مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۇچۇر ئالاقىسىدا خىتاي يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلدى

0:00 / 0:00

چەتئەللەردىكى ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۈندىدار يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئالاقىلاشقۇچىلاردىن تەخمىنەن 100 مىليون كىشىنىڭ تېلېفون ۋە كومپيۇتېر ئۇچۇرلىرىنىڭ خىتاي تور ساقچىلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىشىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى خىتايدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تېلېفون ۋە كومپىيوتېرلىرىدىكى شەخسى ئۇچۇرلىرى ھەر ۋاقىت خىتاي تور ساقچىلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەن. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىدە ئۈندىدار قاتارلىق خىتاي يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىتىش بىر قەدەر ئومۇملاشقانلىقى مەلۇم. ئۇچۇر-ئالاقىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن خىتايدا ئىشلەنگەن تېلېفون، كومپيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتاللار كۆپلىگەن غەرب ئەللىرى ھۆكۈمەت ۋە شىركەتلىرىدە چەكلەنمەكتە. چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ئالاقە-ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، خىتايدا ئىشلەنگەن ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرى ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئىشلەتمەسلىك قارارىنى ئالغان. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان ئەپەندى ۋە خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەجرىبە ۋە تەۋسىيىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئۈمىد ئاۋازى خەلقئارا رادىئو تورىنىڭ 6-ئۆكتەبىردىكى سانىدا «ۋىچات ئالاقە ۋاسىتىسىنى ئىشلىتىدىغانلاردىن 100 مىليون كىشى خىتاي ئىنتېرنېت ساقچىلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا» سەرلەۋھىلىك ماقالە بېرىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى خىتاي پۇقرالىرىنى، بولۇپمۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سەزگۈر دەپ قارالغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ خىل يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتمەسلىكى تەۋسىيە قىلىنغان.

نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىدە، بۇ خىل يۇمشاق دېتال يەنى ۋىچات ئېپىنى قوللىنىدىغان بولۇپ، ئۈندىدار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ئۈندىدار» نامى بىلەن ئومۇملاشقان. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، مائارىپ ۋە ھەمكارلىق ئۇيۇشمىسى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ئالدىنقى يىللاردا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تەشكىلات ئىچىدە ۋەزىپە ئالغان ئۇيغۇرلارنى ۋىچات ئىشلەتمەسلىككە تەۋسىيە قىلغانلىقى ۋە كومپيۇتېر بىخەتەرلىكى بىلىملىرى بويىچە ئۆز خادىملىرىنى تەربىيىلىگەنلىكى مەلۇم.

بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن ئەپەندىلەر ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەنگلىيەدىكى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى خىتايدىكى ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئۇچۇر ئالاقىلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ بىرقىسىم تەتقىقات ماقالىلىرىنىمۇ ئېلان قىلغان. ئۇ، ۋىچات يەنى ئۈندىدار يۇمشاق دېتالى ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۈندىدار ھەققىدىكى مەلۇماتلار ۋە 2013-يىل ئاخىرى ئېلان قىلىنغان ستاتىستىكىدىن نەقىل ئېلىپ، بۇ خىل تېلېفون ئالاقىسى يۇمشاق دېتالىنىڭ ئەڭ دەسلەپ كانادادا Kik Messenger پروگراممىسى نامىدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى، 2012-يىلى خىتايدىكى تىسېنت (Tencent 腾讯) شىركىتى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلۈپ، شۇ ئاساستا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ۋىچات يەنى ئۈندىدار ئېپىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەقىللىق تېلېفون ئارقىلىق قوللىنىلىش ئادەم سانىنىڭ 600 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، خىتاي دۆلىتىدىكى قوللانغۇچىلارنىڭ سانى 500 مىليون ئاشقانلىقىنى ۋە 2015 يىلغا كەلگەندە بۇ ساننىڭ 800 مىليونغا يەتكەنلىكى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتىكى ئۇچۇر دەۋرىدە ھەرقانداق بىر دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئالاقىلىرىگە قاراتقان نازارەتنى كۈچەيتكەنلىكىنى بۇ سەۋەبتىن، كىشىلەرنىڭ شەخسى ئۇچۇرىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى ئەڭ ياخشىسى ۋىچات يەنى ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا قويماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

شىۋېتسىيەدىكى مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن ئەپەندى بولسا، ئۆزى ۋە تەشكىلاتتا ۋەزىپە ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۈندىدارغا ئوخشاش خىتايدا ئىشلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى ۋە خىتايدا ئىشلەنگەن تېلېفون، كومپىيوتېرلارنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەخمەتجان تۇرسۇن ئەپەندى يەنە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئامال بار خىتايدا ئىشلەنگەن ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن يىراق تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلدى.