خىتاينىڭ تېلېۋىزورلاشتۇرۇلغان مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش كۆرۈنۈشلىرى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.04.11
ilham-toxti-oqughuchisi-tv-iqrar.jpg ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قارىلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى تېلېۋىزوردا ئىقرار قىلدۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈش.
CCTV

10‏-ئاپرېل كۈنى، خەلقئارا «قوغدىغۇچىلار ھامىيسى تەشكىلاتى» ناملىق بىر كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى خىتايدىكى «سېنارىيە ۋە سەھنىلەشتۈرۈلگەن-خىتاينىڭ تېلېۋىزورلاشتۇرۇلغان مەجبۇرىي ئىقرار كۆرۈنۈشلىرىنىڭ پەردە ئارقىسى» ماۋزۇسىدا بىر دوكلات ئېلان قىلدى. 106 بەتتىن تەركىب تاپقان بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق دۆلەتكە قاراشلىق تېلېۋىزىيەلىرىدە ‏2013-يىلىدىن 2018‏-يىلىنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا تارقىتىلغان جەمئىي 45 ئىقرار فىلىمى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغان. مەزكۇر ئورگان بۇ دوكلاتنى تەييارلاش جەريانىدا تېلېۋىزىيەگە چىقىرىپ ئىقرار قىلدۇرۇلغان بىر قىسىم كىشىلەر ياكى ئۇلارنىڭ يېقىنلىرىنى زىيارەت قىلغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تېلېۋىزوردا ئىقرار قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ساقچىلارنىڭ مەجبۇرلىشىغا، تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇشىغا ئۇچرىغان. بەزىلىرى ھەتتا تېلېۋىزىيەگە چىقىرىلىشتىن ئاۋۋال دورا بېرىلىپ، مەست قىلىنغان. ئۇلارنىڭ تېلېۋىزوردا سۆزلىگەن «ئىقرارلىرى» پۈتۈنلەي شۇ ساقچىلار تەرىپىدىن يېزىپ بېرىلگەندىن باشقا، ئۇلارنىڭ تېلېۋىزىيەگە نېمە كىيىپ چىقىدىغانلىقى، سۆزلىگەندە قانداق يوسۇندا سۆزلەيدىغانلىقى، ھەتتا قەيەردە تىنىق ئېلىپ، قەيەردە كۆز يېشى قىلىشى كېرەكلىكىدەك دېتاللارمۇ بېكىتىپ بېرىلگەن.

مەزكۇر ئورگاننىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تېلېۋىزوردا ئېلان قىلىنغان بۇ ئىقرار سەھنىلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە ۋاقتىدىن قارىغاندا، بۇنىڭ ئاساسەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا قارىتىلغان تەشۋىقات ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن. مەسىلەن، بەزى ئىقرارنامىلەرنىڭ تېلېۋىزوردا تارقىتىلغان ۋاقتى خىتايدا «ئىنتېرنېتقا ئۆسەك سۆز تارقىتىشقا قارشى تۇرۇش»، «زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش» دېگەندەك ھەرىكەتلەرگە توغرا كەلگەن. بەزىلىرى خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان بىر كىشى ھەققىدە خەلقئارادا خىتايغا قارشى تەنقىدلەر كۈچەيگەن مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان. بۇنداق «ئىقرار» لارنى قىلغانلار ئاساسەن چەتئەل پۇقرالىرى بولغان. مەسىلەن، خەلقئارا جامائەت شىۋېتسىيە پۇقرالىقىدىكى خىتاي يازغۇچى گۈي مىڭخەينى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاندتىن يوشۇرۇنچە خىتايغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى جىددىي تەنقىد قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇ خىتاينىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە پەيدا بولۇپ، ئۆزىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىتايغا تەسلىم بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇنداق مەجبۇرىي ئىقرار فىلىمىغا چىقىرىلغان ئاساسەن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، مۇستەقىل ژۇرنالىستلار، ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنى تەنقىد قىلغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان. دوكلاتتىكى ئېستېتىكىدىن قارىغاندا، 2013 ‏-يىلىدىن 2018‏-يىلى فېۋرالغىچە جەمئىي 45 تېلېۋىزىيە ئىقرار پروگراممىسى تارقىتىلغان. ئىقرار قىلغۇچىلارنىڭ 60 پىرسەنتى ژۇرنالىست، ئىنتېرنېت يازغۇچىسى ياكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان. قالغان 40 پىرسەنتى تېررورلۇق، زەھەرلىك چېكىملىك، چىرىكلىك قاتارلىق دېلولاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، تېررورلۇق كاتېگورىيەسى ئىچىدىكىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىكەن. تېلېۋىزىيەدە مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلغانلارنىڭ 68 پىرسەنتى خىتاي ئىكەن. ئەمما دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ بىر پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدىغان ئۇيغۇرلار بولسا 12 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن. يۇقىرىدىكى ئىقرار فىلىملىرى ئەڭ كۆپ تارتىلغان ئورۇنلارنىڭ بېشىدىمۇ يەنە بېيجىڭ ۋە ئۇيغۇر ئېلى كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى يۇقىرىدىكى بۇ رەقەمنىڭ كۆپ نەرسىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە: «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىغا سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بۇنداق نىسبەتلەردىن يەنە ‹دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش› ۋە ‹تېررورلۇق› بىلەن ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلۈكىنىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىدىغانلىقىغا گۇمان پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مەلۇم بىر مىللەتنى، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى پۈتۈن بىر گەۋدە بويىچە جىنايەتچى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېنىق يورۇتۇپ بەرمەكتە» دېدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنى تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا سۆزلەشكە ئۇلارنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ يېنىكلىتىلىدىغانلىقى ياكى قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىش ياكى بولمىسا ئائىلە ئەزالىرىغا زىيان يېتىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىش ۋە ياكى ئۇلارنى پسىخىك ھەم جىسمانىي جەھەتتىن قىيناش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەجبۇر قىلىدىكەن.

تېلېۋىزورغا چىقىرىلغان كىشىلەر بىر بولسا ئۆزىنى ۋە ياكى سەپداشلىرىنى ئەيىبلەش، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنى ماختاش ياكى ئۆزىنى ئىنكار قىلىشنى مەزمۇن قىلغان سۆزلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلىنىدىكەن. بۇنىڭدىكى ئەيىبلەش تۈرىگە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنغان 3 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنىڭ تېلېۋىزوردا ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختىنى ئەيىبلەشكە، ئۇنى سۆكۈشكە سېلىنغانلىقى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئىلھام توختىنىڭ لو يۈۋېي ئىسىملىك ئوقۇغۇچىسى ئەينى چاغدا ئوقۇتقۇچىسى ھەققىدە: «ئۇ بىزگە گېپىمنى ئاڭلىمىساڭ، مەن سېنى قۇملۇققا ئاپىرىپ كۆمۈۋېتىمەن، سىلەرنى ھېچكىم تاپالمايدۇ، دەيتتى. ئۇ بىر ئوقۇتقۇچى ئەمەس، بىر قاراقچىغا ئوخشايتتى» دېيىشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن.

ھالبۇكى، گېرمانىيەدىكى ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ پەقەت ئۆز مىللىتىگە باراۋەر ھوقۇق تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلانغانلىقىنى ۋە ھۇجۇم نىشانى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر قانىلى ئىلھام توختىنىڭ پەرھات خالمۇرات، شۆھرەت نىجات ۋە لو يۈۋېي ئىسىملىك 3 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىلھام توختىنى قارىلىغان سۆزلىرىنى 2014‏-يىلى تېلېۋىزوردا ئېلان قىلغان ۋە ئىلھام توختىنى سوتلاش يىغىنىدا يۇقىرىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرمىدىكى مەجبۇرىي ئىقرارى دەلىل-ئىسپات سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

مەزكۇر دوكلاتتا مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەنلەر ئىچىدە يەنە، ‏-2014 يىلى 6-ئايدا خوتەندە جىھادىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بىر قىمارخانىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مىرزات، 2015-يىلى «جىھاد قىلىش ئۈچۈن ماڭغان» دا مالايشىيادىن تۇتۇپ كېلىنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تۇرسۇن، ئارزۇگۈل قادىر، ئابلىمىت تۇرغۇن ۋە شۇنداقلا ‏-2014 يىلى قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتى ئىمامى جۈمە تاھىرنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان نۇرمەمەت ئابلىمىتمۇ بار بولۇپ، نۇرمەمەت ئابلىمىت ئىقرار كۆرۈنۈشىدە چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن ھالدا، تۈرمە كىيىمى، تۆمۈر ئورۇندۇققا كىشەنلەنگەن ھالدا كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى 45 فىلىم ئىچىدىكى ۋەزىيىتى ئەڭ ئېغىر بولغىنى ئىكەن.

ھېنرىي ئەپەندى يۇقىرىدىكىدەك ئاتالمىش «ئىقرار» لارنىڭ قانداق بىر ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنىڭ دۇنيا جامائىتىگە ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ۋە بۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە باھا بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە: «تېلېۋىزىيەدە تارقىتىلغان بۇ ئىقرار كۆرۈنۈشلىرى ھەقىقەتەن بىر جىنايەتنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئەمەس. ئۇ ئەسلىدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشىنىڭ كۆرۈنۈشىدۇر. بۇ كىشىلەر ئۇچرىغان ئېغىر پسىخىك ۋە جىسمانىي بېسىم قاتتىق تەنقىد قىلىنىشى كېرەك. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە باھا بەرگەندە بىز چوقۇم يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش ‹جىھاد› ۋە ‹تېررورلۇق› ھەققىدە يۇقىرىدىكىدەك ئويدۇرۇپ چىقىلغان پاكىتلارنى نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك» دېدى.

«قوغدىغۇچىلار ھامىيسى تەشكىلاتى» دوكلاتىدا مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا تېلېۋىزورغا چىقىرىلغان ۋە ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى بۇ تەشكىلاتقا سۆزلەپ بېرىش شارائىتىدىكى شىۋېتسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پېتېر داھلىن، ئەنگلىيەلىك خۇسۇسىي رازۋېدچىك پىتېر خامفېرىي ۋە شۇنداقلا ۋېن قاتارلىقلارنىڭ تەسىراتلىرىغا ئورۇن بەرگەن. ئۇلار بىردەك ھالدا، ئۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر ھاقارەتكە ئۇچرىغان بىر ۋاقتىلىقىنى، غۇرۇرىنىڭ پۈتۈنلەي يەر بىلەن يەكسان قىلىنغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالىنىڭ ئۆزلىرىدە ئېغىر پسىخىك بېسىم پەيدا قىلغانلىقى ۋە ھەتتا پسىخىك كېسەللىك پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتقان. پىتېر داھلىن ئەپەندىمۇ تېلېۋىزورغا چىقىرىلىدىغان كىشىلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بىر قەپەسكە سولانغان ھەم ئەتراپى بىر مۇنچە ساقچى ۋە ئاتالمىش مۇخبىرلار تەرىپىدىن ئورالغان ھالدا ئۆزى دېيىشنى خالىمىغان نەرسىلەرنى دېيىشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى، ئۇ يەردىكى خورلۇقنى تىل بىلەن تەسۋىرلەشنىڭ ئىنتايىن قېيىنلىقىنى، بۇنى ھازىر ئويلىسىمۇ ئىنتايىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بەزى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ئاشۇنداق تېلېۋىزىيە ئىقرارىدىن كېيىن ئەركىنلىككە چىققاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ گۇمانلىق قاراشلىرىغا ئۇچرىغان ۋە ئاخىرى بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولغان.

«قوغدىغۇچىلار ھامىيسى تەشكىلاتى» دوكلاتىدا بۇنىڭ دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغان نەتىجە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتايدىكى بۇنداق ئاتالمىش ئىقرارلارنىڭ پەردە ئارقىسىنى بىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. يۇقىرىدىكى تەشكىلات دوكلاتىدا، ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇللار بىلەن سەھنىلەشتۈرۈپ چىققان ئىقرار پروگراممىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا خىلاپلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ دۆلەت مۇخبىرلىرى ۋە مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى «مەزكۇر جىنايەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق يانتاياقلىرى»، دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ تەشكىلات چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگە چاقىرىق قىلىپ، خىتايدا قانۇن ۋە قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئەمەل قىلىش، مەجبۇرىي تېلېۋىزوردا ئىقرار قىلدۇرىدىغان پروگراممىلارنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇش ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نورمىلىرىغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ھەققىدە خىتايغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر ئورگان شۇنداقلا بۇ جىنايەتكە ئورتاق بولۇۋاتقان خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ CCTV1، CCTV4 ، CGTN، CCTV13 قاناللىرىنى ئامېرىكىدا مەتبۇئات ئورگىنى دەپ ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ دۆلەت ئورگىنى قاتارىدا تىزىمغا ئېلىش، يۇقىرىدىكى قاناللارنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ساياھەتكە كېلىشىنى چەكلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، ماگنېتىسكىي قانۇنى ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنلارنى تۈزەش ئارقىلىق كومپارتىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەم باشقا ئاخبارات ئورگانلىرىغا قانۇنىي جازا تەرتىپى بېرىشنى باشلاش قاتارلىق تەكلىپلەرنى سۇنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.