يېڭىدىن تۈزۈلگەن خىتايچە دەرسلىكلەر ئۇيغۇر مائارىپىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

سىتوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2024.09.18
xitaylashturush-mektep-xitay-tili-2.jpg خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتايچىلاشتۇرۇشتا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈش سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خىتاي تىلى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە 9 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجراتقان. يۇقىرىدىكى سۈرەتتە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتاي تىلىدا دەرس ئاڭلىماقتا. 2004-يىلى 3-مارت، كورلا.
AFP

يېقىندا خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 2024-يىلى كۈز مەۋسۇمىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يېڭىدىن تۈزۈلگەن دەرسلىك كىتابلارنى ئىشلىتىش توغرىلىق ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىنغان. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىككى يىل بۇرۇن دەرسلىك ئۆزگەرتىش پىلانىنى باشلىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئەخلاق ۋە قانۇنچىلىق، تىل-ئەدەبىيات، تارىخ دەرسلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ پەن بويىچە بىر تۇتاش تۈزۈلگەن دەرسلىك كىتابلىرى ئىكەن. دەرسلىك كىتابلار ئالدى بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يولغا قويۇلىدىكەن، ئاندىن ئۈچ يىل ئىچىدە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بارلىق يىللىقلارنى قاپلايدىكەن.

ئۇنداقتا يېڭىدىن تۈزۈلگەن دەرسلىك كىتابلاردىكى يېڭى مەزمۇنلار نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ دەرسلىك كىتابلار خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى خىتايچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى قىبلىنامە قىلغان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى كىملىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن مەزمۇنلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. مەسىلەن، تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدە ھەرقايسى خىتاي سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى كىلاسسىك نەزملەر، نەغمىلەر ۋە ھېكايىلەر، ھازىرقى زاماندىكى قىزىل ئەسەرلەردىن «لېي فىڭنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن ئىككى ئۈلگە»، «جىڭگاڭشەندىكى بامبۇك»، «تاغ ئەسلىمىسى» ۋە «مەن ياش» قاتارلىق تېكىستلەر يېڭىدىن تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.

خەۋىرىمىزدە بولغىنىدەك، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا مەجبۇرىي مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى پەيدىنپەي تارتىۋېلىندى. ئۇيغۇر تىلىنى ئېلىپ ئېيتساق، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلى چەكلىنىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچراشتەك قىسمەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ خىل ۋەزىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى پەقەتلا سۈكۈت قىلىشقا ياكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىتاي تىلىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلماقتا. شۇڭا تەتقىقاتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىتىلىش ۋەزىيىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر تۈرى بولغان «تىل قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىماقتا.

ئادەتتە بىر مىللەتنىڭ مائارىپى شۇ مىللەتنىڭ خاس مائارىپ ئىدېئولوگىيەسى ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى، ئېچىنارلىقى ئۇيغۇر تىلىدا ئەڭ ئەقەللىي ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىمۇ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ مىللەتنىڭ مائارىپىدىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن.

خىتاي تىلىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا مەجبۇرىي ھالدا ھۆكۈمەت، مائارىپ سىستېمىسى ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇش ئالاقىسىدە ھۆكۈمران تىلغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر مائارىپى ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىدىن، پىسخىك يىلتىزىدىن بارغانسېرى يىراقلاشتۇرۇلدى؛ مىللىي ئەخلاق ئەنئەنىسى ۋە مىللىي كىملىكنىڭ مەكتەپ تەلىم-تەربىيەسىدىكى رولى جارى قىلدۇرۇلمىدى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇر تىلىدىكى مىللىي مائارىپ تامامەن يوق قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلىدىكى مائارىپ دەسسىتىلدى.

ئۇيغۇر، قازاق ۋە موڭغۇل قاتارلىق مۇستەقىل تىل-يېزىقى بار مىللەتلەر نېمە ئۈچۈن بىر تۇتاش خىتايچە دەرسلىكلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلىندى؟

خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا بۇ ھەقتە يېڭى دەرسلىك كىتابلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشىگە، شۇنداقلا ئىشقا ئورۇنلىشىش، زامانىۋى ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى قوبۇل قىلىشى ۋە جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي تىلىدىن باشقا تىللارنى تۆۋەن كۆرۈش پوزىتسىيەسىدە بولغان ياكى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن زىيانلىق دەپ قارىغان.

ئۇنداقتا ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلىدا تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرنىڭ ھەممىسى بىر مەغلۇبىيەتمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق بولمىغان. مەيلى دەرسلىك مەزمۇنلىرى بولسۇن ياكى پېداگوگىكىلىق رولى جەھەتتىن بولسۇن، ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەر ئەينى ۋاقىتتىكى يۇقىرى سەۋىيە ئۆلچىمى بويىچە تۈزۈلۈپ، تۈركۈم-تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان دەپ ئېيتالايمىز.

1956-يىلى ئاتالمىش شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، دەرسلىك تۈزۈش پىلانىنىڭ ئىزچىل ھالدا سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكىدەك نېگىزلىك مەسىلىنى بايقىيالايمىز.

شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ سابىق باشلىقى ئابدۇسالام توختى ئەپەندىنىڭ خاتىرىسىچە، 1956-يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى قۇرۇلغاندىن كېيىن سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلار ئۆزگىچە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقىغا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن كىتابلار ئىكەن. 1958-يىلىدىن باشلاپ، ئىككىنچى قېتىملىق دەرسلىك تۈزۈلگەن. بۇ ۋاقىتتا يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى باھانىسى بىلەن، بىر قىسىم خىتايچە سۆزلەر قوبۇل قىلىنىشقا باشلىغان. مەسىلەن، ئەدەبىياتنى «يۈۋېن»، گىرامماتىكىنى «يۈفا» دەپ قوللانغان.

كېيىنكى يىللاردا 1961-يىلدىن 1981-يىلغىچە بولغان 20 يىل ئىچىدە دەرسلىكلەر ئاساسەن خىتاي تىلىدىكى دەرسلىكلەردىن تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان. 1982-يىلدىن باشلاپ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ نىسپىي گۈللىنىش ھالىتى بىلەن پاراللېل ھالدا مىللىي تىل-ئەدەبىيات ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە بىرقەدەر ئەھمىيەت بېرىلىپ كەلگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ دەۋردە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى ۋە زىيالىيلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە دەرسلىك كىتابلارغا ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى دەۋردىكى نەمۇنىلىرىدىن ئۆرنەكلەر كىرگۈزۈلدى. ئەمما بۇ كىتابلار ئۇزۇن ئۆتمەيلا خۇددى ئۈششۈك تېگىپ توزۇپ كەتكەن چېچەككە ئوخشاش قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۆزدىن يوقىتىلدى. 2017-يىلى باشلانغان «تېررورلۇق ۋە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش» نامىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زور تۇتقۇن ۋە تەقىب ئاستىغا ئېلىش ھەرىكىتى داۋامىدا دەرسلىك كىتابلارنىڭ مۇھەررىرلىرى ۋە مەسئۇللىرىدىن ساتتار ساۋۇت، يالقۇن روزى، ئابدۇرازاق سايىم، ۋاھىتجان ئوسمان قاتارلىق زىيالىيلار «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇندى» دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمىلەرگە قامىلىپ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدى. ھەتتا سابىق مائارىپ نازىرى ساتتار ساۋۇت ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئۇلار تۈزگەن ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلار «زەھەرلىك دەرسلىك» دەپ تەنقىد قىلىندى. شۇندىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلىرىمۇ ئاخىرقى نەپسىدىن توختىدى. ئۇيغۇرچە دەرسلىك دېگەن ئۇقۇم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن گويا يەتمەك ناھايىتى مۈشكۈل بولغان بىر خىيالغا ئايلاندى.

يىغىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلارنىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك تارىخى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مۇددىئالىرى ئۈچۈن خالىسا چىڭىتىپ، خالىسا بوشىتىپ قويىدىغان رەزىل سىياسىتىنىڭ گۇۋاھچىسىدۇر.

1978-يىلدىن 2008-يىلغىچە بولغان ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرشۇناس تىموسى گرۇس شۇ ھەقتىكى ئىلمىي ماقالىسىدە ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتمۇقات تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. تىموسى گرۇس «ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى خىتاي دۆلىتىنىڭ تەشۋىقات ماشىنىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرنىڭ خىتاي ئورگانلىرىنىڭ قەدەم-باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش ۋە كونتروللىرىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ نەشر قىلىنالمايدىغانلىقى ئېنىق بىر ھەقىقەت تۇرۇقلۇق، ئۇلار يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانلىق زەربىسىگە ئۇچرىدى.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 2017-يىلدىن باشلاپ خىتاي تىلىدىكى مەجبۇرىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشتەك قىسمەت تېڭىلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانىدى. 2024-يىلى يېڭىدىن نەشر قىلىنغان ئۈچ پەننىڭ دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ قىزىللاشقان، خىتاي كىملىكىگە تېخىمۇ يېقىنلاشقان مەزمۇنلار بىلەن تولغانلىقى مەلۇم بولماقتا. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، يېڭى دەرسلىك كىتابلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن خىتاي ئاسسىمىلياتسىيەسىگە يەنىمۇ يېقىنلاشقانلىقىدىن، ئۆز ئېتىقادى، مىللىي قەدىريەتلىرىدىن يىراقلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ دۇردانىلىرىنى، «يەتتە قىزلىرىم» نىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرىنى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان» شېئىرىنى ئۆگىنەلمەيدۇ؛ ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىگە كەشتە بولۇپ كەلگەن خەلق چۆچەكلىرى ۋە قوشاقلىرىنى ئاڭلىيالمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە ئويدۇرما قەھرىمانلار بىلەن كاللىسى يۇيۇلىدۇ.

ئۇيغۇر مائارىپى ئالدى بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىيالىغاندا، ئاندىن قالسا ئۇيغۇر مىللىي ئېڭىنى ئاساس قىلغان مۇئەييەن ئىدىيە ئاساسى شەكىللەندۈرگەندە ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدۇ. خىتاي تىلىدىكى دەرسلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا زورلاپ تېڭىلىشى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئانا تىلنى قوغداش يولىدىكى خىزمەتلەرنىڭ تېخىمۇ جىددىي، تەقەززاسىز ۋەزىپە ئىكەنلىكىدىنمۇ دېرەك بېرىدۇ.

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.