ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى: دۇنيانىڭ كۆزى ئابې بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سۆھبىتىگە تىكىلدى

0:00 / 0:00

6-سېنتەبىر ياپونىيەدىن چىقىدىغان ئىنگلىز تىلىدىكى «جاپان تايمېس» گېزىتى «دۇنيانىڭ كۆزى ئابې بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سۆھبىتىگە تىكىلدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ ياپون-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى بەزى بىر ئىلگىرىلەشلەر توغرىسىدا توختالدى.

ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ 5-سېنتەبىر كۈنىدىكى كەچلىك خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى كەچتە خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان تەرەققىي تاپقان 20 دۆلەت يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىڭپىڭ بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئارال ماجىراسى،جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرى ۋە شۇنداقلا شەرقىي دېڭىز مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

5-سېنتەبىر ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خاڭجۇدىن نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋىرىدە، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې شۇ كۈنى كەچتە شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئىككى دۆلەت سۆھبىتىدە ئۆزىنىڭ ئاساسلىقى سېنكاكۇ، جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز ھاۋا بوشلۇقى مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ مەسىلىلەرگە نىسبەتەن شى جىنپىڭنىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولغانلىقىنى بىلدۈرمىدى.

شىنزو ئابې مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا شى جىنپىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ توختالغان ۋە ياكى توختالمىغانلىقىنى پەقەتلا تىلغا ئالمىدى.

شىنزو ئابې خىتايدىكى تەرەققىي تاپقان يىگىرمە دۆلەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سەپەرگە چىقىش ئالدىدا، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خەت يوللاپ، بۇ قېتىمقى ئىككى دۆلەت ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنىشىنى كۈتكەن ئىدى.

ياپونىيەدىن چىقىدىغان ياپون تىلىدىكى «خىتايغا نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى مېڭ شا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «مېنىڭچە، شىنزو ئابې ئىككى دۆلەت سۆھبىتىدە ئۇيغۇر، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى پەقەتلا تىلغا ئالمىدى. سەۋەبى تەرەققىي تاپقان يىگىرمە دۆلەت يىغىنى ئېچىلىۋاتقان پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدا ۋەقە چىقىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ رايونلاردا باستۇرۇشنى كۈچەيتتى» دېدى.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم شىنزو ئابېنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ مەيۈسلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدىن «شوكان شۇ چۇ» ژۇرنىلىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 15-ئاۋغۇستقىچە 200 دىن 300 گىچە خىتاي بېلىقچى كېمىلىرى ۋە 15 دېڭىز چارلىغۇچى قوغداش پاراخوتلىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىكى سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىغا 28 قېتىم قانۇنسىز كىرگەن. بەش كۈن ئىچىدە 72 پاراخوت قانۇنسىز ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. بۇ خىل ھادىسىلەرگە نىسبەتەن ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 30 قېتىم خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە مەزكۇر رايوندىكى دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ زور بىر قىسمىنى ئۆزىگە تەۋە دەپ ئېلان قىلىپ، مەزكۇر دېڭىزدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىۋېتىپ ۋىيېتنام، فىلىپپىن، ھىندونېزىيە،برونې قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، جەنۇبىي دېڭىز رايون ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى. فىلىپپىننىڭ ئەرز قىلىشى بىلەن بۇ يىل 12-ئىيۇل گوللاندىيە خەلقئارا سوتى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللاردا تارىخىي ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئىسپاتلارنىڭ يوقلۇقىنى ۋە خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ھەرىكىتىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى 2013-يىلىنىڭ ئاخىرى شەرقىي دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىدا مۇداپىئە كىملىك رايونى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا شەرقىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلارنى ئۆز ھاۋا مۇداپىئە تەۋەلىكىگە كىرگۈزۈپ، بۇ رايونلارغا كىرگەن چەتئەل ئايروپىلانلىرىنىڭ خىتايغا ئالدىن مەلۇمات بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شىنزو ئابې مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلاشقان ھالدا ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە كۆپلەپ ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىنزو ئابې بۇ قېتىمقى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە يەنە، شىمالىي كورېيە دائىرىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى توغرىسىدىمۇ سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئېيتقان.

ياپونىيەدىن چىقىدىغان ئىنگلىز تىلىدىكى «جاپان تايمېس» گېزىتىنىڭ 6-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە، شىنزو ئابې بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سۆھبىتى پەقەتلا 30 مىنۇت داۋام قىلغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ سۆھبەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە سېنكاكۇ ئارىلى، جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسىنىڭ كۆپ ۋاقىت ئېلىپ كەتمەسلىكىنى ئالاھىدە تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ياپون-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ 2014-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېلىپ بارغان مۇۋەپپەقىيەتلىك سۆھبەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

«يومىئۇرى شىمبۇن» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنىڭ تېزرەك ھەل بولۇشى ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە كېلىشكەن.

«ئاساھى شىمبۇن» گېزىتىدە بولسا، خىتاي تەرەپ كېمىلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىغا ئۈزلۈكسىز يېقىنلاپ كېلىپ، ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرىشى مەسىلىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بولسا ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە ئەلۋەتتە نۆۋەتتىكى ياپونىيە تەرەپ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئالدى بىلەن تىلغا ئېلىنىشىنىڭ تەبىئىي ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، بىراق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن بۇنىڭغا تېخى دىپلوماتىك شارائىتلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.