ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنىلا مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدىكەن
2024.06.11

خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ قالغان بىر ۋەزىيەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى خىتايغا بېرىپ، چۇڭچىڭ شەھىرىدە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن تىبەتنى زىيارەت قىلىدىكەن.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى گېزىتى» 7-ئىيۇن بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۆمەكنىڭ تىبەتكە زىيارەتكە بېرىشىنى خىتاي تەرەپ ئورۇنلاشتۇرغان. تىبەتكە بېرىپ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرمەكچى بولغان بۇ ئۆمەك، خىتاي تەرەپكە ئۆزلىرى كۆرمەكچى بولغان بىر قىسىم تۈرمىلەرنىڭ ئىسمىنى بەرگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆمىكى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى كوۋىد ۋىرۇسى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 3 يىلدەك توختاپ قالغان. بۇ ئارىلىقتا ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى، مەسىلەن، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپكە مەجبۇرىي ئاپىرىۋېتىش، ئۇيغۇر پۇقرالىرىدىن DNA ئۆرنەكلىرىنى ئېلىش، مەجبۇرىي ئاھالە كۆچۈرۈش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ كەلگەن بولسا، خىتاي تەرەپ بۇلارنى ئىنكار قىلىش بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى كۆچمەنلەر ئۇچراۋاتقان يەكلەش ۋە مىللىي كەمسىتىش مەسىلىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دەپ كۆتۈرۈپ چىققان.
بۇ قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆمىكى يەنىلا ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىدىكى، شۇنداقلا خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى يىللاردىن بېرى مۇستەقىل خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكى، چەت ئەل مۇخبىرلىرى ۋە دىپلوماتلارنىڭ ھېچ چەكلىمىگە ئۇچرىماستىن ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىغا بېرىشىنى چاقىرىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قۇلاق سالماي كەلگەنىدى، خىتاينىڭ بۇ قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆمىكىنىڭ تىبەتكە بېرىشىغا يول قويۇشى نۆۋەتتە دىققەت قوزغاۋاتقان بىر نۇقتا بولۇپ قالغان.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ سابىق دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم (Sophie Richardson) ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆمىكىنىڭ تىبەتنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۆمەكنىڭ تىبەت رايونىدا كونكرېت نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغاندا، قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىنغانىدى ھەم شۇ سەۋەبلىك تەنقىدكە ئۇچرىغانىدى. شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆمىكىنىڭ تىبەت رايونىغا بېرىپ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قايسى نۇقتىدىن كۆزىتىدىغانلىقىغا يەنە قاراپ قاراپ بېقىش كېرەك. ھازىرچە ياۋروپا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگىنىڭ كۈنتەرتىپى تېخى ئېنىق ئەمەس، بەلكىم ئۇلار خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان باستۇرۇشىنى مۇزاكىرە قىلىشى مۇمكىن. ئەمما مەن بۇ زىيارەتنىڭ بۇ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلىيالىشىغا ئىشەنمەيمەن».
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىملىرىدىن لۇيىسا گرېۋ (Louisa Greve) خانىم بۇ قېتىم خىتاينىڭ بۇ ئۆمەكنى نېمىشقا ئۇيغۇر رايونىغا بېرىشىنى ئورۇنلاشتۇرمىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شۇنى بىلىش كېرەككى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى چەت ئەلدىن شەرقىي تۈركىستانغا بارغانلارنىڭ مەخسۇس ساياھەت كەنتلىرىگە بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ياكى تىبەت ھۆكۈمىتى بولسۇن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بولسۇن، ئۇلار بۇ ئىشلارنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ. يەنە كېلىپ، بۇنداق زىيارەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. چەت ئەللىكلەر خىتايغا بارسا ئاساسەن سودا ھەققىدە سۆھبەتلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ زادى نېمە دېگەنلىكىنى خىتاي كۈندىلىك گېزىتى دېگەندەك دۆلەت مەتبۇئاتلىرىدىن بىلمەك ناھايىتى تەس».
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2023-يىل بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭدىكى تەكلىپلەرنى ئىجرا قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلىگەن. ھازىرغىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقان جازا ۋە چەكلىمىلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى چوڭ شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇنىڭغا شارائىت ھازىرلاشقا شېرىك بولۇشنى توسۇش ھەققىدە قاتتىق بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان؛ ئەگەر شىركەتلەر مال تەمىنلىگۈچى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى تەكشۈرەلمىگەن تەقدىردە، ئۇيغۇر رايونىدىن ئايرىلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە ئىككىنچى تۈرلۈك «مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى» تۈزۈشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنغان تەقدىردە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش زۆرۈر بولىدىكەن-دە، دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدا ئىشلەنگەن مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ماللار ياۋروپا بازىرىغا كىرەلمەيدىكەن.
سوفى رىچاردسون خانىم بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگىنىڭ ئۆزىلا مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، بەلكى خىتايغا قارىتا قاتتىق تەدبىر ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى گەرچە كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگىنىڭ ئۆزىلا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە سۆزلىشىش پۇرسىتى تەستە قولغا كېلىدۇ دەپ قارىغاچقا، بۇنداق دىيالوگلارنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مېنىڭچە، بۇ خىل دىپلوماتىيە ۋاسىتىلىرى تەخمىنەن ئون يىلنىڭ ئالدىدىلا كارغا كەلمەس بولدى، ھەتتا ئۇنىڭدا مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. چۈنكى ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلارنى قىلىشىغا، مەسىلەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ئۆتكۈزۈشكە قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى تەكشۈرۈشىگە توسقۇن بولدى».
لۇيىسا خانىم بۇ قېتىم خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگىنىڭ نەتىجىسىگە قىزىقىدىغانلىقىنى، ئەمما ئاساسلىقى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدىن كېيىنكى نەتىجىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ قېتىم تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلغاندا دېگەن تارىخقا مۇناسىۋەتلىك بەزى گەپلەرنىڭ نەتىجىسىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىمەن. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىنى قەدىمىي تۈرك دىيارى، تۈركىيە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز باشقا باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ دېگەندەك سۆزلەرنى قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى» دەپ كەلدى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن ئۇلار بۇنىڭ تارىخىي ھەقىقەت ئەمەسلىكنى بىلىدۇ. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زىيارىتىنى تاماملاپ قايتقاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن نەقەدەر يېقىن مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىدىغان بۇ ئۆمەكمۇ ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزىنى خىتاي تاراتقۇلىرىغا تاپشۇرۇشقا مەجبۇر؛ ئاندىن خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇلارنىڭ مەقسەتلىرىنى بۇرمىلايدۇ، زىيارەتلىرىنى كونترول قىلىدۇ».
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى گېزىتى» ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «كىشىلىك ھوقۇق ياۋروپا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئەڭ ئۆتكۈر مەسىلە ئىدى. ھالبۇكى، رۇسىيە 2022-يىل ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ گېئو-سىياسىي ھەمكارلىقى كىشىلەر ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغان ۋە مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى».
بۇ خەۋەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا-ئىقتىساد مەسىلىسىدە خىتايغا يول قويغىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن بولۇپ، كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سودا جەھەتتە چەكلىمە قوللىنىپ، خىتاي ئىشلەپچىقارغان توكلۇق ئاپتوموبىللاردىن ئىمپورت بېجى ئېلىشنى باشلايدىكەن.