-مارت دەنھاگغا يېتىپ كېلىپلا ئالدى بىلەن 50 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلىۋاتقان 3-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقان.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، خىتاي ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئوتتۇرا يول دىپلوماتىيىسىنى تاللىۋېلىپ ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سىياسىي مەيدانىنى قوللىمىغان ۋە شۇنداقلا بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۆزىگە ئەگىشىشىنى تەلەپ قىلسىمۇ، ئەمما خىتاي ئامېرىكىغا يېقىنلاشمىغان.

مەزكۇر سىياسىي ئانالىز ماقالىسىدە ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى مەسىلىلەردىكى باشلامچىلىق رولىنىڭ تازا يېتەرلىك بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، بەزى دۆلەتلەر ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا تازا ئەگىشىپ كېتىشنى خالىمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە بۇ قېتىمقى دەنھاگدا ئېچىلغان يىغىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئاساسلىق دىپلوماتىيىسى ۋە مۇھىم ئۇچرىشىشلىرىنىڭ مەقسىتى بولسا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئورتاق ھەمكارلىشىش پرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش بولسىمۇ، ئەمما ئوبامانىڭ بۇ دىپلوماتىيىسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاللىقاچان زەخىملەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە ئامېرىكا ئالىي پالاتا ئەزاسى جون ماكىننىڭ سۆزىدىنمۇ نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، جون ماكىننىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى بەش يىل ئىچىدىكى كۈچى ئاجىزلاشقان. سەۋەبى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى جەڭ مەيدانلىرىدىن ئايرىلغان. دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئاجرىتىلغان مەبلەغ كىمەيتىلگەن. نەتىجىدە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە پۇتىن باراك ئوبامانىڭ پىكرىنى ھېچقانداق نەزەرگە ئېلىپ كەتمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى نۇتقىدا ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەپ رۇسىيەگە ھېچقانداق ھەربىي ھەرىكەت قوللانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، ئەگەر ئوباما ئەسكىرىي كۈچ قوللىنىش توغرىسىدا پۇتىنغا بېشارەت بەرگەن بولسا، بەلكىم بۇ قېتىمقى ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىنچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە ئوبامانىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە كەتكۈزۈپ قويۇۋاتقانلىقى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولماستىن، بەلكى ئۇ ئۆتكەن يىلى يازدىمۇ سۈرىيە مەسىلىسىدە ھازىرقىدەك پوزىتسىيە تۇتقانلىقىدىن، ئەسەت ھۆكۈمىتى ئىشلەتكەن خىمىيىۋى قوراللاردا كۆپلىگەن خەلقلەر ئۆلگەن بولسىمۇ، ئوباما بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق ھەربىي ھەرىكەت قوللانمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە ئامېرىكا ئەسلىدىكى سىياسىتى بويىچە سۈرىيەدىكى خىمىيىۋى قوراللار ئىشلىتىلگەن رايونلارغا ھاۋادىن بومبا تاشلاشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوباما خەلق رايىدىن ئەنسىرەپ، بۇ مەسىلىنى پارلامېنتقا سۆرەپ كىرگەنلىكىنى ۋە تىنچلىقپەرۋەر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ئاقىۋەتتە بۇ قارارنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە «سۈرىيە مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئۆز ‏- ئارا كېلىشىپ، مەسىلىنى دىپلوماتىك تىنچ يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشنى شۇنداقلا ئەسەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان تىنچلىق كېلىشىمىگە ئەسەت ھاكىمىيىتى رىئايە قىلىشنى رەت قىلدى. بۇ دېگەنلىك رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە سۈرىيەنى قوللىدى» دېيىلگەن.

ماقالىدە ئوبامانىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىگىمۇ باھا بېرىلىپ، ئۇنىڭدا ئوباما باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ۋاقتى بۇ يىل 4-ئايغىچە بولسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن يىلى كۈزدىن باشلاپ بۇ كېلىشىم توختىلىپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە ئوبامانىڭ، رۇسىيە قىرىم ئارىلىنى قولىغا ئالسىمۇ، يەنىلا باشقا جەھەتلەردە ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ماقالىدە پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئوباماغا قىلچە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنى جازالىشى رۇسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ جەھەتلەردە ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشىغا سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە رۇسىيە، ئوبامانىڭ يادرو بىخەتەرلىكى، سۈرىيە مەسىلىسى قاتارلىق خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى پەقەتلا قوللىمايدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئوباما ھازىرقى ۋاقىتتا خىتايغا يېقىن تۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ماقالىدە پۇتىن قىرىم مەسىلىسىدە دائىم خىتاي دۆلىتىگە ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، خىتاي ياۋروپا بىرلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنى جازالىشىنى قوللىمىغانلىقىنى شۇڭا رۇسىيە ھازىرقى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى خىتايغا كۆپلەپ ئېكسپورت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە يەنە، خىتاينىڭ ئۆزىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن رۇسىيەنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللىمىغانلىقىنى، بۇ دېگەنلىك خىتاي دۆلىتى ھەر زامان چەتئەل قوشۇنلىرىنىڭ خىتاي زېمىنىغا كىرىپ خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئەمما ياپونىيەدىكى خىتاي دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى تاكۇيا خىتاينىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىق دىپلوماتىيەسى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى يوشۇرۇپ قىلىشىنىڭ تەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
-خىتاي دۆلىتى ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق پرىنسىپىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى كۈنىدىن-كۈنگە ئەۋج ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرىنى قوراللىق باستۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. ئەمما، خىتايدىكى مىللىي مەسىلە ئاقىۋەتتە چەتئەل قوشۇنلىرىنىڭ خىتاي تۇپراقلىرىغا كىرىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ھەل بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

ماقالىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئەمەلىيىتىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇكرائىنا يەنى قىرىم مەسىلىسىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت