«خىتايچە ئالاھىدىلىك» كە ئورالغان خىتايدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قىسمەتلىرى
2024.05.20
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 16-مايدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، 26-نۆۋەتلىك ئىككى قىرغاق (تەيۋەن ۋە خىتاي) سودا-ئالاقە ھەمكارلىق يىغىنى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرىدە ئېچىلغان. مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە بىڭتۈەندىن بولۇپ نۇرغۇن چوڭ ۋە كىچىك كارخانىلار قاتناشقان. مېۋە-چېۋە، گۆش، سۇ مەھسۇلاتلىرى ۋە ئالاھىدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە ئورنىغا قويۇلغان.
ئەگەر ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۆزلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىۋېتىلمەي، مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە پايدا ئېلىش قاتارلىق پۈتكۈل جەريانىغا ئۆزى مەسئۇل بولغان بولسا ئىدى، يۇقىرىقىدەك يىغىنلار ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بېيىش يولىنى ئاچقان بولاتتى. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بۇ خىل «ياخشى ئىش» لار بىلەن ئەمەلىيەتتە بىر تىيىنلىق ئالاقىسى يوق!
بىز ئاۋۋالقى كۆپلىگەن ئانالىزلىرىمىزدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ ئاساسەن خىتاي تەرىپىدىن پىلانلىق شەكىلدە تارتىۋېلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنىدۇق. شۇنداقلا بۇ ئەھۋالنىڭ بىڭتۈەننى جەنۇبقا كېڭەيتىش نامىدا تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقانلىقىنىمۇ ئىزچىل سۆزلەپ كەلدۇق. ئۇيغۇر ئېلى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكىسىدە ئۆتكەن 1949-يىلىدىن بۇيان، ھەر خىل نامدىكى «كوپىراتىپ» لارنىڭ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكىدەك يوقىتىلماسلىقى بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر.
تېخى يېقىندىلا «تەڭرىتاغ تورى» دا 2024-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە 500 دانە كەنت دەرىجىلىك تەمىنلەش ۋە سېتىش كوپىراتىپىى قۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى. دەرۋەقە، كوپىراتىپىلىشىش ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىش، ياللانما دېھقان قىلىپ ئىشلىتىش ۋە ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى كوپىراتىپلار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئاللىبۇرۇن سىستېمىلىشىپ بولغان. كوپىراتىپلاشقان ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىنى خىتايلار تارتىۋالغان ياكى تارتىۋالمىغانلار بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىقتىن بېيىپ كېتىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرگە خالىغان مەھسۇلاتلارنى تېرىش ھەققى يوق. تېخىمۇ ئېچىنارلىقى، ئۇلار تېرىپ ئۆستۈرگەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزى باھا بېكىتىپ سېتىش ۋە پايدىغا ئېرىشىش ھەقلىرى تېخىمۇ يوق! چۈنكى، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرى خىتاينىڭ «تەمىنلەش ۋە سېتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى» (供销合作社) ئارقىلىق بىر تۇتاش باھا بەلگىلىنىپ سېتىپ ئېلىنىدۇ. دېھقانلارنىڭ بۇ خىل كوپىراتىپلار بىلەن باھا تالىشىش ئىمكانى تېخىمۇ يوق.
دېمەك، ئۇيغۇر ئېلىدىن فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى ئىككى قىرغاق سودا ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتناشقان كارخانىلارنىڭ بۇ يىغىندا قولغا كەلتۈرگەن 350 مىليون يۈەنلىك زاكاسنىڭ پايدىسى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يانچۇقىنى ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چۆنتىكىنى تولدۇرىدۇ.
مەلۇمكى، كوممۇنىست خىتاي ئۆزىنى «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم» دەپ ئاتىلىۋالغان، ئەمما يا سوتسىيالىزمغا، يا كاپىتالىزمغا ئوخشىمايدىغان «غەيرىي كوممۇنىست تۈزۈمى» دىكى دۆلەتتۇر. خىتاي بۇ خىل «غەيرىيلىك» نى نۆۋەتتە «خىتايچە ئالاھىدىلىك» دەپ تەشۋىق قىلماقتا. قىزىق يېرى شۇكى، بۇ خىل «تۈزۈم ئالاھىدىلىكى» پەقەت ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئۆز مەناسىنى تاپماقتا.
خۇددى ئۇيغۇر ئېلىدا «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نى تەشۋىق قىلىش، ئەمەلىيەتتە دىنسىزلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان كوممۇنىست دۆلىتى ئۈچۈن قانچە ئەخمىقانىلىق بولسا، ماركىسزم-لېنىنىزم ئىدىيەسىدە تەۋرەنمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا «خىتايچە ئالاھىدىلىك» نى قوشۇپ قويۇشمۇ ئەمەلىيەتتە شۇنچە مەنتىقىسىز ۋە بىمەنىلىكتۇر. ھالبۇكى، خىتاي بۇ قىلمىشلىرىنى پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئالدىدا ھېچ ھېيىقماستىن تەشۋىق قىلماقتا، ھەتتا ماركىسىزم ۋە لېنىنىزم ئىدىيەسىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىمىز دەپ جار سېلىۋاتقان خىتاي «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەققى» نىڭ ماركىسىزم ۋە لېنىنىزم ئىدىيەسىنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىدەك بىر ھەقىقەتنىمۇ «خىتايچە ئالاھىدىلىك» نامىدا بۇرمىلىماقتا.
ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، كوپىراتىپ تۈزۈمىنى ھازىرغىچە قوللىنىۋاتقان ياۋروپادا دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، دېھقانچىلىق ياۋروپادىكى بايلار كۆپ چىقىدىغان كەسىپلەرنىڭ بىرىدۇر. گوللاندىيەنى مىسالغا ئالساق، ھەر 500 مىليونېرنىڭ ئىچىدە بىرى دېھقاندۇر. ياۋروپادىكى دۆلەتلەردە قۇرۇلغان دېھقانچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بولسا، خىتايدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان شەخسلەر ھەمكارلىقىدىكى كوپىراتىپلاردۇر. ياۋروپادىكى دېھقانلار مەزكۇر كوپىراتىپلار ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقى ئاستىدا سودا-ئالاقىدە ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈم ياراتقان. ئەمما خىتايدا بولسا ئىشلار پۈتۈنلەي پەرقلىق. ئاتالمىش «دېھقانچىلىق كوپىراتىپ» لىرى دېھقانلارغا تەۋە ئورگان بولماستىن، بەلكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئورگانغا ئايلاندۇرۇلغان. دېھقانلارنىڭ «دېھقانچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپ» لىرىغا ئەزا بولۇشى مەجبۇرلاش بىلەن، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ پايدا ئېلىشى بولسا «تەمىنلەش ۋە سېتىش كوپىراتىپ» لىرىنىڭ باھا قويۇشى بىلەن بەلگىلىنىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياۋروپا جەمئىيىتى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىستېمىسى بەرپا قىلغان. چۈنكى ئەينى چاغدا ياۋروپا كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان بىر جاي بولۇپ، ئامېرىكانىڭ تەرەققىيات ئۇسلۇبىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش ئىمكانى تۆۋەن ئىدى. بۇ ۋەجىدىن ياۋروپا ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالىغا ئاساسەن، كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مېتودى بىلەن كوممۇنىزم جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مېتودىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى ئۆرنەك ئېلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى «ئۈچىنچى يول» نى تېپىپ چىققان. ياۋروپانىڭ بۇ خىل «تۈزۈم ئالاھىدىلىكى» ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەدىن پەرقلىق بولغان ئىقتىسادىي سىستېمىسىنىڭ بۈگۈنگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى. شۇنداقلا كاپىتالىزىمنىڭ غەربتىكى تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئۆتكەن يەتمىش نەچچە يىلدىن بېرى سىجىل ئېشىشىنى ساقلاپ كەلدى.
قارىماققا خىتايمۇ خۇددى 1978-يىلىدىكى «3-ئومۇمىي يىغىن» دىن كېيىن ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» نى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، خەلقئارا جامائەتكە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئۆزگىچە يېڭىلىق ياراتقاندەك تەسىر پەيدا قىلدى. ھالبۇكى، خىتاي يا ياۋروپادەك ئۆز ئەھۋالىغا ماس بولغان ئوتتۇراھال يولنى تېپىپ چىقالمىدى، ياكى خىتايغا خاس تەرەققىيات يولىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقالمىدى. ئەكسىچە، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاينىڭ دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن بۆسۈپ كىردى. بۇنى ئاز دەپ خەلقئارا رىقابەتتە دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىقتىساد، سىياسەت بىلەن قوللىدى. ئۇلارنىڭ خەلقئارادا كۈچلىنىشى، كۆپىيىشى ۋە بېيىشىغا دۆلەت سۈپىتىدە ئارقا تېرەك بولدى. ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى خەلقئارا سودا قائىدىسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ ئىدى. ئەمما خىتاي بۇ قىلمىشىغىمۇ ئاتالمىش «خىتايچە ئالاھىدىلىك» تامغىسىنى ئۇرۇپ، ئۆز قىلمىشلىرىنى ھەقلىق كۆرسىتىپ كەلدى.
دەرۋەقە، خىتاي خەلقئاراغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش، دېھقانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى تەشۋىق قىلىش، دېھقانلارنى بۇ تەرەققىياتلارنىڭ نەپ ئالغۇچىسىدەك كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۆز جىنايەتلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى تاشقىي دۇنيادىن يوشۇرۇپ كەلمەكتە. «خىتايچە ئالاھىدىلىك» بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر دېھقانلار داۋاملىق ھالدا بۇ تەرەققىياتلاردىن سىقىپ چىقىرىلىۋاتقان بولسا، خەلقئارادا خىتاينىڭ بۇ «ئالاھىدىلىكى» ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن خەلقئارا سودا-ئالاقە قائىدىلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىشقا يۈزلەنمەكتە!
***بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.