دوختۇر مەمەت ئىمىن: چاغاندا ئۇيغۇر دىيارىغا ۋابانىڭ تېخىمۇ شىددەتلىك دولقۇنى كېلىشى مۇمكىن

0:00 / 0:00

كوۋىد ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا دورا ۋە كېسەل كارىۋىتى يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈۋاتقانلىقىدىن باشقا يەنە بۇ ۋابادىن ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ ھەتتا جەسەتلەرنى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتىنىڭ 22-دېكابىر چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن ئىچكى يىغىننىڭ ئاشكارىلانغان خاتىرىسىگە قارىغاندا، 12-ئاينىڭ 20-كۈنىگە قەدەر خىتايدا 248 مىليون ئادەم ياكى %18 كە يېقىن ئاھالە، يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن.

بلۇمبېرىگنىڭ 23-دېكابىر تارقاتقان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ مۆلچىرىگە قارىغاندا، بۇ ھەپتە خىتايدا 37 مىليونغا يېقىن ئادەم Covid-19 بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن، خىتاي ھازىرغىچە دۇنيادىكى ۋابا ئەڭ ئەڭ كۆپ تارالغان دۆلەتكە ئايلانغان.

دەرۋەقە بۇ ھەپتە ئىچىدە ئۇدا بىر قانچە كۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر قانچە دوختۇرخانىلارغا قاراتقان زىيارەتلىرىمىزدىنمۇ، دوختۇرخانىلارنىڭ ئومرىكوندىن يۇقۇملانغان بىمارلار بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكى شۇنداقلا دوختۇرخانىلاردا كارىۋات، دورا يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۈرۈلىۋاتقانلىقى پاش بولغانىدى. ئەمما يۇقۇم جىددىي تارقىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى توغرۇلۇق ئىزچىل ھالدا 0 نى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى ئېيتىلماقتا.

ئەمما مۇتەخەسسىسلەر ئەزەلدىن ئاشكارە بولماي كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە.

ئۈرۈمچىلىك بىر خىتاي ئاھالىنىڭ قىسقا ۋىدىيو ھەمبەھىرلەش سۇپىلىرىدىن خاۋكەن تورىدا، 18-دېكابىر ئېلان قىلغان «كۆپچىلىك شىنجاڭدىن دورىلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتمەڭلار!» ناملىق مۇراجىئىتىدىن يالغۇز ئۇيغۇر رايونىدا دورىلارنىڭ قۇرۇتۇلغانلىقىدىن باشقا ئۇيغۇر دىيارىدا يۇقۇمنىڭ شىددەت بىلەن يامراۋاتقانلىقىمۇ پاش بولدى.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۈرۈمچى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەمدىلا 4 ئايغا سوزۇلغان يۇقۇم كونترولىدىن ئازاد بولغان بۇ كۈنلەردە، باشقا ئۆلكىلەردە شىددەت بىلەن ئېشېۋاتقان يۇقۇم ئەھۋالىنى تورلاردىن كۆرۈپ، بىزمۇ بېسىم ھېس قىلىشقا باشلىدۇق. بىزنىڭ ئىدارىنى ئېلىپ ئېيتساق 6-دېكابىر ئىشقا چۈشتۇق، 10-دېكابىرغا كەلگەندە 19 ئادەمدىن 12 سى يۇقۇملاندى. ئاساسەن %60 ئادەم يۇقۇملانغان بولۇپ چىقتى».

ئۈرۈمچى شەھىرىدىن تېلېفون ئارقىلىق مەلۇمات ئىگىلىشىمىز جەريانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى 6-تارماق دوختۇرخانىسى مۇتەخەسسىسلەر بۆلۈمىگە ئۇلانغان تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن ليۇ دوختۇر، يۇقۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمىدى ۋە يېقىنقى ئىككى ھەپتە داۋامىدا يۇقۇمدارلارنى كۆزىتىش جەريانىدىكى خۇلاسىسىنى قىسقىچە دەپ ئۆتتى: «شىنجاڭدا ئىدارە-ئورگانلار قايتا ئىشقا چۈشكىلىمۇ بىر ئايغا يېقىن بولۇپ قالدى دېسەك بولىدۇ، يېقىنقى ئىككى ھەپتىنىڭ ئەھۋالغا قارىغاندا دوختۇرخانىمىزغا كېلىۋاتقان بىمارلارنىڭ سانى يېقىنقى ئىككى كۈندە ئازلىدى، بەك ئېغىر ئاغرىقلار جىق ئەمەس ھازىر. بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئالامىتى زۇكام بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، بىراقلا ئۈنۈم بېرىدىغان دورىمۇ يوق. شۇڭا بىز دەسلەپ ئېغىر كېسەللەرگە قارىتا دەرھال داۋالاش ئېلىپ باردۇق، دورا، ئوكسىگېن بېرىش قاتارلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ، ئامالنىڭ ھەممىنى ئىشلەتتۇق. تەييارلىقىمىز بولمىغاچقا بەزىدە سەۋەنلىكلەر يۈز بەرمىدى دېيەلمەيمىز، بۇنداق جىق كېسەلنى بىرلا ۋاقىتتا داۋالاش ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس».

ئۇ يەنە يېقىنقى ئىككى كۈندە دوختۇرخانىدىكى پاتپاراقچىلىقنىڭ بىر ئاز يېنىكلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«دوختۇرخانىمىزدا 50 كارىۋاتنىڭ ھەممىسى توشۇپ دوختۇر سېستىېرالارمۇ يېتىشەلمەي قاغانىدۇق، يېقىنقى ئىككى كۈندە ئەسلىگە كېلىۋاتقانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھازىر كېسەلخانىدا 40 ئەتراپىدا ئادەم قالدى. ئېغىر بولمىسا ئۆيگە قايتۇرۇۋاتىمىز. يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش چۈشتى، بىزنىڭ ئۈسكۈنە ۋە دوختۇرلار يېتىشمەي قالغان تەقدىردە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكىلەردىن ئۈسكۈنە ۋە داۋالاش خادىملىرى ئەۋەتىدىكەن. ھەر تەرەپنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ يۇقۇمدىنمۇ ئۆتۈپ كېتىمىز دەپ ئويلايمەن».

ئەمما، ئۈرۈمچى ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ بىر دوختۇرى، بۇ قېتىملىق يۇقۇمدىن ئامان ئېسەن تۈپ كېتىشكە ئۇنچىلىك ئۈمىدۋار ئەمەسلىكىنى مۇنداق بىلدۈردى.

«ھازىرقى يۇقۇم ئەھۋالى ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، بىزنىڭ شىنجاڭدىمۇ يەرلىكلەردە يۇقۇملىنىش بارغانچە كۆپەيمەكتە. بىزنىڭ كلىنىكىلىق كۈزىتىشىمىزگە قارىغاندا، بەلگىلىمە بويىچە ياشانغانلار ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىق كېسەللىرى بارلار ۋاكسىنا ئەملەنمىگەن بولغاچقا بۇ يۇقۇمدا ياشانغانلارنىڭ يۇقۇملىنىشى گەۋدىلىك بولماقتا. بۇ بىزگە ۋىرۇس سەۋەبلىك كۆرۈلگەن كېسەل ئالامەتلىرىگە، تېنى ئاجىز، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن ياشانغانلارنىڭ بەرداشلىق بېرەلىشى تەس، ئەگەر 60 ياشنىڭ ئۈستىدىكى ياشانغانلارغا ۋاقتىدا مۇۋاپىق ۋاكسىنا ئەملەنمىگەن تەقدىردە، بۇ ۋىرۇس سەۋەبلىك ياشانغانلارنىڭ ئۆلۈم نىسبىتى بارغانچە ئېشىشى مۇمكىن».

گەرچە بۇ خىتاي دوختۇر، ئۆزى داۋالاۋاتقان كېسەللەرنىڭ ئەھۋالىغا ئېچىنىپ، ئەندىشىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ ئەمما بۇ دوختۇرخانىدا، مۇشۇ قېتىمقى ۋابا سەۋەبلىك ئۆلگەنلەرنىڭ بار يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

ئۇيغۇر دىيارى يۇقۇم ۋەزىيىتىنى ئىزچىل كۆزىتىپ تەھلىل قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكادىكى مۇتەخەسسىسلەردىن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي مۇتەخەسسىسى مەمەت ئىمىن ئەپەندى، خىتايدەك پەۋقۇلئاددە كۈپ نوپۇسلۇق دۆلەتتە، يۇقۇمنىڭ ۋاقتىدا كونترول قىلىنماسلىقى بىلەن تېخىمۇ يامانلاپ بارىدىغانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى مۇنداق بىلدۈردى:

«ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە قايتىدىن يەنە ئۆي بېسىپ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قىزىشقا ئوخشاش كېسەل ئالامەتلىرى ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلۈۋاتقانلىقى توغرۇلۇق، ئوخشىمىغان ۋىدىيولۇق ئۇچۇرلار تارقالماقتا. قايتا قايتا يۇقۇم دولقۇنلىرى، ئۆيدە ئاچ قېلىپ، داۋالىنىش قوبۇل قىلالماي ھەتتا ئوت ئاپىتىدە قۇتقۇزۇلماي ئۆلۈپ كېتىشتەك پاجىئەلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ ئەمدىكى يېڭى يۇقۇم دولقۇنىدا، ئۆزلىرىنى يەنە قانداق رەھىمسىز تەدبىرلەرنىڭ ساقلاپ تۇرۇۋاتقىنىغا بولغان ئەندىشىلىرىمۇ ئىپادىلەنمەكتە».

دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى، ئاشكارىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلار ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ پارتلاش خاراكتېرلىك يېڭى يۇقۇم دولقۇنى كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ ۋابانىڭ ئەڭ شىددەتلىك دولقۇنىنىڭ بولۇپمۇ يېڭى يىل ۋە چاغان مەزگىللىرىدىكى يۇرتىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا قايتقان خىتاي كۈچمەن دولقۇنىغا ئەگىشىپ كېلىدىغانلىقىغا بولغان پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەمەت ئىمىن ئەپەندى يەنە، گەرچە شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن بولسىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا يەنىلا ئۇنىڭ يۇقۇمنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن تۈركۈملەپ كارانتىن ئورۇنلىرىغا سولاپ، تەقىبكە ئېلىشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشىلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتايدا قايتا پارتلىغان كوۋىد ۋىرۇسى شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامال سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئېچىپ كۆرسەتمەكتە.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، خىتايدىكى يېڭى يۇقۇم دولقۇنىنىڭ قامالنى بوشىتىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيەتتە خىتايدا بۇ قېتىمقى قامالنى بوشىتىشتىن بۇرۇنلا باشلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. يەنە بەزى مەلۇماتلاردا خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم دولقۇنىغا تاقابىل تۇرالماسلىقى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.