خىتاي ئېلان قىلغان كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ھەم ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى توغرىسىدىكى مەلۇمات داۋاملىق گۇمان ۋە مۇنازىرە قوزغىماقتا.
6-ئاپرېلغا كەلگەندە دۇنيا مىقياسىدا كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 1 مىليون 300 مىڭ كىشىگە، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى 70 مىڭ كىشىگە ئۇلىشىپ قالدى. ئەمما كورونا ۋىرۇسى تارقالغان خىتايدا بولسا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 90 مىڭغا، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى 4 مىڭغا يەتمىدى. يالغۇز ئامېرىكادىلا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 300 مىڭدىن، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى 9 مىڭدىن ئېشىپ خىتايدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى دەرىجىگە يەتتى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 130 مىڭغا يەتكەن ئىتالىيەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى 15 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ ھال «كورونا ۋىرۇسى ئۈستىدىن بۈيۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق» دەپ ماختىنىۋاتقان خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا بولغان گۇماننى بارغانسېرى كۈچەيتىپ بارماقتا.
5-ئاپرېل كۈنى «گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسى «يۇقۇم تېخى ئاخىرلاشمىدى، خىتاي ئالدىراپ كۆرەڭلەپ كەتتى» ماۋزۇلۇق بىر خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە ھەرخىل مەنبەلەردىن نەقىللەر كەلتۈرۈلۈپ، خىتاي ئېلان قىلغان يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئۆلگۈچىلەرگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارغا ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
خەۋەرنىڭ مۇقەددىمىسىگە «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» گە بېسىلغان «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ دېموكراتىيەدىن ئەۋزەللىكى بارمۇ؟» ناملىق ماقالىدىكى قاراشلار مىسال قىلىنىدۇ. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ۋە بىر قىسىم خىتاي گۇماشتىلىرى خىتاينى بۇ قېتىمقى كورونا ۋىرۇسىنى تىزگىنلەشتە «نۇسرەت قازانغۇچى دۆلەت» دەپ تەرىپلىمەكتىكەن. ماقالىدە بۇنىڭغا قارشى ھالدا مۇستەبىت دۆلەتلەر بىلەن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر تەدبىرلىرى سېلىشتۇرۇلۇپ ئەگەر غەلىبە قازاندى دېيىشكە توغرا كەلسە خىتاينىڭ بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا غەلىبە قازانغان بىردىن بىر دۆلەت ئەمەسلىكى، كورېيە ۋە تەيۋەندىن ئىبارەت ئىككى دېموكراتىك دۆلەتنىڭ بۇ جەھەتتە خىتايدىن ئۆتە غەلىبە قىلغۇچى ئىكەنلىكى تەكىتلەن´گېن.
ماقالىدە 1960-يىللاردىن بۇيانقى يۇقۇملۇق كېسەلگە دائىر مەلۇماتلار ئاساسىدا «تارىختىن بۇيان يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئۆلگەنلەر نىسبىتىنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەردە ھامان مۇستەبىت دۆلەتلەرگە قارىغاندا تۆۋەن بولغان» لىقى مىسال كەلتۈرۈلگەن. مۇستەبىت دۆلەتلەردە ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئۇچۇرنىڭ قامال قىلىنىشى ۋە پۇقرالار بىلەن ھۆكۈمدارلار ئارىسىدا ئەركىن دىئالوگنىڭ بولماسلىقى ئىكەن. ئەمما بۈگۈن دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى يۇقۇم ۋە ئۆلۈم ۋەزىيىتى مۇستەبىت دۆلەتلەردىن ئۈستۈن كۆرۈنمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
تەيۋەننىڭ «شاڭ باۋ» گېزىتى بۇ ھەقتە «خىتاينىڭ ۋۇخەندە ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى ئاشكارا قىلغان ساننىڭ ئون نەچچە ھەسسىسىگە باراۋەر بولۇشى كېرەك» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە ۋۇخەندە تارقىتىلغان جەسەت كۈلىگە ئاساسلانغاندا، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنىڭ خىتاي ئېلان قىلغاندىن قانچە ئون باراۋەر يۇقىرى ئىكەنلىكى، پۈتۈن خىتايدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھازىرچە بىلگىلى بولمايدىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە ئېلان قىلغان ھەرقانداق مەلۇماتلىرىغا ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
مەزكۇر ماقالىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىر ۋىرۇس پەيدا قىلغۇچىدىن بىردىنلا دۇنيانى ۋىرۇستىن قوغدىغۇچىغا ئايلىنىۋالغانلىقى، «ياردەم بەرگۈچى، نىجاتكار» سۈپىتىدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دۇنياغا سەھىيە ئۈسكۈنىلىرى ۋە ماسكا سېتىپ پۇل تېپىۋاتقانلىقى، ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ساختىلىقى، ماسكىلىرىنىڭ سۈپەتسىزلىكى سەۋەبلىك يۈزى تۆكۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭنىڭ بۇ ھەقتە قاتتىق بىر سوئالغا دۇچ كەلگەنلىكى، بۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابىنىڭ يىرگىنچلىك ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، مۇخبىرلار خىتاينىڭ دۇنياغا سېتىۋاتقان سەھىيە ئۈسكۈنىلىرى ۋە ماسكىلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ ناچارلىقىغا چۈشەنچە بېرىشنى سورايدۇ. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ قوپال تەلەپپۇزدا «بىز يۇقۇم ئەھۋالىمىز ئېغىر مەزگىلدە چەتئەلدىن سېتىۋالغان ماللار ئىچىدىمۇ سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىرى بولغانغۇ؟» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ماقالىدە مەنتىقىسىزلىققا تولغان بۇ ئىبارە توغرىسىدا توختىلىنىپ «ئۆزىنى دەڭسەشتىن ئۇزاق بولغان مۇشۇنداق بىر ھاكىمىيەتنىڭ قانداقمۇ ‹ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەقدىرى گەۋدىسى›نى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش سالاھىيىتى بولسۇن؟ نېمىگە ئاساسەن ئۇ دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولسۇن؟» دېيىش ئارقىلىق بۇ كورونا ۋىرۇسى زامانى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ خىتايدىن قاتتىق ھېساب سورايدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.
نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرگەن زىيانلىرىغا خىتاينىڭ جاۋابكار بولۇشى لازىملىقىنى تىلغا ئالدى.
«يۇقۇم تېخى ئاخىرلاشمىدى، خىتاي ئالدىراپ كۆرەڭلەپ كەتتى» ناملىق ماقالىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنى تىزگىنلەش ئىشىدا ئالدىراپ كۆرەڭلەپ كەتكەنلىكى، ۋىرۇس تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مۆلچىرىگە ئاساسلانغاندا بۇ ۋىرۇسنىڭ خىتايدا يەنە پارتلاپ چىقىش ئېھتىماللىقىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى، شى جىنپىڭنىڭ مەغرۇرلىنىشىغا تېخى بالدۇر ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ.
ئەلۋەتتە، خىتايدىن تارالغان كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنيادا زور ئاپەت پەيدا قىلىپلا قالماي مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ھاياتىغىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارت شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى خىتاينىڭ ھازىر دۇنيادا ۋىرۇس تارقاتقۇچى ئەمەس، بەلكى «ۋىرۇستىن قۇتقۇزغۇچى» سۈپىتىدە ساختا رول ئېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى زەينىدىن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى قىسقىچە بايان قىلدى.
0:00 / 0:00