ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش نىشان قىلىنغان بىر قاتار ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسەتلەرنى ئېلىپ بارغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىقى ئىقتىسادىي سىياسەتلەر بولۇپ، بۇ ھۆكۈمەتلەر «ئىقتىسادى گۈللەنگەن خىتاي تەبىئىي ھالدا دېموكراتىيىلىشىش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ» دېگەن كۆز قاراشقا ئىشەنگەن. بىراق، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئەمدى خىيالىدىن ئويغىنىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكىدا پرېزىدېنت سايلىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا يېڭى پرېزىدېنت ۋە يېڭى ھۆكۈمەت ئۆزگەرتىشكە ياكى تۈزىتىشكە تېگىشلىك سىياسەتلەر ھەققىدە قىزغىن مۇنازىرىلەر بولماقتا. ئۇلارنىڭ بىرى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتى ئۈستىدە بولۇپ، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. يېقىندا «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكىنىڭ خەتەرلىك خىتاي فانتازىيىسى» دېگەن ماقالە ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.
ماقالىنى «لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى، ئامېرىكا جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جەيمىس مېن يازغان بولۇپ، ئۇ مۇلاھىزىسىدە مۇنداق دېگەن: 1990-2000-يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكىلىق چوڭ تىجارەتچىلەر ۋە ھەر ئىككىلا پارتىيىدىن بولغان سىياسىي لىدىرلار مەن «خىتاي فانتازىيىسى» دەپ ئاتايدىغان سىياسىتىنى قايتا -قايتىلاپ يولغا قويدى. ئۇ بولسىمۇ «تىجارەت، چەتئەل مەبلىغى ۋە تەرەققىيات بۇ دۆلەتتە سىياسىي لىبىراللىققا يول ئاچىدۇ» دېگەن كۆز قاراش ئەينى يىللاردا سابىق پرېزىدېنت بىل كىلىنتون «خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ ئەركىنلىشىشى خۇددى بېرلىن تېمىنىڭ ئۆرۈلۈشىدەكلا مۇقەررەر» دېگەن ئىدى. كېيىنكى پرېزىدېنت جورج بۇشمۇ ئوخشاش مۇشۇ كۆز قاراش بىلەن سىياسەت يۈرگۈزۈپ «خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋېرىڭلار، نەتىجە ھامان بىزنىڭ» دېدى. ئەمما ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، خىتايدىكى ئىشلار بىز ئويلىغاندەك بولمىدى. ئۆتكەن يىللار ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي ئۆكتىچىلىككە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇپ كەتتى... جۈملىدىن خىتاينى تىجارەت ۋە ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىش ۋە تەرەققىيات ئارقىلىق باي قىلىش ئارقىلىق دېموكراتىيەلەشتۈرىمىز دەيدىغان بۇ «خىتاي فانتازىيىسى» تېخىمۇ ئېغىر بېسىم ۋە تېخىمۇ يېپىق سىياسىي رېجىم شەكىللەندۈردى.
ئاپتور مۇلاھىزىسىدە خىتاينىڭ ھازىرقى بۇ «كۈچلۈك دەرىجىدە خەلقئارالاشقان ئەمما ئوخشاش ۋاقىتتا قاتتىق قول بىر پارتىيە دۆلىتى» مودېلىنىڭ رۇسىيە، تۈركىيە ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارمۇ قوغلىشىدىغان بىر خىل تۈزۈمگە ئايلىنىپ قېلىش خەۋپى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىن مانا بۇ رىقابەت بىلەن يۈزلىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنداقتا، خىتاينىڭ ئۆزگەرمەسلىكى ۋە ئەكسىچە تېخىمۇ دىكتاتور بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەب نېمە؟
ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇنىڭ سەۋەبىنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىدىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇ خىتايدىكى كوممۇنىست ھاكىمىيەت يوقالمىغۇچە خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىدىكى يۇقىرىدىكى ماقالىنىڭ ئاپتورى جەيمىس مېن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ قاتتىق قول بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەبنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن : بۇنىڭ جاۋابى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ رېجىم شۇنداق قىلىشىم كېرەك ۋە شۇنداق قىلالايمەن دەپ ئويلايدۇ ھەم سىرتتىمۇ ئۇلارنى شۇنداق قىلىشتىن توسىدىغان بىر چەكلىمە يوق. بىرىنچىسى، خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ مۇرەككەپ ۋەزىيەتمۇ شەكىللەندى شۇڭا خىتاي پۇقرالىرىدا يېمەك بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىغا ئوخشاش بىر قاتار مەسىلىلەرگە قارىتا نارازىلىقلار ئۇلغايدى. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نارازىلىقنىڭ ئاخىرى بېرىپ بىر سىياسىي ئۆكتىچىلىككە ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى چىڭىتتى. ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆكتىچىلىككە زەربە بېرىش ئىقتىدارى ھەسسىلەپ ئاشتى. تېخنىكا تەرەققىياتى ئۇلارنىڭ تەقىب قىلىش ۋە كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى. ئۈچىنچىسى، دۇنيانىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي ئالاقىسى بۇ دۆلەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ، بىر نەرسە دېيىشتىن ئۆزىنى تارتىدىغان قىلىپ قويدى. مەسىلىنىڭ ئەڭ چوڭىمۇ مانا مۇشۇ چۈشەنچىدىكى خاتالىق. ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئوبرازىغا دىققەت قىلىدۇ ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ تەنقىدىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇڭا دۆلەتلەرنىڭ لىدىرلىرى خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدە كۈچلۈك بولۇشى ۋە بۇ جەھەتتە ئۆز ئارا بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ، ئامېرىكىنىڭ چوقۇم ئۆز قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن خىتاينى ئۆزى قول قويغان خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
جەيمىس مېن ئەپەندى بولسا ھازىرقى شارائىتتا خىتايدىكى بۇ ۋەزىيەتنى ئوڭلاش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى مۇلاھىزە قىلىپ، «خىتايدا سىياسىي ئەركىنلىك ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا مۇمكىن قەدەر قەتئىي پوزىتسىيىدە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنى تەنقىد قىلىشتا چوقۇم بىر يەڭدىن قول چىقىرىشى، پەقەت ئاخباراتقا يېپىق يىغىنلاردىلا خىتاينى تەنقىد قىلىپ قويماي، ئوچۇق ئاشكارا تەنقىد قىلىشى كېرەك. بىز شۇنداقلا بېسىم سىياسەتلىرىگە قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلارنى جازالايدىغان يېڭى ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، نېمىشقا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۈرمىگە سولىغان خىتاينىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى ئامېرىكادىكى ئەڭ ئىلغار مەكتەپلەرگە ئەۋەتەلەيدۇ؟ خىتايدىكى رېجىم دەل بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قىلىۋاتقان تىجارىتىمىز يۈزىدىن ئۆزگەرمەيدۇ. خىتاي فانتازىيىسى ھەم چۈشەنچە خاتالىقى ھەم ئىستراتېگىيىلىك خاتالىقتىن ئىبارەت. شۇڭا يېڭى پرېزىدېنت چوقۇم ھەممە نەرسىنى يېڭىدىن باشلىشى كېرەك» دەپ بايان قىلغان.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى مېدىلىن ئېرپمۇ بىزگە قىلغان سۆزىدە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئۇنى تەنقىد قىلىشنى توختىتىپ قويسا بولمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچلۈك ئاۋاز بىلەن ۋە تېخىمۇ كۆپ ئالاقە بىلەن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا تىرىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.