خىتايدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئىككى قانۇن ۋە بۇ قانۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئالاقىسى

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2023.09.06
kamera-bayraq-beijing-tiananmen-AP بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى يول چىرىغىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئورنىتىلغان كۆزىتىش كامېراسىنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى لەپىلدەۋاتىدۇ.2019-يىلى 15-مارت، بېيجىڭ
AP

«جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ۋە «خەۋپسىزلىكنى باشقۇرۇش ۋە جازالاش قانۇنى» نىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىسى بارمۇ؟

خىتاينىڭ نوپۇزلۇق ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە يېقىندا «خەۋپسىزلىكنى باشقۇرۇش ۋە جازالاش قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى ئاتالمىش «ئاممىنىڭ پىكرىنى ئېلىش» تەشۋىقاتى تارقىلىش بىلەن تەڭ خىتايلار ئارىسىدا  ھەر خىل مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولدى. 

خىتاينىڭ ئاتالمىش «خەۋپسىزلىكنى باشقۇرۇش ۋە جازالاش قانۇنى» خىتاي تەۋەسىدە 2006- يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ، يېقىندا بۇ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەشۋىقاتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خىتايلار پۇقرالىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئەندىشە قوزغىغان.   تېخى ئەمدىلا بېسىققان ئاتالمىش «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دولقۇنىدىن كېيىن، مەزكۇر قانۇنغا «تۈزىتىش» كىرگۈزۈش تەشۋىقاتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى كىشىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.

 مەزكۇر قانۇننىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن سىناق نۇسخىسىنىڭ  34- ماددىسىدا «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ  مىللىي روھىنى سۇندۇرۇپ، كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەن، بەلگىلەرنى ئىشلەتكەنلەر؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللىي روھىنى سۇندۇرىدىغان تەشۋىقاتلاردا بولغان، بۇيۇملارنى ئىشلەتكەنلەر ۋە گەپ – سۆزلەرنى قىلغانلارغا جەرىمانە قويۇش ياكى تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ» ناملىق بەلگىلىمە كىشىگە ئىختىيارسىز ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدە 2017 – يىلىدىن بۇيان يۈرگۈزۈلگەن «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75  خىل ئىپادىسى» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامىلىش قىسمەتلىرىنى ئەسلىتىدۇ. ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلار ھەتتا ئاي يۇلتۇزلۇق بەلگە بار كىيىملەرنى كىيگەنلىكى، ئەسسالامۇئەلەيكۇم دەپ سالاملاشقانلىقى، نىكاھلانغانلىقى، ئەرەبچە كىتابلارنى ئوقۇغان، ساقلىغانلىقى، تېلېفونىدا ئەرەبچە سالام-سائەت سۆزلىرى، ئىپادىلىرى بولغانلىقى سەۋەبلىكلا دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ  تۈرمە ۋە لاگېرلارغا  قامالغانىدى. 

 يىللاردىن بۇيان گەرچە خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي پۇقرالىرىغا نىسبەتەن چېگرادىن كىرىپ-چىقىش ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا مۇتلەق ئەركىنلىككە ئىگە دەپ قاراشقا بولاتتى. ئەمما مەزكۇر قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن بولسا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىمۇ چەتئەلگە چىققانلىقى، چەتئەللىكلەردەك ياسانغانلىقى، چەتئەل مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى ياكى بىرەر ئېغىز گەپ – سۆزنى خاتا قىلىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك تەھدىتكە ئۇچرىشى مۇمكىن. يەنە تېخى،  ئاتالمىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويغان» لىقى ئۈچۈن ئېغىر ئىقتىسادىي تۆلەمگە قېلىشى ياكى تۈرمىگە قامىلىشى مۇمكىن.

يەنىمۇ ئىنچىكىرەك كۆزىتىدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلى ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل ئىپادىسى» ئېلان قىلىنىشتىن خېلى بۇرۇنلا، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە تۈزىتىش كىرگۈزمەكچى بولغان «بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش ۋە جازالاش قانۇنى» بىلەن كۆپ پەرقى بولمىغان بىر يەرلىك نىزام ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. يەنى بۇ يەرلىك نىزامنىڭ ئىسمىمۇ «جەمئىيەت بىخەتەرلىكىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش نىزامى» دېيىلگەن.

 مەزكۇر نىزام 2010- يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، نىزامنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغىنىمىزدا ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەر بولسا، دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. شۇنداقلا مەزكۇر نىزامدا باشتىن – ئاخىر «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش» قا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر  بېكىتىلگەن. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ «ئۈچ خىل كۈچلەرنى ئېنىقلاش، پاش قىلىش» قاتارلىق نۇرغۇن بەلگىلىمىلىرىمۇ، نۆۋەتتىكى  ئاتالمىش «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىشىدۇر. گەرچە يەرلىك نىزاملار بىلەن دۆلەت قانۇنى ئارىسىدا زور پەرق بولسىمۇ، ئەمما خىتايدەك بىر دۆلەتتە چىقىرىلىدىغان قانۇنلارنىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ياكى تىبەت قاتارلىق دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېغىر دەپ قارالغان رايونلارغا ئالدىن سىناق قىلىنىدىغانلىقى نۇرغۇن كىشىلەرگە سىر ئەمەس ئەلۋەتتە. بۇ ۋەجىدىن خىتايدا غۇلغۇلا قوزغىغان يۇقىرىقى ئىككى قانۇننىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان يۇقىرىقى ئىككى نىزام بىلەن مەلۇم ئالاقىسىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلالمايمىز.     

چۈنكى، ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان« پۈتۈن خەلقنىڭ  قەسەمياد»(全民亮剑) نامىدىكى «ئۈچ خىل كۈچلەردىن چەك – چېگرانى ئايرىپ، مەيدانىنى بىلدۈرۈش ھەرىكىتى» بولسۇن، ياكى نۆۋەتتە  تەشۋىق قىلىنىۋاتقان  «پۈتۈن خەلق جاسۇسلارنى تۇتۇش » (全民抓间谍  )  ھەرىكىتى بولسۇن، ماھىيەت جەھەتتە پەرقلەنمەيدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلارنى «ئۈچ خىل كۈچ» كاتېگورىيەسىگە ئايرىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشتا، خىتاي خەلقىنىڭ بۇ جىنايەتكە سۈكۈت قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى يىللاردا دىنىي ئېتىقادى، مىللىي كىملىكىدىن ئاستا – ئاستا  ۋاز كېچىش ۋە تەدرىجىي خاتالىشىشنى قوبۇل قىلىشقا يۈزلىنىشىنىڭ كەينىدە يۇقىرىقىدەك خەلق  ئارقىلىق خەلقنى ئىدارە قىلىشتەك سىياسىي تاكتىكىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ. 

جاسۇسلۇق قىلمىشى ئاساسەن خىتاينىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ماھىيىتىنى يوشۇرۇش بولسا خىتاي ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ چوڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى ھېسابلىنىدۇ.  شۇنداقلا بۇ مەخپىيەتلىكنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىشى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكىگە ئەڭ ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىمۇ تەبىئىي.

ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان قىسمەتلەرنىڭ خىتاي رايونلىرىدىمۇ ئومۇملىشىشى،   ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ بېشىغا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟

  خىتاي مەسىلىسىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئانالىزچىلار ياكى كۆزەتكۈچىلەر يېقىندىن بۇيان دەرۋەقە بۇ خىل ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى.  چۈنكى ئۇيغۇرلار يېقىنقى يىللاردا باشتىن كەچۈرگەن بىيولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ يىغىۋېلىنىشى، كەڭ كۆلەملىك نازارەت سىستېمىسى، كوپىراتىپ تۈزۈمى قاتارلىق تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېڭەيگەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى. دەرۋەقە، بۇ خىل سىياسەتلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېڭىيىشى ھەر خىل قىياسلارغا سەۋەب بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى مەسىلىنىڭ ئارىسىدا بىر قىسىم پەرقلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز تەس ئەمەس.  ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» نامىدا ئۇيغۇرلارنى كاتېگورىيەلەشتۈرۈپ، خىتاي جەمئىيىتىدە دۈشمەن ئوبرازىنى يارىتىش، يېتىم قالدۇرۇشتىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىش ۋە خىتاي مىللىتىگە سىڭدۈرۈۋېتىشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. ئەمما بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن بىر قىسىم سىياسەتلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېڭىيىشىنى بولسا پەقەت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.   چۈنكى، شى جىنپىڭ يېقىندا ئافرىقادىكى كېسەك دۆلەتلەر يىغىنىدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە بارغىنىدا  «خىتاينىڭ قۇدرەت تېپىشىدا شىنجاڭنىڭ رولى مۇھىم» لىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. يەنى بۇ دېگەنلىك، ئاتالمىش «قۇدرەتلىك خىتاي دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى شىنجاڭدا!» دېگەنلىك بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرۇشنىڭ ئۆزى شى جىنپىڭ ئېيتقان «دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى» غا مۇناسىۋەتلىك بولغان چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن يوقىتىش ۋە بۇ جىنايەتنى خەلقئاراغا «جۇڭگوچە ئۇسلۇبتا زامانىۋىلاشقان يېڭىچە دۆلەت قۇرۇش ئۇسۇلى» قىلىپ كۆرسىتىشتە «شىنجاڭ مەسىلىسى» نىڭ قانداق ھەل قىلىنىشى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، مەيلى خىتاينىڭ «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» بولسۇن ياكى «خەۋپسىزلىكنى باشقۇرۇش ۋە جازالاش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» لىرى بولسۇن، ئوخشاشلا بىرلا مەقسەت ئۈچۈن، يەنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنى داۋاملىق تۈردە يوشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىدا شەك يوق.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.