خىتايچىلاشتۇرغان «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە» زادى قانداق ئۇقۇم؟

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.07.11
exmetjan-qasimi-maw-zedong.jpg 1949-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى» ۋە «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نى قۇرىدۇ. شۇ كۈنى سەھنىگە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى ماۋ زېدوڭنىڭ سۈرىتى بىلەن باراۋەر ئېسىلغان كۆرۈنۈش.
RFA/Qutlan

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4-ئىيۇل كۈنى بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان. قىزىق يېرى شۇكى، خىتايدا ھەقىقىي مەنىدىكى ئاپتونومىيە ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس! ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھەققى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەزەلدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن. ئەكسىچە خىتاي ئىزچىل يوسۇندا، ئاتالمىش «ھەر مىللەت خەلقىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ داش قازىنىدا ئېرىتىپ، بىرلا مىللەتكە ئايلاندۇرۇۋېتىش» تىن ئەسلا ۋاز كەچكەن ئەمەس. ئۇنداقتا، ئەسلىدىنلا ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن ئاتالمىش «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەشتىكى سەۋەب نېمە؟

مەزكۇر يىغىننىڭ تەپسىلاتىدىن ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى نۇقتىنىڭ باش تېما قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن: بىرىنچىسى، شى جىنپىڭنىڭ خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بويىچە مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقى؛ ئىككىنچىسى، شى جىنپىڭنىڭ «ماركىسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسى» نى خىتايچىلاشتۇرۇش قارىشىنىڭ، كوممۇنىست پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ بەرگەنلىكى.

ئۇنداقتا، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم» ئاتالغۇسىدىكى خىتايچە ئالاھىدىلىك زادى نېمە؟ ئۇنىڭ «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە، ئاتالمىش «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم» ئۇقۇمى خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىسلاھات» ىدىن كېيىن، بولۇپمۇ 1982-يىلىدىن بۇيان تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغان بىر ئىدېئولوگىيە دەپ تەرىپلىنىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېڭىچە ۋارىيانتى بولغان، كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى بىر پارتىيەلىك تۈزۈمنى قوغداش، ماركسىزم، لېنىنىزم ۋە ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىش ۋە غەرب بۇرژۇئازىيە ئىدىيەسىنىڭ بىر قىسىم بازار ئىگىلىكى ئۇقۇمىدىن ئۆرنەك ئېلىش تەشەببۇسىنى، شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۈز يىللىق تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئاتالمىش «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم» قۇرۇش ئىدىيەسى ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىمۇ، دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىمۇ ئىستېمالدا بار سۆزلۈكتۇر. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، بۇ يەردىكى «خىتايچە ئالاھىدىلىك» نىڭ يېڭى بىر ئۇقۇم ئەمەسلىكى ئېنىق. بۇ يەردىكى يېڭىلىق چۈشەنچىسى پەقەت ئەسلىدىكى غەربچە كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىنى خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىپ شەكىلدە ئۆزگەرتىشتىن شەكىللەنگەن ئەبجەش ئۇقۇملۇقى ئاشكارا. بۇ نۇقتىدىن «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە» نى چۈشىنىشىمىزمۇ تەس ئەمەس. يەنى، بۇ خىل «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى» نىڭ خىتايچە ئالاھىدىلىكى دەل ئۇنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىندۇر.

ئۇنداقتا، «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى» خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە قانداق شەكىلدە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى؟

يۇقىرىدا ماركسىزم، لېنىنىزم بىلەن ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا يەنە غەربنىڭ بازا ئىگىلىكى ئېلېمېنتىنى قوشۇشنىڭ ئۆزى سوتسىيالىزمنىڭ خىتايچە ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى، بۇنداق ئەبجەشلىكنىڭ ئىجادچىسى دەل شى جىنپىڭ بولغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدۇق. دەرۋەقە، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنىڭ خىتايچە ئالاھىدىلىكىمۇ دەل يۇقىرىقى قېلىپ ياكى فورمۇلا بويىچە بەرپا قىلىنغانلىقى بىر رېئاللىق. يەنى، ماركسىزملىق مىللەت قارىشى بويىچە بولغاندا، خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن مىللەتلەرنىڭ ھەر ۋاقىت چەكلىمىسىز ھالدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەققى بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنىڭ ئالدىغا «خىتايچە ئالاھىدىلىك» نى قوشقاندىلا، ئۇنى خىتايچىلاشتۇرۇپ، خىتايدىكى بارچە مىللەتلەرنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» دىن ئىبارەت خىتايلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەك ئۇلۇس دۆلىتىنىڭ يۇغۇرۇلما توپىغا ئېرىتىپ قوشۇۋەتكىلى بولىدىغان يېڭى بىر خىتايچە ئىدىيەگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ماركسىزمچىلارنىڭ ھەرىكەت نىشانىدىكى «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى» دېگەنلىك، سىياسىي تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشتىن باشقا، يەنە مۇستەقىل بولۇش ۋە مىللىي دۆلەت قۇرۇش مەنىلىرىنى بېرىدىغانلىقى ئېنىق. شۇنداقلا بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان مىللەتلەر باراۋەرلىكى ئۇقۇمىنىڭ، ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىلا كۆرسىتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. لېنىننىڭ 1914-يىلى ئېلان قىلغان «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ھەققىدە بايان» ناملىق ماقالىسىدىمۇ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ، بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر يات مىللەت باشقۇرۇشىدىكى دۆلەتتىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 دېمەك، خىتاي بار كۈچى بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» ھەرىكىتى، دەل خىتايدىكى بارچە مىللەتلەرنى خىتاي مىللىتىگە يۇغۇرۇۋېتىش، ئاقىۋەتتە خىتايدا «جۇڭخۇا مىللىتى» دىن ئىبارەت بىرلا مىللەت ياساپ چىقىش ھەرىكىتىدۇر. «جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكى» خىتايدىكى بارچە مىللەتلەر تەرىپىدىن ئورتاق قوبۇل قىلىنغاندا، خىتايدا ئاتالمىش «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە» گە ھېچقانداق ئېھتىياج قالمايدۇ. ئۇ چاغدا خىتاي ھەم «ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسى» گە ئەمەل قىلغان، ھەم مىللەتلەرنى يوقىتىپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنىڭ ئەمەلدىن قېلىشىغا تولۇق شارائىت ھازىرلىغان بولىدۇ.

شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي بۇ يەردە ئاتالمىش «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقىنى يوق. بەلكى ئۆزى ئىشەنگەن «ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسى» نى خىتايچىلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا شارائىت ھازىرلاش ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ھەقىقىي مەقسىتىدۇر. بۇنى ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەبلەر بىلەن شەرھلەش ئارتۇقچە خالاس!

 [ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.