ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلارنىڭ ئۆز يۇرتىغا كېتىشى نېمىشقا توسۇپ قېلىندى؟

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2022.11.14
shinjangdin-chiqish-kenishkisi-1 بۆرتالا ئوبلاستىنىڭ ئېلىكترونلۇق «شىنجاڭدىن ئايرىلىش كېنىشكىسى» ھەققىدىكى بەلگىلىمىلىرى. سوخۇ تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك سىن كۆرۈنۈشى، 2022-يىلى ئۆكتەبىر.
RFA

كوۋىد يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، خىتاي ئىزچىل يوسۇندا «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، يۇقۇم پەيدا بولغاندىن بۇيانقى ئۈچ يىلدا، خىتايدىكى يۇقۇم ئەھۋالى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاپ ماڭدى. مانا ئەمدى چەكتىن ئاشقان قامال سىياسەتلىرى كىشىلەرنى جىسمانىي، روھىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر ھالسىراتتى. كىشىلەر ئاستا - ئاستا بۇ خىل قاتتىق قامال سىياسەتلىرىگە بولغان بىزارلىقىنى ھەر خىل ئۇسۇلدا ئىپادىلەشكە باشلىدى. قامال كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈرلۈك پاجىئەلەرمۇ خىتاينىڭ تىك-توك، ئۈندىدار قاتارلىق ئاممىۋىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقىلىپ، خەلقئارادا تۈرلۈك قىياس ۋە مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولدى. ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقالغان ئۇچۇرلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك دىققەت قوزغىغىنى «شىنجاڭدىن ئايرىلىش كېنىشكىسى»گە دائىر ۋەقەلەر ئىدى.  

خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ قامىلىپ قېلىشى ۋە «شىنجاڭدىن ئايرىلىش كېنىشكىسى»نىڭ يولغا قويۇلۇشى

ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆكتەبىردىن بۇيان، «شىنجاڭدىن ئايرىلىش ئېلېكترونلۇق كېنىشكىسى» يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىللىك قامال جەريانىدا، بۇ كىنىشكا «قاراڭغۇ بازار»دىكى قىممەت باھالىق «مال»غا ئايلانغان. يەنى ئېغىر كېسەلگە گىرىپدار بولغان دادىسىنى ئېلىپ، خىتاي ئۆلكىسىگە داۋالاشقا ئېلىپ بارماقچى بولغان بىر خىتاي قىز، مەلۇم بىر تونۇشىغا «شىنجاڭدىن ئايرىلىش كېنىشكىسى» بېجىرىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلغان. ئەمما بۇ كىشى قىزغا نورمال باھاسى 8000 يۈەن بولغان بۇ كىنىشكىنى 3000 يۈەنگىلا بېجىرىپ بېرىدىغانلىقى، ئەمما قىزچاق ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزىگە تۆت قېتىم ھەمراھ بولۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. مەزكۈر ۋەقە خىتاي ئۇچۇر ۋاستىسىدا تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، خىتاي ئىچىدە كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان. مەزكۈر ۋەقە ھەققىدىكى ئىنكاسلاردا، ئۇيغۇر دىيارىدىن كېتىشكە تەشنا بولغان خىتايلار مەزكۈر «شىنجاڭدىن ئايرىلىش كېنىشكىسى»نى «ھۆرلۈك كېنىشكىسى» دەپ تەرىپلىگەن.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىنىشكا تۈزۈمىنى يۇقۇم مەزگىلىردە يۇرتلىرىغا قايتالمىغان كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن بىخەتەر ۋە تەرتىپلىك ئايرىلىشى ئۈچۈن يولغا قويغانلىقىنى تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما توردىلا بىېجىرگىلى بولىدىغان مەزكۇر «كىنىشكا» يەنىلا قاراڭغۇ بازار سودىسىغا ئايلىنىپ قالغان. يەنە كېلىپ بۇ كىنىشكىنىڭ باھاسىمۇ 2 مىڭ يۈەندىن 8 مىڭ يۈەنگىچە باھادا توپ ۋە پارچە سېتىلىشقا باشلىغان. ھەتتا بۇ كىنىشكا بەزى كىشىلەرنىڭ پۇل تېپىشلا ئەمەس، بەلكى ھاۋايى - ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ۋاستىسىغا ئايلانغان.

بىزگە مەلۇم، بۇ يىل يازدا قامال سىياسىتى خىتايدا بىر مەزگىل بوشىغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىغا ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەر قامال سىياسىتى سەۋەبلىك يۇرتلىرىغا قايتالمىغان. ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يۇرتلىرىغا قايتالمىغان ساياھەتچىلەرنى «خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش» ئۈچۈن كارخانىلار بىلەن ئالاقە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. «شىنجاڭدىن ئايرىلىش ئېلكترونلۇق كېنىشكىسى»نىڭ يولغا قويۇلۇشىمۇ دەل ئۆكتەبىر ئايلىرىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ئىككى ئىشنىڭ بىر بىرىگە ماس ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىشى تاسادىپىيلىق بولماسلىقى مۇمكىن، ئەلۋەتتە.

 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات رايونىنىڭ رايون باشلىقى تۇرۇپ قالغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى جاكارلىغان سىن كۆرۈنۈشى، 2022-يىلى ئۆكتەبىر.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات رايونىنىڭ رايون باشلىقى تۇرۇپ قالغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى جاكارلىغان سىن كۆرۈنۈشى، 2022-يىلى ئۆكتەبىر.
RFA

دەرۋەقە، بۇ يىل 22-ئىيۇلدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى دولقۇنچە چىققانلىقى، ئايدا 20 نەچچە مىليۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئەمما ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتمەيلا، يۇقۇم باھانىسى بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ «شىنجاڭدا قامىلىپ قالغانلىقى» يۈز بەردى. ئارقىدىنلا يۇرتلىرىغا قايتالمىغان ساياھەتچىلەرنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ئېلان قىلىندى. ھەيران قالارلىقى شۇكى، «ئۇيغۇر ئېلىدا قېلىپ، خىزمەت قىلسا بولىدىغان، يۇرتىغا قايتىپ كەتسە بولمايدىغان» بۇ خىل زىددىيەتلىك سىياسەتگە ئەگىشىپلا پەيدا بولغان «شىنجاڭدىن ئايرىلىش كېنىشكىسى» ۋەقەسى ئىدى. گەرچە بۇ ئىككى ۋەقەنىڭ بىر بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى دەلىللەش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئارىسىدا سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بارلىقى مۇقەررەر ئىدى.

خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىشىنى چەكلەشتىكى سەۋەبلەر

«بۈيۈك ئېرا» (Epoc Times) تورىنىڭ 7-نويابىردىكى بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر دىيارىغا ئىشلەمچىلىككە كەلگەن نۇرغۇنلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن كېتىش ئۈچۈن پىيادە يولغا چىققانلىقى خەۋەر قىلىنغان. پىيادە يولغا چىققان خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ «بۈيۈك ئېرا» تورىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئاساسەن ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىكى يۇقۇم سىياسىتى سەۋەبلىك تىجارىتىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدا پۇل تېپىش ۋە ياشاش تەسكە توختىغانلىقى ئۈچۈن كەتمەكچى بولغان.

9-نويابىر «جوڭشىن» تورىدا ئۇيغۇر ئېلىدا نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپى تەدرىجى ئەسلىگە كەلتۈرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا مۇرەككەپ ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە يەنە  مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر جايلاردىكى كىشىلەرنى دەرىجە، رايون، تۈر ۋە ۋاقىت بويىچە باشقۇرۇش پرىنسپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۇمانلىق كىشىلەرنى ئىنچىكىلەپ تېزگىنلەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ھەر ۋاقىت تەڭشەپ تۇرۇش ھەمدە يۇقۇمسىز رايون بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى يېزىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلماقچى بولغانلارنىڭ مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىش تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇم مەزگىلىدە يۇرتلىرىغا قايتالمىغانلارنىڭ كېتىش ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرۇش ھەققىدە ھېچنىمە دېيىلمىگەن.

يوقۇرىقى خەۋەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇم ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار قاتتىق قامال تەدبىرلىرىنىڭ بوشىشىدىن ئەسلا بەلگە يوق. دېمەك، ئۇيغۇر ئېلىدا چەكتىن ئاشقان قامال تەدبىرلىرى، كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشى ۋە ھاياتىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلگەن. بۇ خىل قاتتىق قامال سىياسەتلىرى داۋامىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئاچارچىلىق، ئۆلۈم - يېتىم، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەر كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان.

تۋىتتېردا «مەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىمەن» ناملىق پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىۋاتقان تۋىت  يوللىغۇچى ليۇ جىنشىڭمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئايرىپ كۆزىتىش ئورۇنلىرىنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان پاھىشىخانىغا ئايلانغانلىقى ھەققىدىكى بىر قانچە ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا قامال جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك روھىي بېسىم، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، ئاچلىق قاتارلىق سەۋەبلەردىن روھىي كېسەل بولۇش، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارمۇ ئۈندىدار ۋە تىك-توكلاردا تارقىلىپ تۇرماقتا.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىجرا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھايات - ماماتلىق تەھدىتىدە قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆكتە قوپماسلىقىغا ھېچكىم ھۆددە قىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە! ئېنىقكى، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭدىن ئەنسىزلىك ھېس قىلىشى ئېنىق. چۈنكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى تاشلاپ كېتىپ قالغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن يۈرگۈزىۋاتقان تۈرلۈك سىياسەتلىرى چوڭ توسالغۇغا دۇچ كېلىدىغانلىقى مۇقەررەر. خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلىشىغا «چەك قويۇش» مەسىلىسىنىڭ كەينىدە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش غەرىزى يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن.

***

بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.